ئۇيغۇر زىيالىيلار: «ئۇيغۇر تىلىنى قوغداشتا ئانا تىل مائارىپىنىڭ ئورنىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ....»

ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە تارقىتىلغان بەزى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، يېقىنقى كۈنلەردە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىسمەن جايلىرىدىكى بەزى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئانا تىلىدا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012.04.17
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
qosh-til-oqughuchilar-305.jpg خوتەن قوش تىل مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار. 2006-يىلى 13-ئۆكتەبىر.
AFP

ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى سىناق تەرىقىسىدە باشلىغانلىقىغا 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت بولدى. بۇ جەرياندا گەرچە خىتاي، قوش تىللىق مائارىپنىڭ مەقسىتى ئاز سانلىق مىللەت پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئانا تىلىدا ۋە خىتاي تىلىدا ئوخشاش سەۋىيىگە يەتكەن قىلىپ تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، مەزكۇر سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشى جەريانىدا، پۈتۈنلەي ئەكسىچە ھالدا، ئۇيغۇر تىلى مائارىپتىن ئاستا‏-ئاستا سىقىپ چىقىرىلماقتا. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى پەقەت بىر ئانا تىل دەرسى سۈپىتىدە ئۆتىلىدىغان ئايرىم دەرسلىك بولۇپ، باشقا دەرسلىكلەرنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدىغان ھالەتكە كېلىپ قالدى.

بۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەركىن تەرەققىياتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئۇيغۇرلاردا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىللىق مائارىپى سىياسىتى» نىڭ ئۇيغۇرلارنى تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىغا نىسبەتەن نارازىلىق پەيدا بولدى. «قوش تىل مائارىپىمۇ ياكى خوش تىل مائارىپىمۇ؟»، «ئاتا تىلنى قۇتقۇزايلى» دېگەندەك مۇلاھىزىلەر چاقىرىقلار مەيدانغا كەلدى. ھەتتا 5-ئىيۇل ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكىتىمۇ قوش تىل مائارىپ سىياسىتىگە نىسبەتەن نارازىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى مەلۇم.

ھالبۇكى، يېقىندىن بۇيان غۇلجا شەھىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى غۇلجا شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋە ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيىسىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئاۋات ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە «ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئاساسىي ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزگەن.

بۇ ھەقتە تەڭرىتاغ تورىدا تارقىتىلغان ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ مۇسابىقىلەر جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار پۈتۈنلەي مىللىي پاسوندا كىيىنىپ، ساپ ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي بىلىم قابىلىيەتلىرىنى كۆرسىتىش بىلەن تەڭ نادىر سەنئەت نومۇرلىرىنى تەييارلاپ ئانا تىلىغا مەدھىيىلەر ئوقۇغان. ئانا تىلىنىڭ جەزبىدارلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ يادروسى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان.

قوش تىل مائارىپى سىياسىتى تۈپەيلى ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان ھەمدە ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى قوغداش ۋە ئانا تىل مائارىپىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان بۇنداق بىر پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا مۇرەككەپ ھېسسىياتلارنى ۋە بەزى گۇمانىي پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ يېتەرسىزلىكى، ئۇنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغان ھەمدە بۇ ھەقتە كۆپلەپ ئىلمىي ماقالىلەر ئېلان قىلىۋاتقان ئامېرىكىدىكى تونۇلغان ئۇيغۇر ئالىم ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇ خەۋەرنىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قىلىشتا ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىركىشىۋاتقانلىقىدىن سۆيۈنگەن بولسا، ئۇيغۇر ماكانىدا ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇنداق بىر مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى ئېچىندۇرىدىغان بىر خەۋەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كانادا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىدىن تۇيغۇنجان ئابدۇۋەلى ئەپەندىمۇ، يىللاردىن بۇيان قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئۇيغۇر تىل ۋە مەدەنىيىتىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان تەھدىتى ھەققىدە كۆپلەپ پىكىر بايان قىلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرى، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى بىر قىسىم جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ خىل ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قىلىشتا ۋە ياكى قوش تىللىق مائارىپ تەھدىتىنى يېنىكلەشتۈرۈشتە ھاياجانلانغۇدەك بىر نەتىجە ئەمەسلىكىنى، بۇ پەقەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى بېسىش ۋە يېپىشنى مەقسەت قىلىپ قوللىنىۋاتقان يەنە بىر نەيرىڭى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۇيغۇنجان ئەپەندى ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ مەزكۇر خەۋەردىن ئېچىنغانلىقىدەك تۇيغۇلىرى بىلەن ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تىل بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ مۇھىم ئاساسى، تىل ئالاقىلىشىش قورالى بولۇپلا قالماي، شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ قورالى. قوش تىللىق مائارىپى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئانا تىلنى قوغداش ھەققىدىكى تەدبىرلەر ئۈستىدە ئويلىنىشقا ۋە ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندىگەن ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشى ۋە بۇ جەھەتتە پەيدا بولۇۋاتقان كرىزىس چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان بىر مەسىلىگە ئايلاندى.

ئۇيغۇر زىيالىيلار ئانا تىل ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرىدە «ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداپ قېلىشتا ئانا تىل مائارىپىنىڭ ئورنىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ، شۇنداقلا ئانا تىل ئوقۇتۇشىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغاندا، ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتىدىن باشقا، تارىخ، مەدەنىيەت قاتارلىق بىلىملەرنى ئانا تىل ئوقۇتۇشى بىلەن بىرلەشكەن ھالدا ئەۋلادلارغا سىڭدۈرگىلى بولىدۇ.» دەپ تەۋسىيە قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.