«خىتاي ئافغانىستاندىكى تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە تىرىشىشى مۇمكىن»

بەزى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ئامېرىكا قىسىملىرى چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن بارلىققا كېلىدىغان ھاكىمىيەت بوشلۇقىدىن، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ پايدىلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.05.12
Yang-Jiechi-305.jpg خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جىېچى
http://en.wikipedia.org

ئافغانىستان تاشقى ئىشقى ئىشلار مىنىستىرى زالماي رەسۇل 10-مايدىن باشلاپ خىتاينى 4 كۈنلۈك زىيارەت قىلىپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى، مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچياڭ قاتارلىق شەخسلەر بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرىلەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرغان. ئافغانىستان بىلەن خىتاي 90 كىلومېتىر كەڭلىكتىكى تار كارىدور ئارقىلىق چېگرالانسىمۇ، لېكىن ئافغانىستان خىتاي ئۈچۈن بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. بەزى ئانالىزچىلار «9-سېنتەبىر ۋەقەسى» بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام غازاتچىلىرىنىڭ ئافغانىستاندا بازا قۇرۇپ، قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئاتلانغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا بىر قىسىم تۈركىستان غازاتچىلىرىنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر ئافغان-پاكىستان چېگرىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل 7-ئايدىن ئېتىبارەن ئافغانىستاندىكى قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈشكە باشلىغاندىن كېيىن، ئافغانىستاندا شەرقىي تۈركىستان غازاتچىلىرىغا پائالىيەت بوشلۇقى يارىتىپ بېرىدىغان بىر ۋەزىيەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. بۇ قاراشتىكى ئانالىزچىلار، ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زالماي رەسۇلنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىپ، لى كېچياڭ قاتارلىق ئەمەلدارلار بىلەن ئېلىپ بارغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە دائىر سۆھبەتلىرىنى بۇنىڭدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ياڭ جيېچى بىلەن زالماي رەسۇلنىڭ كونكرېت قانداق مەسىلىلەرنى سۆزلەشكەنلىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنمىدى. لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۈي تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان زالماي رەسۇلنىڭ زىيارىتىگە مۇناسىۋەتلىك باياناتىدا ئەسكەرتىپ، خىتاي ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش، كەمبەغەللىككە خاتىمە بېرىش تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن جياڭ يۈينىڭ باياناتىدىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىبارە بولسا، ئۇنىڭ ئافغانىستانغا «جۇڭگونىڭ نېگىزلىك مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلىلەردە ياردەمدە بولغانلىقى» ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىدۇر. جياڭ يۈي، خىتاينىڭ نېگىزلىك مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ زور مەسىلىلەرنىڭ قانداق مەسىلىلەر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمىگەن.

ئامېرىكا مېيئامى ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى، دوكتور جۇئېن جۇرېيېرنىڭ قارىشىچە، بۇ يەردىكى خىتاي تىلغا ئالغان ئۇنىڭ نېگىزلىك مەنپەئىتى «تېررورچىلار» نىڭ ئافغانىستان ئارقىلىق خىتاي چېگراسىغا كىرىشىنى توسۇشتۇر. ئۇ «مېنىڭ پەرىزىمچە، ئۇنىڭ بۇ يەردىكى نېگىزلىك مەنپەئىتى تېررورچىلارنىڭ ئافغانىستان ئارقىلىق خىتايغا كىرىش ئېھتىمالىدىن ساقلىنىش. مېنىڭ بىلىشىمچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوساما بىن لادېننىڭ ئۆلۈمىدىن شىكايەتچى بولغان ئىدى. ئۇلار ئوساما بىن لادېننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، بەزى «ئۇيغۇر تېررورچىلىرى»نىڭ خىتايغا قايتىپ كىرىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن» دەپ كۆرسەتتى.

زالماي رەسۇلنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلغان ۋاقتى دەل خىتاي بىلەن رۇسىيە رەھبەرلىكىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قەشقەردە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىر ئېلىپ بارغان ۋاقتىغا توغرا كەلگەن ئىدى. ئافغانىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچى ئەزاسى بولسىمۇ، لېكىن زالماي رەسۇلنىڭ زىيارىتى بىلەن قەشقەردىكى مانېۋىرنىڭ ئوخشاش بىر مەزگىلگە توغرا كېلىپ قېلىشى تامامەن بىر تاسادىپىيلىقنىڭ مەھسۇلى بولۇش ئېھتىماللىقى زور. ئوباما ھۆكۈمىتى بۇ يىل7-ئايدىن ئېتىبارەن ئافغانىستاندىكى 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى چېكىندۈرۈشكە باشلاپ، 2014-يىلى تامامەن چېكىندۈرۈپ بولۇشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، لېكىن بۇ پىلاننىڭ ۋاقتىدا ئورۇندېلىش-ئورۇندالماسلىقى يەنىلا ئافغانىستان بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك.

