خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقنى ئامېرىكا بىلەن دۈشمەنلەشتۈرۈپ قويۇپ، ئۆزى جەمەتىنى ئامېرىكىغا كۆچۈرۈۋاتىدۇ

يېقىندىن بۇيان چەتئەللەردە چىقىدىغان خىتايچە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە، نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى قىزغىن سۆيىدىغان ئامېرىكا بىلەن خىتاي خەلقنى دۈشمەنلەشتۈرىدۇ؟ دېگەن تېمىدا مۇنازىرە بولدى.

0:00 / 0:00

بۈگۈن «خىتايغا نەزەر» تور گېزىتى چەتئەللەردە چىقىدىغان خىتايچە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنغان، «كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن خىتاي خەلقنى ئامېرىكا بىلەن دۈشمەنلەشتۈرىدۇ؟» دېگەن تېمىدىكى مۇنازىرىلەرنى توپلاپ تونۇشتۇردى. خىتايدىن يېزىپ يوللانغان ئوبزورلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ھازىر كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقنى ئامېرىكا بىلەن دۈشمەنلەشتۈرىدىغان تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ جەمەتلىرىنى بولسا خەلقنى بۇلاپ-تالاپ تاپقان بايلىقلارنى ئېلىپ ئامېرىكىغا كۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى چۈشەنگەن ئادەملەر كۆپىيىپ قالدى.

خىتايدىن يېزىلغان قىسقا ئوبزورلارنىڭ بىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇنىڭ مېڭىسىنى كىچىك ۋاقتىدىلا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئامېرىكىنى يالماۋۇزلاشتۇرغان تەشۋىقاتلىرى قاپلاپ كەتكەن ئىكەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇ، ئامېرىكىنى يامان كۆرىدىغان «خىتاي ۋەتەنپەرۋەر» بولۇپ يېتىلىپتۇ. ئەمما ئامېرىكىنى يامان دەپ تەشۋىق قىلغان كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى ئۆزى، تاپقان پۇلىنى ئامېرىكا بانكىسىغا قويۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەر قېتىم ئامېرىكا بانكىسىغا قويغان ئامانىتى مىليون، ھەتتا يۈز مىليونلۇق رەقەم ئىكەنلىكىنى، ئۇلار ھەر قېتىم ئامېرىكىغا كەلسە مىلياردلاپ مال دوگوۋور قىلىپ قايتىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرى بولسا ئۇدۇل ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئامېرىكىنى ياخشى كۆزىتىش، توغرا چۈشىنىش لازىملىقىنى ھېس قىلغان. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى خىتاي خەلقىنى نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن دۈشمەنلەشتۈرىۋاتقانلىقىنى تەتقىق قىلغان.

چىڭيۇئەن دېگەن تەخەللۇس بىلەن ئوبزور يازغان بىر كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ ھازىر ئىنتېرنېت تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەن، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت توساقلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، دۇنيادىكى ئاۋازلارنى ئاڭلاپ تۇرالايدىغان بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرى پۈتۈنلەي بىر ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن. ئۇ، ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا، تۋ ئېكرانىدا ئوخشىمىغان پىكىرلەر ئوتتۇرىسىدا بولۇۋاتقان جىددىي مۇنازىرىلەرنى، ھەرخىل ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ دۆلەتتە ھەممە ئادەم بىر-بىرى بىلەن ئىناق ئەمەسكەن دەپ ھېس قىلغان، ئەمما تەپسىلىي ئايلىنىپ كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ھەممە ئادەمنىڭ ئىناق، ھەممە ساھەنىڭ ئۆز-ئارا ماسلاشقان ئىكەنلىكىنى كۆرگەن. ئۇ خىتايغا قايتىپ كەلگەندە، تۋ ئېكرانىدا، جەمئىيەتتە ھەممە ئادەم ئىناق، ھەممە ساھەنىڭ ئۆز-ئارا ماسلاشقانلىقىنى كۆرگەن، ئەمما خىتايدا جەمئىيەتنى بىر ئايلىنىپ كەلسە، خىتاي جەمئىيىتىدە ھەممە ئادەمنىڭ ئىناق ئەمەسلىكىنى، خەلقنىڭ ئاۋازنى بوغۇلۇپ، ئادالەتسىزلىككە ئۇچراپ، دەرد-ئەلەمگە تولغانلىقىنى بىلگەن.

يەنە بىر ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي خەلقىگە ئامېرىكىنى يامان دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ بالىلىرىنىڭ 74% ئى، نەۋرىلىرىنىڭ 91% ئى ھازىر ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغان. بۇلار خەلقنى بۇلاپ-تالاپ تاپقان پۇلنى ئېلىپ ئامېرىكىغا قاچقانلار. ئەمما خىتايدا ھازىر يەنە تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ مىراسخورلىرى خەلقنى داۋاملىق بۇلاپ -تالاڭ قىلىپ بايلىق توپلاۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىنى تارتىۋالغان ۋاڭجېننىڭ ئوغلى ۋاڭجۈن ھازىر خىتاي نېفىت گۇرۇھىنىڭ ۋە خىتاي ئىناۋەتلىك قەرز شىركىتىنىڭ باشلىقى، ئۇ ھازىر 7 يۈز 14 مىليارد يۇئەن مەبلەغ توپلاپ بولغان، ھەتتا ۋاڭجېننىڭ نەۋرىسى ۋاڭ جىنجىنمۇ ھازىر خىتاي مۇھىت ئاسراش ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى، ئۇ ھازىر 770 مىليون يۇئەن مەبلەغ توپلاپ بولغان. خىتاي ئىنتېرنېت شىركىتىنى قۇرغان جاڭ زېمىننىڭ ئوغلى جاڭ ميەنخېڭ ھازىر 1 يۈز 66 مىليارد يۇئەن مەبلەغ توپلاپ بولغان. بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرى شىركىتىنى قۇرغان خۇ جىنتاۋنىڭ ئوغلى خۇ خەيفېڭ ھازىر 83 مىليارد 800 مىليون يۇئەن مەبلەغ توپلاپ بولغان.

ئىنتېرنېتتا كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى، خىتاي خەلقىنى ئامېرىكا بىلەن دۈشمەنلەشتۈرۈپ، ئۆزلىرى بولسا چەتئەللەرگە قېچىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مۇنازىرە بولغاندا، ئادەتتە دېموكراتىيىنى ۋە ئەركىنلىكنى قىزغىن سۆيىدىغان كىشىلەرنى «ئامېرىكىنىڭ كۈچۈكلىرى» دەپ تىللايدىغان بەشموچەنچىلەر (ماۋپەرەسلەر) پۈتۈنلەي بۇ مۇنازىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان.