خىتاي پۇقرالىرىغا راستلا دېموكراتىيە كېرەك ئەمەسمۇ؟

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىنى «ئاز ساندىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ دۆلەتنى پارچىلاش ھەرىكىتى» دەپ ئاتىغانغا ئوخشاش، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دېموكراتىيە تەلەپلىرىنىمۇ يالغانغا چىقىرىشقا ئۇرۇنماقتا.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىزچىل ھالدا تېررورلۇق ھەرىكەت، ئاز ساندىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ دۆلەتنى پارچىلاش سۇيىقەستى دېگەندەك ناملاردا ئاتىلىپ، ئومۇمىي ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان نارازىلىقى ھەم قارشىلىقى يالغانغا چىقىرىلغاندەك، تىبەتلىكلەرنىڭ ئەركىنلىك كۈرەشلىرىمۇ دالاي لاما گۇرۇھىنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى دەپ ئاتىلىپ، ئومۇمىي تىبەت خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدىن نارازى ئەمەسلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. ئەمدى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۆزلىرى ئېلان قىلغان خەلق رايى نەتىجىسىنى ئىنكار قىلىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دېموكراتىيە تەلىپىنىمۇ يالغانغا چىقىرىپ، ئومۇمىي خىتاي خەلقىنىڭ كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتتىن رازى ئىكەنلىكىنى بازارغا سالماقتا. بۇ سەۋەبتىن، خىتاينىڭ يەرشارى ۋاقتى گېزىتى بىلەن فرانسىيىنىڭ ئازادلىق گېزىتى ئارىسىدا قەلەم كۈرىشى پەيدا بولماقتا.

خىتاينىڭ يەرشارى ۋاقتى تورى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلغان راي سىناش نەتىجىسى غەرب ئاخبارات ساھەسىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان ئىدى. فرانسىيىدە چىقىدىغان ئازادلىق گېزىتى 13-مارت كۈنى بۇ راي سىناش نەتىجىسىگە بىنائەن، 63% خىتاي خەلقىنىڭ غەربچە دېموكراتىيىگە تەلپۈنىدىغانلىقىنى، 49% خىتاي خەلقىنىڭ يېڭى بىر ئىنقىلاب ئارقىلىق ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشنى خالايدىغانلىقىنى يەكۈنلەپ ئېلان قىلغان. بۇنىڭ بىلەن يەرشارى گېزىتى مۇھەررىرى ۋاڭ ۋېن دەرھال رەددىيە ئېلان قىلىپ، فرانسىيە ئازادلىق گېزىتىنى ھاقارەتلىك ئىبارىلەر بىلەن تەنقىد قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئازادلىق گېزىتى نومۇسسىزلارچە ئاقنى قارىغا ئۆزگەرتىپ، خەلقئارادا قايمۇقتۇرۇش ئېلىپ بارغان.

فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ 20-مارتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ئېلىپ بارغان راي سىناش نەتىجىسىدە 37% خىتاي خەلقى سىياسىي ئىسلاھاتنى قوللىغان. 30% خىتاي خەلقى ئىجتىمائىي ئىسلاھاتنى قوللىغان. يەنە 26.6% خىتاي خەلقى ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنى قوللىغان. يەرشارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى ۋاڭ ۋېننىڭ بىلدۈرۈشىچە، راي سىناشتا 47.9% ئادەم غەربچە دېموكراتىيىگە قارشى ئەمەسلىكىنى، 15.7% ئادەم غەربچە دېموكراتىيىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئازادلىق گېزىتى بولسا ئىجتىمائىي ئىسلاھات بىلەن سىياسىي ئىسلاھاتنى قوللىغۇچىلار سانىنى بىرلەشتۈرۈپ ياكى غەربچە دېموكراتىيىنى قوللايدىغانلار بىلەن قارشى تۇرمايدىغانلارنىڭ سانىنى بىرلەشتۈرۈپ 60% تىن ئارتۇق خىتاي خەلقىنىڭ غەربچە دېموكراتىيىگە تەلپۈنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

20-مارت فرانسىيە ئاۋازىدا ئېلان قىلىنغان «خىتايدىكى كۆپ سانلىق خەلقنىڭ دېموكراتىيە تەلىپى يالغانمۇ؟» ناملىق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زۇۋانى بولغان يەرشارى ۋاقىت تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ راي سىناش نەتىجىسى خىتاي مەركىزى كومىتېتىدىكىلەرنى بىئارام قىلغان. گېزىتنىڭ مۇھەررىرى ۋاڭ ۋېننىڭ ئەپسانە تىللار قوللىنىلغان رەددىيىسىمۇ دەرھال ئۆچۈرۈپ تاشلانغان. ماقالىدە، ئاخبارات يۈكسەك دەرىجىدە قامال قىلىنغان، خەلقنىڭ سۆز ئەركىنلىكى چەكلەنگەن، تور بەتلىرىدە پىكىر قىلىش خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولۇۋاتقان خىتايدا 15.7% خەلقنىڭ غەربچە دېموكراتىيىنى قوللايدىغانلىقىنى، 47.9% خەلقنىڭ غەربچە دېموكراتىيىگە قارشى تۇرمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويالىشى خىتاي خەلقىنىڭ ھازىرقى مەۋجۇت تۈزۈلمىدىن بىزار ئىكەنلىكىنىڭ ۋە دېموكراتىيىگە تەلپۈنۈۋاتقانلىقىنىڭ دەلىلى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، يەرشارى ۋاقتى گېزىتىگە ئوخشاش خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىزچىل ھالدا غەرب دېموكراتىيىسىنى قارىلاپ، كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك ئۇقۇملىرىنى چوڭ خىتايچىلىق، مىللىي ئەسەبىيلىك، شەخسىي مەنپەئەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەرگە خىزمەت قىلدۇرۇپ، ئۇنى كىشى تەبىئىتىنى ئۆزگەرتىدىغان ئىدىيىۋى قورالغا ئايلاندۇرۇۋالغان. خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ قورال ئارقىلىق، خەلقنى پەقەتلا شەخسىي مەنپەئەتنى كۆرىدىغان، كىشىلىك قىممەت قارىشى يولىدا ئىزدەنمەيدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ، نەتىجىدە ئۆز مەنپەئەتلىرىنى، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى، پارىخورلۇق ھەم چىرىكلىكلىرىنى قوغداش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان. ماقالىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى ئېلىپ بارغان بۇ راي سىناش نەتىجىسىگە يۈزلىنىشىنى، بۇ پاكىتنى ئىنكار قىلماسلىقىنى، خەلقنىڭ نېمىگە موھتاج بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشىنى تەلەپ قىلغان.

ماقالىدە ئازادلىق گېزىتى مۇخبىرىنىڭ خاتالاشمىغانلىقى، ئەكسىچە خىتاي تەرەپنىڭ بۇ راي سىناش نەتىجىسىنى ھەزىم قىلالمىغانلىقى بايان قىلىنغان. فرانسىيە ئازادلىق گېزىتى مۇخبىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەرشارى ۋاقتى گېزىتى بۇ راي سىناش تۈپەيلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچراش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. بۇ راي سىناش خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىسلاھاتنى قوللىغۇچىلار بىلەن ئۇنىڭغا قارشى تۇرغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن كۈرەشنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماستىن، ئومۇمى خىتاي خەلقىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىگە بولغان نارازىلىقى ۋە دېموكراتىيىگە بولغان زارىقىشلىرىنىمۇ ئاشكارىلاپ بەرگەن.