خىتاي دېھقانلىرى پارتلاش ئالدىدىكى بومبىدۇر

خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى «خىتاي دېھقانلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات» نى ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى دېھقانلارنىڭ ھاكىمىيەتكە تەھدىت پەيدا قىلىدىغان دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2012.08.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
ghurbet-uyghur-boway-namrat-305.jpg قەشقەردىكى بىر نامرات ئۇيغۇر بوۋاي. (ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Ekrem

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 22-ئاۋغۇست كۆرسىتىشىچە، بولۇپمۇ خىتايدىكى 220 مىليون نوپۇسلۇق مۇقىم كىرىمى بولمىغان دېھقان ئىشلەمچىلەر يېرىدىن ئايرىلغان سەرگەردانلار بولۇپ، ئۇلار خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن خەتەرلىك بىر كۈچ، ئۇلار ھەرقاچان پارتلاش ئېھتىمالى بولغان دەھشەتلىك بىر بومبىغا ئوخشايدۇ.

خۇاجۇڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى يېزا تەتقىقات ئىنستىتۇتى يېقىندا «خىتاي دېھقانلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات» نى ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتا ئاگاھلاندۇرۇش چېكىگە يەتكەنلىكىنى، نامرات دېھقانلارنىڭ ھاكىمىيەتكە تەھدىت پەيدا قىلىدىغان يوشۇرۇن بومبا ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خىتاي 2000-يىلىدىن بۇيان دېھقانلارنىڭ كىرىمى ھەققىدە خەلقئارالىق ئۆلچەملەرگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلماي كەلگەنىدى.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى ۋە فرانسىيە ئاۋازىنىڭ 21-22-ئاۋغۇست كۈنىدىكى مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلىرىدە بايان قىلىشىچە، خىتايدىكى باي-كەمبەغەللىك پەرقى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىپ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى خەلقئارالىق ئۆلچەمدىكى ئەڭ تۆۋەن چەككە يېقىنلاشقان. خەلقئارا ئۆلچەم بولغان جىنى كوئېففىتسېنتىدا دېھقانلارنىڭ كىرىمى 0.4 لىك ئۆلچەمدىن تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكى بەلگىلەنگەن. ئەمما خىتايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمى ھازىر بۇ ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىغا يەتكەن.

نۆۋەتتە، خىتايدا شەھەرلىشىش قەدىمى زور دەرىجىدە يۈكسىلىپ، ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرىگە بولغان ئېھتىياجنى قامداپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ يەنىلا مۇقىم ئىقتىسادىي كىرىمى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي ئاشلىقتا ئۆزىنى تەمىنلەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس. يىللىق ئېھتىياجلىق ئاشلىقنىڭ ئۈچتىن بىرىنى چەتتىن ئىمپورت قىلىدۇ. ئەگەر خەلقئارا بازاردا ئاشلىق باھاسىدا داۋالغۇش يۈز بەرسە ياكى ئاشلىق يېتىشمەيدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنسە، خىتايدا ئاچارچىلىق يۈز بېرىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى ئەڭ نامرات رايونلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر ئىلى بولۇپ، بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئىلىدىكى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ھازىرمۇ قورساقنىڭ غېمىدىن ھالقىپ كېتەلمىگەن دەرىجىدە. خىتاي ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا كۆرە، ئىچىملىك سۇ ۋە توك مەسىلىسى تېخى ھەل بولمىغان ئۇيغۇر دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ نوپۇسى 3 مىليوندىن ئاشىدۇ. شەھەرلەردە ياشلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇقىم كىرىمى بولمىغان ئىشسىز كىشىلەردۇر. ئەگەر نامراتلىق ۋە ئىشسىزلىق ھاكىمىيەتكە قارشى يوشۇرۇن بومبا دەپ قارالسا، ئۇ ھالدا ئۇيغۇر ئېلىدە بۇنداق بومبىلارنىڭ ھېسابىنى ئېلىپ بولۇش تەس. ئىلگىرىكى بىرقانچە يىلدا پارتلىغان ۋەقەلەر بۇنىڭ مىسالى. د ئۇ ق ياشلار كومىتېتى رەئىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ توغرىسىدا كۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ نامراتلىقنىڭ ھامان بىر كۈنى غەزەپكە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ تەرەققىياتىنى خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىگە كۆتۈرىگە بەردى. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى شەھەرلەردە ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇشلار سېلىنماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى كەڭ بولغان ئىش پۇرسەتلىرى يارالماقتا. ئەمما ھازىرغىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئىش پۇرسەتلىرىدىن قايسى دەرىجىدە بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق. ساقال، بۇرۇت قويۇش ۋە رومال ئارتىش ھەقلىرىمۇ تارتىپ ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسايىشلىق بىر ھاياتقا ئېرىشىشىدىن سۆز ئېچىش تەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېزىلار ئۈچۈن ئاجراتقان مەبلەغ بىلەن شەھەرلەر ئۈچۈن ئاجراتقان مەبلەغ ئوتتۇرىسىدا ئاسمان-زېمىن پەرق بار. يەنى، قەشقەر كەبى قەدىمىي ئۇيغۇر شەھەرلىرىنى چېقىپ، خىتاي پوسۇنىدىكى شەھەر قىياپەتلىرىنى بەرپا قىلىپ، ئىچكىرى خىتايدىن كۆپلەپ نوپۇس يۆتكەۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىشنىڭ ئىزناسىمۇ يوق. خەلق يەنىلا نامراتلىق ئىچىدە ياشىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.