ئۇيغۇر دىيارىدا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى
2012.03.15
بۇ ماقالىنى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت يازغان. ماقالىدە يېقىندىن بۇيان قەشقەر، خوتەن، گۇما، قاغىلىق ۋە كورلا قاتارلىق شەھەرلەردە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە بۇ ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى توغرىسىدا پىكىر-ئانالىز يۈرگۈزۈلگەن.
ماقالىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ، قوللىرىدا قورال يوق ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرىنى كىنايە ئارقىلىق تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى قەشقەردە توقۇنۇش يۈز بېرىپ 21 كىشى ئۆلتۈرۈلدى. ھۇجۇمچىلارنىڭ قوللىرىدا پىچاق بار ئىدى. ساقچىلارنىڭ قوللىرىدا بولسا ئاپتوماتىك قوراللار بار ئىدى. جەمئىي 21 كىشى نەق مەيداندا جان بەردى. ھۇجۇمچىلارنى تىرىك تۇتۇپ، سوتقا تارتقىلى بولاتتى، ئەمما ئۇنداق قىلىنمىدى، چۈنكى تۇتقۇن قىلىپ، تۈرمىگە سۇلاپ، سۇ ۋە تاماق بېرىش، كېيىن نەچچە ئاي سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىنى كۈتۈش بىر ئاۋارىچىلىك ئىش ئىدى. قانداق بولۇشتىن قەتئىي نەزەر سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى.
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى خوتەندە بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ياشلار خىتاي ساقچى ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلدى. بۇ ۋەقەدە ئىككى ساقچى قاتارلىق 4 كىشى ئۆلگەن ئىدى. خىتاي ساقچىلىرى، قوللىرىدا پىچاق ۋە كالتەكتىن باشقا قورال بولمىغان 10 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشنى نەق مەيداندا ئوق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈردى. چۈنكى ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىشنى كېرەك ئەمەس دەپ ئويلىدى. چۈنكى ئۇلار خىتايغا نىسبەتەن تېررورچى ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن ياشىماسلىق كېرەك دەپ قارىلىدۇ.
ماقالىنىڭ داۋامىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۆتكەن ھەپتە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى قۇرۇلتاي يىغىنى جەريانىدا، خىتاي ئەمەلدارلىرى، مۇخبىرلارنىڭ، تىبەت راھىبلارنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇش ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئىنساننىڭ دۇنياغا بىرلا قېتىم كېلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتنىڭ قىممىتىنى بىلىش كېرەكلىكىنى، راھىبلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئوت قويۇشنىڭ دىنغا نىسبەتەنمۇ گۇناھ ئىش ئىكەنلىكىنى ئۆزىنىڭ بۇ ۋەقەدىن ناھايىتى ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. دېمەك، خىتاي ھاكىمىيىتى، ئىنساننىڭ دۇنياغا بىرلا قېتىم كېلىدىغانلىقىنى، ئىنسان ھاياتىنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى بەك ياخشى بىلىدۇ. ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا بۇ قېتىمقى ۋەقەلەرگە ئوخشاش ۋەقەلەر يۈز بەردى. كىشىلەر دۆلەتنىڭ باج ئىدارىسى، بانكىلىرىغا قول بومبىسى ئېتىپ نۇرغۇن كىشىنى ئۆلتۈردى. ۋەقە سادىر قىلغۇچىلار تۇتقۇن قىلىنىپ سوتقا تاپشۇرۇلدى. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇلارنى تېررورچى دېمىدى. چۈنكى ئۇلار مۇسۇلمان ئەمەس ئىدى.»
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ پىكىر-قاراشلىرى
بىز ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن خىتاينىڭ قانداق بىر سىياسەت يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكى توغرىسىدا پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ پىكىر قاراشلىرىنى ئالدۇق.
