ماقالە «ۋول سترىت» ژۇرنىلىنىڭ 9-ئاۋغۇستتىكى سانىغا بېسىلغان بولۇپ، ماقالىگە «شىنجاڭغا قارىتىلغان ‹يىپەك يولى› پىلانى مەسىلىنى ئېغىرلاشتۇرماقتا» دەپ تېما قويۇلغان. ماقالىدە ئالدى بىلەن 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە زور مىقداردا مەبلەغ سېلىپ، «يېڭى يىپەك يولى» قۇرۇپ چىقىشنى پىلان قىلغانلىقى ئەمما، بۇنىڭ يەنىلا مەسىلىنى ھەل قىلالمىغانلىقى كۆرسىتىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: ئىككى يىل ئۆتە ئۆتمەيلا، ئۆتكەن ئايدا يۈز بەرگەن قان تۆكۈلۈش 39 ئادەمنىڭ جېنىنى ئالدى. بۇ ۋەقەلەر، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر رايون ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا قاراتقان ئىقتىسادىي ئۆسۈشنىلا نىشان قىلغان ئالىي پىلانىدىكى نۇقسانلارنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان چېگرا سودىسى، بۇ يەرگە كېلىۋاتقان كۆچمەنلەر ۋە مەبلەغنىڭ خوتەن ۋە قەشقەردەك شەھەرلەرنى ئۆزگەرتىۋاتقانلىقى، ئەمما بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەنپەئىتى تەگمىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: ھالبۇكى، پايدا مەنپەئەتلەر ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ خىتايچە بىلمەيدىغان ئۇيغۇرلارنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىپ بارىدۇ. بۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ۋە نۆۋەتتە شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ 40 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان خىتاي كۆچمەنلىرىگە بولغان ئۆچمەنلىكنى ئۇلغايتىۋاتىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىگە سېلىنىدىغان مەبلەغنى 2 تىرىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، تاشيول، تۆمۈريول ۋە ئايرودروملارنى ياساپ چىقىدىكەن.
بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەرنى «غەربتىكى شېنجېن» قىلىپ قۇرۇپ چىقىش پىلانىمۇ بار بولۇپ، نۆۋەتتە قەشقەر كوچىلىرىدا «ياۋرو-ئاسىيادىكى خەلقئارالىق شەھەر» دېگەندەك لوزۇنكىلار قەدەمدە بىر ئۇچرايدىكەن.
ماقالە ئاپتورى يېقىندا قەشقەردە يۈز بەرگەن «يېڭى بازار ۋەقەسى» ۋە ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەلىرى ھەققىدە قەشقەرنىڭ شەھەر باشلىقى مەمتىمىن بەكرىنى زىيارەت قىلغان، ئەمما مەمتىمىن بەكرى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا، قەشقەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قەشقەرگە قاراتقان سىياسەتلىرىنى يادلاشقا چۈشۈپ كەتكەن.
ماقالىدە نەقىل قىلىشىچە، مەمتىمىن بەكرى نۆۋەتتە قەشقەر شەھەر نوپۇسىنىڭ 600 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكى، 2030-يىلىغا بارغاندا بۇنىڭ 1 مىليونغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېغزى-ئېغىزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتكەن، ئەمما «شۇ چاغدىمۇ قەشقەر شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 80 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىغان ھالەت ساقلىنىپ قالامدۇ؟» دېگەن سوئالغا: بىز بۇ يەردە بىر مىللەتنىڭ قانچىلىك ساننى ئىگىلەيدىغانلىقى ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ قانچە پىرسەنتنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بەلگىلىيەلمەيمىز. بۇنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات بەلگىلەيدۇ، دەپ جاۋاب بەرگەن. ماقالىدە «مەسىلە نېگىزىنىڭ دەل مۇشۇ نۇقتىدا» ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
ماقالىدە نەقىل قىلىشىچە، 2009-يىلىنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئامېرىكىلىق جۇغراپىيىشۇناس ئانتوني خوۋېل ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئۇششاق تىجارەتچىلەرنىڭ خىتايلارغا قارىغاندا ئاز پۇل تاپىدىغانلىقى، قەشقەر، خوتەنلەردە خىتايلار ئاز بولغاچقا بۇ يەردە ئىلگىرى زىددىيەتلەرنىڭ ئانچە كەسكىن كۆرۈنمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: ئەمما، قەشقەرنىڭ تەرەققىياتىدىن نەپ ئېلىش ئۈچۈن كېلىدىغان كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ خىل مۇھىت ئەمدى ئۆزگىرىدىغاندەك تۇرىدۇ.
