ۋلادىمىر پۇتىننىڭ غايىسى- ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقى

4-ئۆكتەبىر كۈنى رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيىنىڭ «خەۋەرلەر» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ئىدىيىسىنى رەسمىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويدى شۇنىڭدەك ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقىنىڭ تۈزۈلمىسى، رولى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011.10.06
putin-medwedev-305.jpg ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﭘﯘﺗﯩﻦ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﻣﯧﺪﯞﯦﺪﯦﯟ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

پۇتىننىڭ بۇ ئىدىيىسى ھەققىدە تۈرلۈك ئىنكاسلار داۋاملاشماقتا.

پۇتىننىڭ تۆت ئىزاھاتى

ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ماقالىسى «ياۋرو-ئاسىيا ئۈچۈن يېڭى بىرلىشىش لايىھىسى- بۈگۈن تۇغۇلۇۋاتقان كېلەچەك» دەپ ئاتالغان بولۇپ، پۇتىن ماقالىسىنىڭ بېشىدا 2012-يىلى 1-يانۋاردىن ئېتىبارەن رۇسىيە، بېلورۇسىيە ۋە قازاقىستاننىڭ بىرلەشمە ئىقتىسادىي بىرلىك لايىھىسىنىڭ ئىش باشلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ ۋە ئارقىدىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان دۆلەتلەرنى بىر ئىقتىسادىي گەۋدە ئاستىغا توپلاپ، يېڭىدىن ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقى دەپ ئاتالغان تۈزۈلمىنى قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاساسلىرى، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەم رولى ھەققىدە سىستېمىلىق توختىلىدۇ.

پۇتىن ماقالىسىدە ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقىنى قۇرۇشنىڭ تۆت خىل مەقسىتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بىرىنچىدىن بۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنى ھەر قانداق شەكىلدە قايتا قۇرۇشنى مەقسەت قىلمايدۇ. بىز ھازىرقى زامان دۇنياسىغا قۇتۇپ بولۇش قابىلىيىتىگە ئىگە ۋە ياۋروپا بىلەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئارىسىدا ئۈنۈملۈك بەلۋاغلىق رولى ئوينايدىغان قۇدرەتلىك، دۆلەتتىن يۇقىرى ئىتتىپاق مودېلىنى تەشەببۇس قىلىمىز، دەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ۋلادىمىر پۇتىن ئىككىنچى مەقسەت سۈپىتىدە چۈشەنچە بېرىپ، «ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن بىرلىشىش جەريانلىرىنىڭ مەركىزى بولىدۇ» دەپ، ئۇنىڭ كېلەچەك مەۋقەسىنى ئەسكەرتىدۇ.

پۇتىن ئۆزىنىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقىنى قۇرۇشتىكى ئۈچىنچى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، ھازىر مەۋجۇت بولۇۋاتقان مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىنىڭ بۇ يېڭى ئىتتىپاق بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقى، بۇ ئىككى تەشكىلاتنىڭ بىر-بىرى بىلەن قارشى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقى بىلەن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىنى بىر-بىرىگە قارشى قويۇش بىر خاتالىقتۇر. بۇ تۈزۈلمىلەرنىڭ سابىق سوۋېت زېمىنلىرىدا ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئورنى ۋە ئۆز رولى بار» دەيدۇ.

ئۇنىڭ تۆتىنچى قارىشى ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقىنىڭ خاراكتېرى ۋە ھەمكارلىق دائىرىسى ۋە رولىغا قارىتىلغان بولۇپ، ۋلادىمىر پۇتىن «تۆتىنچىدىن، ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقى بىر ئوچۇق لايىھە بولۇپ، بىز بۇنىڭغا باشقا شېرىكلەرنىڭ كىرىشىنى قارشى ئالىمىز. بۇ، دۆلەتلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك خۇسۇسىي دۆلەت مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن بولغان، ئۆز ئالدىغا چىقارغان قارارى بولۇشى لازىم» دەپ تەكىتلەيدۇ.

