خىتاينىڭ ھەربىي ۋە سانائەت جەھەتتىكى ئافغانىستان سىياسىتى

يېقىندا خەلقئارالىق ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ رەسىمى تور بېتىدە «خىتاينىڭ ھەربىي بازىلاردىن سانائەت مەركەزلىرىگىچە كابۇل سىياسىتى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.

0:00 / 0:00

بۇ ماقالىنى مەركىزى ئەنقەرەگە جايلاشقان، «خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئىدارىسى» نىڭ بىخەتەرلىك تەتقىقاتچىسى ئارزۇ تۇرغۇت خانىم يازغان.

ماقالە مۇنداق باشلانغان:
رۇسلار ۋە ئىنگلىزلار 19-ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيادا «چوڭ ئويۇن» دەپ ئاتالغان كۈچ ۋە مەنپەئەت ئۇرۇشى ئۈچۈن-رۇديارد ئىسىملىك مۇتەخەسسىس «بۇ ئويۇن ھەر كىم ئۆلگەندىن كېيىن تۈگەيدۇ، ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ھېچ تۈگىمەيدۇ» دېگەن. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ چوڭ ئويۇندا رول ئالىدىغان ئارتىسلارنىڭ سانى ھېچ ئازلىمايۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە دەل ئەكسىچە بارغانسېرى سانى كۆپەيمەكتە. ئامېرىكا، رۇسىيە، ھىندىستان، پاكىستان ۋە ئىرانغا ئوخشاش ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆز مەنپەئەتلىرىنى قوغداۋاتقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا خىتاي يېقىندىن بۇيان مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلار بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىر قەدەم ئالدىغا چىقماقتا.

2011‏-يىلى ‏5-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زالماي رەسۇلنىڭ خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى ۋە خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچاڭ بىلەن رايونلۇق ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن بېيجىڭدا ئۇچرىشىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى كابۇل-بېيجىڭ مۇناسىۋەتلىرىگە تارتتى. بۇ ئۇچرىشىشتا خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق مەسىلىلەردە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ساھەلەردە ئورتاق خىزمەت ئىشلەش توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى. بۇ ئۇچرىشىشلار، ئالدىمىزدىكى ئىيۇل ئېيىدا ناتو ئەسكەرلىرىنىڭ 2014-يىلىغىچە تەدرىجىي ھالدا ئافغانىستاندىن چېكىنىشنى پىلانلىغانلىقى، ئافغانىستاندا كارزاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقنىڭ بىر قىسمىغا ئوخشاش كۆرۈلمەكتە.

ماقالىنىڭ داۋامىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن:
تاغلىق پامىر رايونىدا ئافغانىستان بىلەن تار بىر چېگراسى تۇتۇشىدىغان خىتاي، ئافغانىستاننىڭ يېڭىدىن قۇرۇلۇش ئىنشائاتىدا رول ئالغان دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق مەقسەتكە يېتىشنى كۆزلىمەي، ئۆزىنىڭ چەكلىك مەنپەئەتلىرىگە يېتىشنىڭ پېيىغا چۈشۈپ پاي-پېتەك بولماقتا. خىتاي ئافغانىستاندا ئىقتىسادنى دەسمىي قىلىپ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. 2007-يىلى كارزاي ئافغانىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى چەتئەل شىركەتلىرىگە ئاچقاندىن بۇيان خىتاي ئافغانىستاندا بۇ ساھەدە كۆپلەپ مەبلەغ سالماقتا. كارزاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلغاندىمۇ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق توغرىسىدا چىڭ تۇرۇشى ئۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ يەنە بىر مەزگىل بۇ جەھەتتە داۋام قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

خىتاينىڭ ئافغانىستانغا مەبلەغ سېلىشى

ماقالىدە يەنە ئافغانىستان يەر ئاستى تەبىئىي بايلىقلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: ئامېرىكىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئافغانىستاندا 1 تىرىليون دوللار قىممىتىدە ھازىرغىچە ھېچ ئېچىلمىغان يەر ئاستى مەدەن بايلىقلىرى مەۋجۇت. بۇ بايلىقلار، تۆمۈر، مىس، كوبالت، ئالتۇن قاتارلىقلار ھەمدە لىتىي (ئېلېمېنت)ماددىسىغا ئوخشاش كومپيۇتېر ۋە بىلەكبېري قول تېلېفونلىرىنىڭ باتارېيىسىنى ئىشلەشتە قوللىنىدىغان قىممەتلىك ماددىلاردىن ئىبارەت.