ئامېرىكا مېئامى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكتور جۇېن جۇرېيېر، خىتاينىڭ ئافغانىستانغا بولغان قىزىقىشى نوقۇل بىخەتەرلىك مەسىلىسى بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقىنى، خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئافغانىستانغا كىرىپ، سودا قىلىشقا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئافغانىستان يەر ئاستى بايلىقى، بولۇپمۇ مىس كانلىرىغا كەڭ كۆلەملىك مەبلەغ سېلىش پىلانى بار ئىدى. جۇڭگو مېتاللۇرگىيە گۇرۇھىنىڭ ئافغانىستان پايتەختى كابۇلنىڭ 40 كىلومېتىر سىرتىدىكى مىس ئەينەك كانىغا سالغان 5.3 مىليارد دوللار مەبلىغى ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى پىلانىنىڭ بىر قىسمى. لېكىن مىس ئەينەك كېنىنىڭ ئورنى ئافغانىستاننىڭ بۇنىڭدىن 2600 يىل ئاۋۋالقى دەۋرگە ئائىت بۇددا مەدەنىيەت خارابىلىكىگە توغرا كېلەتتى. بۇ مەسىلە ئارخېئولوگلار بىلەن خىتاي مېتاللۇرگىيە گۇرۇھى ئارىسىدا ئىختىلاپ پەيدا قىلغان.

ئارخېئولوگلار خىتاي شىركىتىنىڭ كان رايونىدىكى بۇددا خارابىلىكىنى پارتلىتىشىغا قارشى چىققان. مېئامى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكتور جۇئېن جۇرېيېر خانىم، ئامېرىكا قىسىملىرى ئافغانىستاندىن چېكىنىشكە باشلىسا، خىتاينىڭ ئافغانىستاندا ئاكتىپ پائالىيەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستان توغرىسىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئارقا ئىشىكى ھېسابلايدىغان ئىپادىلەردە بولغانلىقىنى بىلىمەن. يەنى ئۇ ئافغانىستاننى ئۆزىنىڭ ئارقا ئىشىكى ھېسابلايدۇ. شۇڭا بۇنىڭدا ئۇ بىخەتەرلىكنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. بىراق مېنىڭچە يەنە، خىتاي شىركەتلىرى ئافغانىستانغا بېرىپ، ئۇنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا ياردەم قىلىشقا ناھايىتى قىزىقىدۇ. شۇڭا مەن ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي قىسىملىرىنى قىسقارتىشى بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئافغانىستاندا ئاكتىپ پائالىيەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايمەن.»

خىتاي 2001-يىلى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى» نىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ يەرشارى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. لېكىن ئۇزۇنغا بارماي خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ئۆكتىچى كۈچلىرىنى باستۇرۇۋاتقانلىقى تەنقىدلەنگەن. خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتلىرىدا خىتاينىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىكى باھانىگە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. زالماي رەسۇلنىڭ زىيارىتى دەل خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى» گە قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتى يەنە باش كۆتۈرگەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن، بولۇپمۇ جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايون پارتكومىنىڭ سېكرېتارلىقىغا يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن، تېررورلۇققا زەربە بېرىش تەشۋىقاتى بىر مەزگىللىك پەسىيىپ، يېقىندىن بېرى يەنە كۈچىيىشكە باشلىغان ئىدى.

ئامېرىكا مىئامى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكتور جۇئېن جۇرېيېر خىتاينىڭ قەشقەردىكى مانېۋىر ۋە رايوندا تېررورلۇققا قارشى تەشۋىقاتنى كۈچەيتكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، «ئۇلار ئۇيغۇرلارنى باستۇرىدىغان يەنە باھانە ئىزدەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭچە، تېررورلۇق سۆزلەشكە ناھايىتى ئاسان بىر نەرسە. چۈنكى ھېچكىم ئوتتۇرىغا چىقىپ، ياق، بىز تېررورچىلىقنى قوغدايمىز، دېمەيدۇ- دە ! شۇڭا بۇ ئۆز-ئارا ھەمكارلىقنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ ياخشى كوزۇرى. شاڭخەي ھەمكارلىق گۇرۇھىنىڭ ئىچىدە بۇ خىل ھەمكارلىق روھى ئاجىز. چۈنكى ھەر بىر دۆلەتنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغان ئۆز ئالدىغا مەنپەئىتى بولىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى ئالدىنقى كۈنى زالماي رەسۇل بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇنىڭغا بىر قاتار ۋەدىلەرنى بەرگەن. ئافغانىستاننىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ تىنچلىق، مۇقىملىق ھەم تەرەققىيات تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.