رۇسىيە باش مىنىستىرى پۇتىن يەنە ئەسلىدە ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقىنى قۇرۇش مەقسىتىنىڭ كېلىپ چىقىش جەريانلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ:
«سابىق سوۋېت زېمىنلىرىدا بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق قۇرۇشقا بولغان ئىنتىلىش 1990-يىللارنىڭ بېشىدا باشلانغان بولۇپ، ‹ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقى› دېگەن بۇ ئاتالغۇ قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف تەرىپىدىن 1994-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 2000-يىلى، ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا رۇسىيە، بېلورۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان قاتناشقان. 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىدا كەلگۈسىدە قۇرۇلىدىغان ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقىنىڭ تەركىبىنى ئىلگىرى تاموژنا ئىتتىپاقى بولۇپ قۇرۇلغان رۇسىيە، بېلورۇسىيە ۋە قازاقىستان تەشكىل قىلىش قارار قىلىندى».

ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز ئالدىغا پۇلى بولىدۇ

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقى 2013-يىلىدىن ئېتىبارەن رەسمىي قۇرۇلۇپ، ئىشقا كىرىشىشى مۇمكىن ئىكەن.

 رۇسىيىنىڭ «رېگنۇم» ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئاخبارات كاتىپى دمىترىي پېسكوۋ 5-ئۆكتەبىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، قۇرۇلغۇسى ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقىنىڭ بىر قاتار تۈزۈلمىسى ۋە خاراكتېرى ھەققىدە توختالغاندا، ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقىنىڭ خۇددى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش بىرلىككە كەلگەن پۇل ۋە بىرلىككە كەلگەن تارقىتىش مەركىزىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇ يەنە ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئۆز سىياسىي ئىگىلىك ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقى، بىراق ئىقتىسادىي باشقۇرۇشنىڭ چوڭ دەرىجىدىكى بىرلەشمە ھالەتتە بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. پېسكوۋ سۆزىدە يەنە ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مودېلىغا ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكى، بۇ پىلاننىڭ كەلگۈسى ئالتە يىل ئىچىدە ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋە كۆپ خىزمەتلەرنىڭ قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ئىدىيىسى رەسمىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، بۇ نۇقتا بىردىنلا دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلاندى شۇنىڭدەك بۇ ھەقتە تۈرلۈك ئىنكاسلار مەيدانغا چىقتى.

تېخى بۇنىڭدىن بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى رۇسىيە بىرلىكى پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا پرېزىدېنت دمىتري مېدۋېدېۋ ئۆزىنىڭ كېلەر يىلى باش مىنىستىر ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرىدىغانلىقى، يەنى پۇتىننىڭ پرېزىدېنتلىق نامزاتلىقى بېكىتىلىپ، كېلەر يىلى پرېزىدېنت بولسا، ئۆزىنىڭ باش مىنىستىر بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

غەربلىكلەرنىڭ نەزىرىدىكى ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقى

پۇتىننىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقى ئىدىيىسى غەرب دۇنياسىنىڭ تۈرلۈك ئىنكاسلىرىغا سەۋەب بولغان بولۇپ، بۇنىڭدا پۇتىننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى قايتا مەيدانغا كەلتۈرۈش ۋە ياكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش رۇسىيىنىڭ يېڭى بىر قۇدرەتلىك دۆلەت شەكلىنى قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى بىردەك پەرەز قىلىنغان شۇنىڭدەك يەنە مۇنداق ئىدىيىنىڭ تۇغۇلۇشىدىكى سەۋەبلەر ئانالىز قىلىنغان.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ يەكۈنلىشىچە، فرانسىيىنىڭ «لې فىگارو» گېزىتىنىڭ ئانالىزىدىكى قاراش باشقىچە بولۇپ، بۇنىڭدا پۇتىننىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئىدىيىسىنىڭ تۈپ مەقسىتىنىڭ خىتايغا بېرىلگەن جاۋاب ئىكەنلىكى ھەمدە بۇنىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇشقا قارىتىلغانلىقى كۆرسىتىلىپ،«بۇنىڭدا سوۋېت ئىمپېرىيىسىنى قايتا قۇرۇش مەقسەت قىلىنمايدۇ، بەلكى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى رىقابەتچىلىكىگە جاۋاب بېرىش مەقسەت قىلىنغان» دەپ يېزىلغان.