خىتاي شىركىتى 2007-يىلى كارزاي ھۆكۈمىتى بىلەن 30 يىللىق بىر توختام تۈزۈپ، ئافغانىستانغا 3 مىليارد دوللار مەبلەغ سالدى. بۇ ئافغانىستان تارىخىدا بۈگۈنگىچە تۇنجى قېتىم ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىنغان تاشقى سەرمايە ھېسابلىنىدۇ. خىتاي مەدەن بايلىقلىرىنى چىقىرىش ئىشلىرى بىلەنلا شۇغۇللىنىپ قالماستىن بەلكى دېھقانچىلىق، ئېلېكتىرىك، سۇ ئىنشائاتى قاتارلىق كۆپلىگەن ئىش-پىلانلىرىدا ئافغانىستان بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېڭىدىن خىتاينىڭ ئىككى چوڭ تېلېفون شىركىتى خۇئاۋېي ۋە زىتە شىركەتلىرى كابۇل ۋە ئافغانىستاننىڭ باشقا شەھەرلىرىدە قول تېلېفون تېخنىكىسى ۋە ئىنتېرنېت تارقىتىش ئۈچۈن كېرەكلىك تېخنىكا ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. خىتايلار ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە ئافغانىستاننىڭ پەرۋان شەھىرىدە سۇ ئىنشائاتى قۇرۇش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئىشلىمەكتە. خىتاي يەنە كابۇل ۋە قانداھاردا دۆلەتلىك دوختۇرخانىلارنى يېڭىدىن ياساپ چىقتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاي ئافغانىستاندىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە ئەڭ قۇلاي قاتناش يولى ياساش ئۈچۈن ئافغانىستان ۋە پاكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگىمۇ ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بولۇپ، كەلگۈسىدە بۇ ساھەگىمۇ مەبلەغ سېلىشنىڭ سىگنالىنى بەرمەكتە.

ئەمما ئافغانىستانغا تاشقى ياردەم بېرىشتە خىتاي 2001-يىلدىن بۇيان ئاران 200 مىليون دوللار ياردەم بەرگەن. ئەمما ھىندىستان 1مىليارد 300 مىليون دوللار ياردەم بېرىپ خىتاينىڭ نەچچە ھەسسە ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن.

خىتاينىڭ 2001-يىلى تالىبان ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلغان دەۋرىدە سۈكۈتتە تۇرۇپ يېقىندىن بۇيان بىراقلا مەيدانغا چىقىپ كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشى، خىتاينىڭ كۆپ مىقداردا ئىقتىسادنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش مەقسىتىدە ئافغانىستانغا يېقىنلاشقانلىقنىڭ بىر ئىسپاتى. يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرمەستىن، قارشى تەرەپكە پايدا يەتكۈزۈشكە ئىنتىلمەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خىتاي ئىقتىساد بېرىشتە بار، ئەسكەر بېرىشتە يوق

