ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىمىيەتتىكى ئورنى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ بارماقتا

ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ھەم مەمۇرى ئورنىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ئەزەلدىن تۆۋەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. ئۇيغۇرلارنىڭ 2 - دەرىجىلىك پۇقرا مۇئامىلىسىگە ئۇچراۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىلا ئەمەس، ئۇيغۇرشۇناس چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىنمۇ ھازىرغا قەدەر كۆپلىگەن ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان ئىدى.

زېمىنغا بولغان ئىگىدارچىلىقتىن ئايرىش

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى 8 - ئاۋغۇست كۈنى "ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە مەمۇرى جەھەتتىكى ئورنى يىلدىن ‏- يىلغا تارىيىپ بارماقتا" ناملىق يەنە بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە ئالدى بىلەن 1949 - يىلىدىن بۇيان، ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيە، ئاپتونوم يېزىلارغا بۆلۈنۈپ، ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى نوپۇسنىڭ 10% ىنىمۇ تەشكىل قىلمايدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئومۇمى زېمىننىڭ 60% ىدىن ئارتۇقراقىنى بۆلۈپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنغا بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى چەكلەپ، تارايتىپ كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان. د ئۇ ق مۇئاۋىن تەپتىشى نۇرمۇھەممەت روزاخۇن ئەپەندى، ئۇيغۇر رەھبىرى كادىرلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئېغىر ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

سىياسىي ۋە مەمۇرىي ھوقۇقتىن ئايرىش

ماقالىدە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنغا بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى تارايىتقاننىڭ ئۈستىگە، سىياسىي، مەمۇرىي ھوقۇقلىرىنىمۇ تارايتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنى خىتايلارنىڭ مونوپول قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەمۇرىي ھوقۇق دائىرىسىنىڭ يىلدىن ‏- يىلغا تارىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، كۆپلىگەن ۋىلايەت ۋە ناھىيىلەردىكى ئاساسىي ھوقۇقلارنىڭ خىتايلارنىڭ قولىغا مەركەزلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ھوقۇقنى خىتايلار قولىغا مەركەزلەشتۈرۈش

ماقالىدە "شىنجاڭ گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان "ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرى قوشۇنى زورايماقتا" ناملىق خەۋەردىن نەقىل ئېلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىزمەت قىلىۋاتقان رەھبىرى كادىرلارنىڭ 59.3% ى، نازارەت دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ 64.26%ى، ناھىيە ۋە باشقارما دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ 71.54%ىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەردەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ 10% ئەتراپىغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى قورچاققا ئايلاندۇرۇش

ماقالىدە يەنە، قارىماققا يۇقىرى دەرىجىدە ھوقۇق تۇتۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار كۆزگە چېلىقسىمۇ، بۇ ئۇيغۇر رەھبەرلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا سىياسەت بەلگىلەش، قارار ئېلىش ھەم ئىجرا قىلىش ھوقۇقى بولمايدىغانلىقى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھامان كومپارتىيە سېكرىتارلىرىنىڭ باشقۇرۇشلىرى ئاستىدا بۇيرۇق ئىجرا قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا ئومۇملىشىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىدىن بارغانسېرى كۆپلەپ سىقىپ چىقىرىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي ياكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سەپلىنىۋاتقانلىقى يېزىلغان.

يا قۇلدەك باش ئېگىپ ياشاش ياكى ھوقۇقتىن ۋاز كېچىش

چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، بولۇپمۇ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن، ئۇيغۇر رەھبىرى كادىرلىرىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر بېسىم ئاستىدا قالغانلىقىنى، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ھەرقانداق كۆرسەتمىسىنى بۇيرۇق سۈپىتىدە ئىجرا قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى، سەللا مىللىي كەيپىياتتا بولغان ئۇيغۇر رەھبەرنىڭ ھوقۇقىدىن ئايرىلىش ھەتتا جازالىنىش دەرىجىسىگە يەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ئۈچۈن يا قۇلدەك باش ئېگىپ ئىشلەش ياكى ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشتىن باشقا چىقىش يولى قالمىغانلىقىنى ئېيتماقتا.

مېڭە يۇيۇش

ۋەتەندىن كېلىۋاتقان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان "ئۈزلۈكسىز تەربىيە" ناملىق قىسقا مۇددەتلىك كۇرسلار تېخىمۇ ئەۋج ئالغان بولۇپ، ھەرقايسى ئىدارە - ئورگانلار، مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر رەھبىرى كادىرلار بۇ كۇرسلاردا پارتىيىنىڭ سىياسىتىنى، قانۇن - تۈزۈم بىلىملىرىنى ۋە رەھبىرى كادىرلارنىڭ پارتىيىگە سادىق بولۇش مەجبۇرىيەتلىرىنى 2 ئايدىن 6 ئايغىچە مەجبۇرىي ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇلغان.

مېڭە يۇيۇش خاراكتېرىدىكى بۇ كۇرسلاردا يەنە، ھېچقانداق بىر مىللىي كەيپىياتقا ئورۇن بېرىشكە بولمايدىغانلىقى، ئۇيغۇر - خىتاي مۇناسىۋىتى ھەم سىياسىي مۇقىملىقنىڭ ھەممىدىنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكى ئاساسى تېما قىلىنغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.