ماقالىدە، خىتاي نوپۇسىنىڭ قەشقەردە كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقانلىقىنى قەشقەردىكى «يىراق دىيار» توپ سېتىش بازىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ماقالىدە نەقىل قىلىشىچە، مەزكۇر بازاردا سودا قىلىدىغان مەمەتجان 2001-يىلى سودىسىنى باشلىغاندا بازاردىكى 100 سودىگەرنىڭ ئىچىدە پەقەت 3 خىتاي بارلىقىنى، 10 يىل تىرىشىپ ھازىر ئېيىغا ئاران 16 مىڭ يۈەن تاپىدىغان ھالەتكە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر «يىراق دىيار» بازىرىدىكى سودىگەرلەرنىڭ 20 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى خىتاي سودىگەرلەر ئىگىلەيدىغان بولۇپ، بۇ يىل ئاپرېلدا خىتاي ئۆلكىسىدىن قەشقەرگە كېلىپ سودا باشلىغان ۋۇ شۇشاڭ بۇلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ، كېلىپلا ئۇنىڭ ئايلىق پايدىسى 20 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.
يەنە بىر ۋۇ فامىلىلىك خىتاي سودىگەرمۇ تېخى يېقىندا شېنجېندىن قەشقەرگە كەلگەن بولۇپ ئۇ: قالاق يەرلەردىكى ئادەملەرنىڭ كاللىسى تازا ئوچۇق ئەمەس. شۇڭا تەجرىبە ۋە ئىقتىدارىڭىزلا بولسا پۇل تېپىپ كېتەلەيسىز، دېگەن.
ئەمما يەرلىك ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەرنى ئېچىش، تومۇر يولنى پاكىستانغا تۇتاشتۇرۇش پىلانىغا يەنىلا ئىشەنچسىزلىك بىلەن قارايدىكەن.
27 ياشلىق بىر ئۇيغۇر يىگىت مۇنداق دېگەن: ئەگەر پاسپورتۇم بولمىسا پاكىستانغا تۆمۈريول ياسىغاننىڭ نېمە پايدىسى تېگىدۇ ماڭا. ھەممە پايدىنى خىتايلار ئېلىۋاتسا، قەشقەرگە مەبلەغ سالغاننىڭ بىزگە نېمە پايدىسى تېگىدۇ.
ئالدىنقى كۈنىمۇ رويتېرستا يۇقىرىقىغا ئوخشايدىغان بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ماقالىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرخىل ناھەقچىلىكلەرگە يولۇقۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ قەشقەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنىڭ قارا كۆلەڭگىسىدە ئۆي ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ غەزەپكە كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
ياۋروپادىكى بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 30-ۋە 31-ئىيۇل قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى «پاكىستاندا تەربىيە كۆرگەن تېررورچى كۈچلەر سادىر قىلدى» دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، غەرب مەتبۇئاتلىرىدا مەزكۇر ۋەقەلەرگە ئۇلاپلا ئېلان قىلىنغان تەكشۈرۈش ماقالىلىرى قەشقەردە ئاتالمىش تەرەققىيات ۋە ئېچىش پىلانى ئېلىپ كەلگەن نارازىلىقلارنىڭ خېلى ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلايدىكەن.