ئۇيغۇرلار خىتاي كۆچمەنلىرى ۋە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بىلەن كۈرەش قىلماقتا

كانادا ۋاتەرلو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئاشوك كاپۇر ماقالە يېزىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا جىددىي تۈردە خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنى يەكلەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

0:00 / 0:00

ئاشوك كاپۇرنىڭ «تھې رېكورت» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇر رايونىدا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش جىددىيلەشمەكتە» سەرلەۋھىلىك بۇ ماقالىسىدە، تىبەت ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن قوشنا بولغان ئۇيغۇر رايونىدا، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ۋە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئوتتۇرىسىدا كۈرەشنىڭ كەسكىن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ:
ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 50% لىك ھالغا چۈشتى.خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نوپۇس جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى ۋە بېيجىڭنىڭ بۇ رايونغا ھەدەپ كۆچمەن كۆچۈرۈشى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نەپرىتىنى قوزغىماقتا. 2009-يىلى ئىيۇل ئېيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىدە 200 ئەتراپىدا كىشى ئۆلگەنىدى. 2011-يىلىدىكى ئىسياندىمۇ ئۆلۈم-يىتىم ۋەقەلىرى يۈز بەردى، دەپ يازىدۇ.

پروفېسسور ئاشوك كاپۇر ماقالىسىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنىڭ مەزكۇر رايونغا كۆچمەن كۆچۈرۈش بىلەن بىرگە ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ:
بېيجىڭ جەنۇبىي ئاسىيا بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانى سودا ۋە مال ئىشلەپچىقارغۇچى زاۋۇت-فابرىكىلار ئارقىلىق، ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە باغلاش ئۈچۈن،ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى يولغا قويماقتا. خىتاي دائىرىلىرى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ پۇقرالارنىڭ سىياسەت جەھەتتە ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىش ۋە دېموكراتىيە تەلەپلىرىنىڭ بېلىگە تېپەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، دەپ يازىدۇ.

ئۇ ماقالىسىدە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن خىتايلارنىڭلا مەنپەئەتلىنىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ چەتكە قېقىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ:
ئەمما، ئۇيغۇر رايونىدا ئەھۋال باشقىچە. ئۇيغۇرلار سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزلىرىدىن روشەن پەرق قىلىدىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنى مەزكۇر رايوندىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتلاردىن ئەڭ كۆپ بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرى خىتايدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل بولۇشنى تەلەپ قىلماقتا. بېيجىڭ بولسا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇيغۇرلاردىكى سىياسىي تەلەپلەر بىلەن ئۇلاردىكى مىللەتچىلىكنى بوشاشتۇرىدۇ، دېگەن نەزەرىيىگە ئىشەنمەكتە، دەپ يازىدۇ.

كانادا ۋاتەرلو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئاشوك كاپۇر ماقالىسىدە، ئۇيغۇر رايونى بىلەن تىبەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ كۈچىيىشى بىلەن بېيجىڭنىڭ تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى بايان قىلىپ:
بېيجىڭ نۆۋەتتە ئىككى خىل خاراكتېردىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتىگە دۇچ كەلمەكتە. بۇنىڭ بىرىنچىسى ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى بەرپا قىلىشنى تەلىپىدۇر. بۇنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قوللايدۇ. بۇ خۇددى دالاي لامانىڭ تىبەتتە تىنچ شەكىلدە ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىش تەشەببۇسىغا ئوخشاپ قالىدۇ. يەنە بىرى بولسا، ئىسلامىي ئىدېئولوگىيىنى چىقىش قىلغان زورلۇق ۋاسىتىلىرى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدا ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىشتۇر. بۇ ئىككى خىل يول بېيجىڭنىڭ بېشىنى ئوخشاشلا ئاغرىتماقتا، دەپ يازىدۇ.

پروفېسسور ئاشوك كاپۇر ماقالىسىدە، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ھەدەپ بازارغا سېلىنىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى» نىڭ ئۇنچىۋالا ئەمەلىي كۈچى يوقلۇقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر رايونى ۋە چەتئەللەردە يۈز بەرگەن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپلىرىنى ئىسمى بار، ئەمما جىسمى يوق بۇ تەشكىلاتقا باغلاشقا ئۇرۇنىدۇ.