«شىنجاڭ ئومۇمىي تارىخى» قانداق ئارقا كۆرۈنۈشتە ئوتتۇرىغا چىقتى؟ (2)
2012.10.23
شۇندىن باشلاپ، ئۇيغۇر تارىخچىلىرى ۋە بىلىم ئادەملىرىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر ئەسەرلىرى قاتتىق سىياسىي سېنزور ئاستىغا ئېلىندى. ساپ تارىخىي كىتاب ۋە ماقالىلەرنى يېزىش ئىمكانىيىتى كۈندىن-كۈنگە تارىيىپ كەتكەچكە، ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى تارىخىي رومانچىلىق يولى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئۆز تارىخىنى بىلىشكە بولغان ئىشتىياقىنى قاندۇرۇش يولىنى تۇتتى. ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئويغانغان زېمىن»، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر»، زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» قاتارلىق بىر يۈرۈش تارىخىي رومانلىرى قاتتىق سېنزور ئاستىدا يورۇقلۇققا چىقتى. ئابدۇۋەلى ئېلىنىڭ ئاپاق خوجا ۋە ياقۇپبەگ دەۋرىگە بېغىشلانغان بىر يۈرۈش تارىخىي رومانلىرى نەشردىن چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا چەكلەنگەن ئەسەرلەر سۈپىتىدە يىغىۋېلىندى. ئارقىدىنلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت بىر توپ «ياللانما تارىخچىلار» نى تەشكىللەپ، «شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى» نى تۈزۈپ چىقتى ھەمدە ئۇنى ئۇيغۇر رايونىدىكى بارلىق ئالىي مەكتەپلەردە مەجبۇرىي ئۆتۈلىدىغان دەرسلىك قىلىپ بېكىتتى.
2000-يىللارنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلى تارىخىغا بولغان سەزگۈرلۈكى ھەسسىلەپ ئاشتى. ۋاڭ لېچۈەننىڭ بىۋاسىتە كۆرسەتمىسى بىلەن خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ سىياسىي مەقسەتنى چىقىش قىلغان ئۇيغۇر ئېلى تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلىرى ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىنىشقا باشلىدى. ما داجېڭ، لى شېڭ، ۋاڭ جىلەي، پەن جىپىڭ قاتارلىق خىتاي تارىخچىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغان ھالدا «يېڭى تارىخ» ياساشقا كىرىشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ۋاڭ لېچۈەن بىۋاسىتە كىرىش سۆز يېزىپ تەستىقلىغان ما داجېڭنىڭ قەلىمىدىكى «دۆلەت مەنپەئىتى ھەممىدىن ئەلا» ناملىق كىتاب ھەممە جايدا داغدۇغا قىلىندى.
2004-يىلى ئامېرىكىدا فرىدرىك ستارنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە «شىنجاڭ: خىتاينىڭ مۇسۇلمانلار چېگراسى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى تارىخىغا بولغان سەزگۈرلۈكى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ.
2005-يىلىنىڭ بېشىدىن تارتىپ، خىتاي دائىرىلىرى بىر توپ ھۆكۈمەت تارىخچىلىرىنى توپلاپ، كۆپ توملۇق «شىنجاڭ ئومۇمىي تارىخى» تۈزۈش قۇرۇلۇشىنى باشلايدۇ ھەمدە بۇنى ئامېرىكىدا نەشر قىلىنغان «شىنجاڭ: خىتاينىڭ مۇسۇلمانلار چېگراسى» ناملىق كىتابقا بېرىلگەن جاۋاب دەپ ھېسابلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي دائىرىلىرى يەنە دىپلوماتىيە ئويۇنى ئويناپ، ئامېرىكىدا نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر ئېلى تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ كىتابنىڭ قەلەم تەۋرەتكۈچىلىرىنى «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزىدۇ.
كىتابنى يېزىشقا قاتناشقان جېيمىس مىلۋارد، درۇ گلادنىي، رۇدېلسۇن، گاردېنېر بوۋىڭدون، نەبىجان تۇرسۇن قاتارلىق 13 نەپەر تەتقىقاتچى ئامېرىكىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ «قارا تىزىملىكى» گە تىزىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ ماتېرىيال يىغىشى ياكى ئىلمىي تەكشۈرۈشلەردە بولۇشى چەكلىنىدۇ. ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ۋاشىنگتون پوچتىسى»، «بلۇمبېرگ»، «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق داڭلىق گېزىتلەرنىڭ 2011-يىللىق ئاۋغۇست ئېيىدىكى سانلىرىدا «شىنجاڭ 13» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ خىتايغا بېرىش ئۈچۈن سۇنغان ۋىزا ئىلتىماسىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بېرىلمەيلا رەت قىلىنغانلىقى ھەققىدە ماقالىلەر بېسىلىدۇ. يۇقىرىقى گېزىتلەردە بېرىلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خىتاي ئەلچىخانىسى ھەتتا ۋىزا تەلەپ قىلغان بىر قىسىم ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلاردىن «ئۆزىنى تەكشۈرۈش» ياكى «بايانات ئېلان قىلىش» شەرتلىرىنى قويغانلىقى مەلۇم. بىز خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بۇيرۇتۇپ يازدۇرۇلغان يۇقىرىقى كىتابلار ھەققىدە پىكىر ئېلىش ئۈچۈن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە «شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى» دەرسىنى ئۆتكەن، ھازىر شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.