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى توغرىسىدىكى پىكىر-قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
«2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەلەردىن كېيىن ئۇيغۇرلار خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ئۇ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەتسىزلىك، ناھەقچىلىك ۋە مىللىي سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىنى كۈتۈۋاتقان پەيتتە، خىتاي دائىرىلىرىنى، ھاكىمىيەت مۇقىملىقنى ساقلاش نام ئاستىدا تىل ۋە دىنغا ئوخشاش سەزگۈر مەسىلىلەردە چەكلىمە قويۇش، قاتتىق كۆزىتىش، نازارەت قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. قەشقەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى باھانە قىلىپ تارىخى ئۆيلەرنى چېقىۋەتتى. خەلقنى زۇلۇمغا ئۇچراتتى. شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرغان خىتاي كۆچمەنلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىش ۋە خىزمەتلىرىنى تارتىۋالدى. ئۇلارنى موھتاج ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى. دەرد-ئەلەملىرىنى شىكايەت قىلىدىغان پۈتكۈل دېموكراتىيە ئەركىنلىك يوللىرىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقى سەۋەبىدىن سەبىرى تېشىپ ئىجتىمائىي ۋە پسىخولوگىيىنىڭ تەسىرى بىلەن بۇ خىل ۋەقەلەر يۈز بەرمەكتە.»
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن خىتاينىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «دەسلەپتە خىتاي شۇنى بىلىش كېرەككى، بۈگۈن ئۇچۇر-ئالاقە دەۋرىدۇر، دۇنيادا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر شۇ ھامان ھەر يەرگە تارقايدۇ. ئۇيغۇرلارنى ئىلگىرىكىگە ئوخشاش تەشۋىقاتلار بىلەن ئۇخلىتىش، ئالداش مۇمكىن ئەمەس، ئېتنىك مىللەتچىلىكنىڭ، مىللىي سالاھىيەت ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئاڭ-چۈشەنچىنىڭ يۈكسەلگەن بۈگۈنكى كۈندە بىر مىللەتنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرىگە ئوخشاش دۇنياۋى قىممەتلەر پۈتكۈل دۇنيانى قاپلاپ كەتكەن پەيتتە بىر مىللەتنى چەتكە قېقىش بىلەن مەسىلە ھەل بولمايدۇ. ئىنسان تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئەركىندۇر. تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئوخشاش ۋە تەڭدۇر. پۈتكۈل ئىنسانلار كۆيۈنۈشكە، ھۆرمەتلىنىشكە ئېھتىياجلىق. ئىنسان روھىنىڭ نازۇكلۇقى، ئىنسان تۇيغۇسى سەزگۈرلەشكەن بۈگۈنكى كۈندە، ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ ياكى بىر مىللەتنىڭ باشقا بىر ئىنسان ياكى باشقا بىر مىللەت تەرىپىدىن كەمسىتىلىشى، ھاقارەت قىلىنىشى ۋە كەمسىتىلىشى، قاتتىق قول ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدىغان تۈپ ئامىلدۇر. شۇ سەۋەبتىن، خىتاي ھاكىمىيىتى، تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئاسسىمىلياتسىيە پىلانىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك. بۇ ھەقتە ئېنىق بىر قەدەم بېسىشى كېرەك. بۇنىڭغا يەرلىك خەلقىنى ئىشەندۈرۈشى كېرەك. ئۇيغۇرلارغا ۋەدە قىلىنغان ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ھوقۇقلىرىنى شەرتسىز بېرىشى كېرەك. بىر مىللەتنى مەجبۇرى ھۆكۈمرانلىق ئاستىغا ئېلىش، مەجبۇرى باشقۇرۇش ھېچ بىر زامان خۇشاللىق كەلتۈرمەيدۇ. خەلق ئىرادىسىگە، ئۆز ئىختىيارلىق ئاساسىغا تايانغان ئىجتىمائىي تۈزۈم شەرت. شۇنىمۇ بىلىش كېرەككى، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى داۋام قىلىدىكەن شەرقى تۈركىستاندا ھېچ بىر مەسىلە ھەل بولمايدۇ. چۈنكى بۇ پىلان نۇرغۇن خاتا ئىشلارنى قىلىشقا سەۋەب بولىدۇ. مىسال قىلىدىغان بولساق، پىلانلىق تۇغۇت نام ئاستىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەت ئەسلىدە ئاز سانلىق ھېسابلانغان مۇسۇلمان ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن يۈرگۈزۈلمەسلىكى كېرەك ئىدى. شەرقىي تۈركىستانغا نەچچە مىليون خىتاي كۆچمەنلەرنى كەلتۈرۈپ ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى بولۇپمۇ قىزلارنى ئەمگەك كۈچى نام ئاستىدا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە كۆچۈرۈپ زاۋۇت-فابرىكىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك ئەمەس ئىدى.»