خىتاي دائىرىلىرى نېمە ئۈچۈن خەلقئارادا دۆلەت ئوبرازىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى تەشۋىق قىلماقچى بولىدۇ؟

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابېنىتى ئۆكتەبىرنىڭ ھارپىلىرىدا، خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق، غەرب دۇنياسىغا خىتاي دۆلىتىنىڭ ئاتالمىش "يېڭى ئوبرازى"نى نامايەن قىلىشنى پىلانلىماقتا.

0:00 / 0:00

بۇ مەتبۇئاتلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ پائالىيەتتە ئاساسلىقى، خىتايدا پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى، ئىناق جەمئىيەت مۇھىتىنىڭ يارىتىلغانلىقى، شۇنداقلا كومپارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە ھەر مىللەت خەلقى بەختىيار ياشايدىغان، ھەممە يەر گۈل ‏ - گۈلىستانلىققا ئايلانغان بىر جەمئىيەتنىڭ بەرپا قىلىنغانلىقى، قىسقىسى خىتاينىڭ دۆلەت ئوبرازىنىڭ ياخشىلانغانلىقى تەشۋىق قىلىنىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ خىل تەشۋىقات ئۈچۈن، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئېلان - سەنئەت شىركەتلىرىگە مەخسۇس فىلىم ۋە ئېلان - سەنئەت فىلىمى قاتارلىقلارنى بۇيرۇتۇپ ئىشلەتكەن ۋە خەلقئارادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىنى تاللىغان. خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى، بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرىدە يۈز بەرگەن ئىقتىسادىي كرىزىستىن پايدىلىنىپ، بۇ دۆلەتلەردىكى بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرىگە شېرىك بولۇپ ئورتاق باشقۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ پايچېكىنى سېتىۋېلىشقا ئوخشاش ئۇسۇللار ئارقىلىق، غەرب ئاخباراتچىلىق ساھەسىگە سىڭىپ كىرىش ۋە بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئامېرىكىنىڭ سىملىق تېلېۋىزىيە قانىلى ك ن ن گە ئوخشاش، 24 سائەت پروگرامما بېرىدىغان، ئىنگلىز تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 خىل تىلدا مەخسۇس چەتئەللەرگە پروگرامما تارقىتىدىغان، تېلېۋىزىيە قانىلىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى يۇقىرىقى پىلانلار ئۈچۈن 45 مىليارد خىتاي پۇلى مەبلەغ ئاجراتقانلىقىنىمۇ يۇشۇرۇپ كەتمىدى. خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇنۇشى بولسا، ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق، غەربكە كېڭىيىش ئىستراتېگىيىسى دەپمۇ تەرىپلەندى. خىتاي دائىرىلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى، غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرىنى ئۆز ھاكىمىيىتى ئۈچۈن بىردىن - بىر تەھدىت دەپ قاراپ كەلگەنىدى.

بۈگۈنگە كەلگەندە، ئۇلار نېمە ئۈچۈن غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئۇلاردا خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىجابىي ئوبرازىنى نامايەن قىلىش زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلىدۇ؟ خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى نېمە ؟

كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە فالۇنگوڭچىلارنىڭ غەرب مەتبۇئاتلىرىدىكى ساداسىنى بوغۇش دەپ چۈشەندۈردى. سىنگاپوردا چىقىدىغان "جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى"نىڭ خەۋىرىدىمۇ، خىتاي خەلقىنىڭ رادىكال مىللەتچىلىك روھىنى ئۇرغۇتۇش ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۈچۈن، خەلقئارادا يېڭى ۋە ئىجابىي ئوبرازنى تىكلەشنىڭ - ئاتالمىش چەتئەلدىن كېلىدىغان تەھدىتنى ئازايتىش رولىنى ئوينايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە غەرب دۇنياسىغا قارىتا كوزۇر سۈپىتىدە، دۇنيادىكى باشقا دىكتاتور دۆلەتلەرنى سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشى غەرب جامائىتىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەنىدى. تەشۋىقات يولى ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدە خەلقنىڭ كۆز قاراشلىرىنى، ئىدېئولوگىيىسىنى تىزگىنلەپ كەلگەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەنە بۇ خىل ۋاستە ئارقىلىق، غەرب جامائىتىنىڭ دۇنيا قارىشىغا تەسىر كۆرسىتەلىشى مۇمكىنمۇ؟ كانادادىكى شائىر تۇيغۇن ئابدۇۋەلى بولسا، خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلىرىنىڭ چەتئەللەردە ئۈنۈم ۋە نەتىجە بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي دائىرلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھارپىسىدا، دۆلەت ئىچىدە يۈرگۈزگەن زورلۇق سىياسىتى، 2008 - يىلى 3 - ئايدا تىبەتتىكى ۋە 2009 - يىلى 5 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدىكى نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ قانلىق باستۇرۇلۇشى،خەلقئارادا خىتايغا نىسبەتەن كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلغان بولۇپ، بۇ ۋەقەلەر خىتاي دۆلىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنىڭ تېخىمۇ خۇنۈكلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.