ئەنگلىيىدە چىقىدىغان «كۈندىلىك خەتلەر» گېزىتىنىڭ ماقالىسى بولسا، بۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتىش ئىكەنلىكى، چۈنكى، پۇتىننىڭ رۇسىيىنىڭ بىر قىسىم شېرىك قوشنىلىرىنىڭ غەرب بىلەن بولغان يېقىنلىشىشىنى خالىمايۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

«مالىيە ۋاقىتلىرى» گېزىتى بولسا پۇتىننىڭ بۇ ئىدىيىسىنىڭ رۇسىيىنىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلغۇچىسى ئالىمى دۇگىننىڭ رۇسىيىنىڭ قۇدرەتلىك ياۋرو-ئاسىيا دۆلىتى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈپ، غەربنىڭ رۇسىيىنى يوق قىلىش ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش نەزەرىيىسىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

سلوۋاكىيىدە چىقىدىغان «ئىقتىسادىي خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ ماقالىسىدە رۇسىيىدىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە شەخس پۇتىننىڭ بۇ ئىدىيىسىنىڭ رۇسىيە سىياسىي تارىخىدىكى ستالىن ۋە برېژنېۋ قاتارلىقلارغا ۋارىسلىق قىلىش ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بۇ ئىدىيىنى كرېمىلنىڭ ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشى ئۈچۈن قورال سۈپىتىدە ئىشلەتمەكچى بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، چۈنكى، ھازىر رۇسىيىلىكلەردە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قۇدرىتىنى ئەسلەش خاھىشى مەۋجۇت. پۇتىن رۇسلار ئويلىغاندەك قۇدرەتلىك، ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقىدىنمۇ قۇدرەتلىك بولغان ھەم كىشىلەرگە قورقۇنچ ئاتا قىلالايدىغان بىر يېڭى ئىمپېرىيە قۇرماقچى بولغان.

پولشىنىڭ «كۈندىلىك خاتىرىلەر» دەپ ئاتالغان مەتبۇئات ۋاسىتىسىدە بولسا پۈتۈنلەي دېگۈدەك پولشىنىڭ ئەزەلدىن رۇسىيە بىلەن دۈشمەنلىشىش ۋە رۇسىيىگە بويسۇنماسلىق ئىدىيىسى بىلەن يۇغۇرۇلغان پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدا پۇتىننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش چوڭ بىرلىك قۇرۇش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقى ھەم ئۇنىڭ بۇنداق ئىتتىپاقنى قۇرالمايدىغانلىقى، چۈنكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقلىرى موسكۋا بىلەن ئورتاق قىممەت قارىشى ۋە مەقسەتكە ئىگە ئەمەسلىكى، ھازىر موسكۋانىڭ ئاجىز ئىكەنلىكى، شۇڭا پۇتىننىڭ بۇ ئىدىيىسىنىڭ موسكۋادىن باشقا ھېچ كىمگە كېرەك ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

قازاقىستان ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقىنىڭ نامزاتى

مەلۇم بولۇشىچە، ۋلادىمىر پۇتىن قۇرماقچى بولغان ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى نامزاتلىرى رۇسىيە، بېلارۇسىيىدىن ئىبارەت ئىككى سلاۋىيان دۆلىتى بىلەن قازاقىستاندىن ئىبارەت بىر تۈركىي جۇمھۇرىيىتىدۇر. باشقا تۈركىي تىللىق جۇمھۇرىيەتلەر ھەمدە باشقا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بۇ ئىتتىپاققا قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدە رەسمىي ئىنكاسلار يوق. ئەمما، قازاقىستاندىكى مىللەتچىلىك ئېقىمىدىكىلەرنىڭ قازاقىستاننىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقىغا كىرىشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.