ماقالىدە يەنە مۇنداق ئىلگىرى سۈرۈلگەن:
شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ئەسكەرلىرىنى ئافغانىستاندىن چېكىندۈرۈشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئافغانىستانغا مەبلەغ سېلىش بىلەن بىرگە رايوندا بىخەتەرلىكنى قوغداشقا بولغان ئېھتىياجى بارغانسېرى ئېشىپ بارماقتا. بۇ ۋەزىيەتتە ئەقىلگە شۇ سوئال كېلىدۇ، خىتاينىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە ئافغانىستانغا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ساقلاش ۋە ئۆز مەنپەئەتلىرىنى بىخەتەر قىلىش نامى ئاستىدا ئەسكەر كىرگۈزۈش سىياسىتى يۈرگۈزۈش ئېھتىمالى بارمۇ؟ مەبلەغ سېلىش جەھەتتە ئۆزىنى باي كۆرسەتكەن خىتاي ھەربىي بىخەتەرلىك ساھەسىدە رول ئېلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا غەرب كۈچلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش كېلىشىمى تۈزۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلمەكتە. ئەنگلىيە سابىق باش مىنىستىرى گوردون بىراۋنىڭ 2008-يىلى خەلقئارالىق ياردەم كۈچىگە ھەسسە قوشۇش جەھەتتە خىتايغا چاقىرىق قىلىشى خىتاي تەرەپتىن رەت قىلىندى. ئافغانىستاننىڭ 400 كىلومېتىرلىق ۋاخان كارىدورى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئافغانىستانغا باغلىغان ۋاغجىر ئۆتكىلىنى ناتو ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ ئىككىنچى بىر يول قىلىپ ئېچىش تەلەپلىرىگە خىتاي ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن ھازىرغىچە ئوچۇق بىر جاۋاب بېرىلمىدى. خىتاي ھەر قېتىم ناتو ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ تەلەپلىرىگە جاۋاب بېرىپ، ئافغانىستانغا پۇل ئەۋەتىدىغانلىقى، ئەمما ئەسكەر ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ماقالىنىڭ داۋامىدا يەنە مۇنداق ئىلگىرى سۈرۈلگەن:
نېمە ئۈچۈن خىتاي ئافغانىستانغا بىخەتەرلىكنى قوغداش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتىشنى خالىمايدۇ؟ خىتاينىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتمەسلىكنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتايدىن ئايرىم دۆلەت قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە ئوخشاش تەشكىلاتلاردۇر.

خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان ئەزا بولغان ۋە پاكىستان، ھىندىستان ھەم ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرگە كۆزەتكۈچى دۆلەتلىك سالاھىيىتى بېرىلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش قىلىش جەھەتتە رايونلۇق مەنپەئىتىنى قولغا كەلتۈرۈشنى داۋام قىلماقتا. خىتاي 2002-يىلىدىن بۇيان رايونلۇق ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا رايوندىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغان پائالىيەتلەرنى داۋام قىلماقتا. بولۇپمۇ قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان چېگرالىرى ئوتتۇرىسىدا چوڭ ھەجىمدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي مانېۋىر ئارقىلىق ھەم رايوندىكى غەرب كۈچلىرىگە ھەم باشقا كۈچلەرگە تەھدىت قىلماقتا. ئافغانىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا ھازىرغىچە تېخى رول ئالغىنى يوق ئەمما 2010-يىلى ئىيۇن ئېيىدا كارزاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تاشكەنتتە ئېچىلغان يىغىنغا تەكلىپ قىلىندى بۇ تەكلىپ ئافغانىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزالىققا قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىق توغرىسىدا بەس-مۇنازىرە پەيدا قىلغان.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن:
ئافغانىستان، تارىختا يەنە بىر قېتىم دۇنياۋى كۈچلەرگە سەھنە بولۇش ھالىتى شەكىللىنىۋاتىدۇ. ئۆزى ئۈچۈن خام ماددا ئىزدەش ۋە ئافغانىستاندا چەكلىك بىر ساھەدە بولسىمۇ ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشنى كۆزلەۋاتقان خىتاي، سۈكۈت ئىچىدە، ئەمما كۈچلۈك بىر قەدەم بېسىپ كابۇلغا يېقىنلىشىپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ ئافغانىستان سىياسىتىدە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئامىلنىڭ بۈگۈنكى كۈندە تىنچلىق ساقلاش ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادى پايدىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئىسپاتلاندى. خىتاي ئامېرىكىنىڭ رايوندا ئۇزۇن مۇددەت قېلىشىغا قارشى چىقماقتا ۋە ئۆزىنىڭ ئەتراپىنىڭ مۇھاسىرىگە ئېلىنغانلىقىدىن ئەندىشىگە چۈشمەكتە. بۇنىڭغا ئىقتىسادىنى كوزىر قىلىپ، دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق قارشىلىق قىلماقتا. مەبلەغ سېلىش بىلەن بىخەتەرلىككە بولغان ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاسىتە تەڭپۇڭلۇقنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدىغان بولساق، خىتاينىڭ كەلگۈسى بىر قانچە يىل ئىچىدە رايوندىكى مەنپەئىتىنى قوغداشقا تېخىمۇ كەڭ ئۆلچەمدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە ئوخشىمىغان ساھەلەردە ئاكتىپ بولىدىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.