تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار ۋېن جياباۋنىڭ تۈركىيە زىيارىتىگە قانداق قارايدۇ؟

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ تۈركىيىگە ئېلىپ بارماقچى بولغان زىيارىتى تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئويغا سالماقتا. چۈنكى، بۇ زىيارەتتىن 9 كۈن كېيىن تۈركىيىنىڭ ئۈچ چوڭ شەھرىدە خىتاينى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى باشلىنىدۇ.

0:00 / 0:00

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە خىتايلاردىن تەركىپ تاپقان 100 كىشىلىك بىر سەنئەت ئۆمىكى تۈركىيىگە كېلىپ ئويۇن قويىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە ۋېن جياباۋنىڭ بۇ قېتىمقى تۈركىيە زىيارىتىدە "ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە كۆۋرۈكلۈك رولى ئوينىشى كېرەكلىكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشى" دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم خىتايلار سەلبىي جەھەتتىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ئېھتىمالى بار ئىكەن. بۇلار تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا.

ئۇيغۇرلار ۋېن جياباۋنىڭ بۇ زىيارىتىدىن نېمىلەرنى كۈتمەكتە؟ ئۇيغۇرلار قانداق كۆۋرۈكلۈك رولى ئوينىيالايدۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارنى تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن سورىدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.