ئۇ، خىتايلارنىڭ يۇمشاق ۋاسىتىلىرىدىن مەقسەت، خەلقنىڭ غەزەپ - نەپرىتىدىن قۇتۇلۇپ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان ساختىلىقلىرى دەپ ئىزاھلاپ، رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا يۈرەك سۆزىنى ئاڭلاتتى.
ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان گوللاندىيىدىكى يەنە بىر زىيالىي بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "خىتايلارنىڭ سىياسەتلىرىدە بىرەر يۇمشاشنىڭ بولغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلارغا بەك قوشۇلالمايمەن. خىتايلار ھەرقاچان بىرەر قانلىق باستۇرۇشتىن كېيىن، جاللاتلىق ئەپتى بەشىرىسىنى پەردازلاش، ئالدامچى تەشۋىقاتلىرىنى بىرەر مىسال بىلەن كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈنلا ۋاقىتلىق ئالدامچىلىق قىلىدۇ. بۇ ئىنتايىن چەكلىك دائىرىدىكى بىر ئويۇن بولۇپ، بۇ سىياسەتتىكى يۇمشاش دېيىلمەسلىكى لازىم. بۇنداق تونۇش خاتاغا ئېلىپ بارىدۇ."
ئۇ يەنە، بۈگۈنكىدە ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر ئېلى ئىچى - سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار نېمىلەرگە بەكرەك دىققەت قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە توختىلىپ، "خىتاي لېدىرى ماۋزىدوڭنىڭ بىر سۆزى بار: 'دۈشمەن قارشى تۇرغانلىكى نەرسىنى بىز ھىمايە قىلىشىمىز لازىم. دۈشمەن ھىمايە قىلغانلىكى نەرسىگە بىز قارشى تۇرۇشىمىز لازىم.' دۈشمەننىڭ بىزگە پايدىلىق بولغاننى راۋا كۆرمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، خىتاينىڭ بىزگە تېڭىۋاتقان بارلىق تەشەببۇسلىرى زىيانلىق دەپ قارىلىشى، خىتايلار چەكلەۋاتقان بارلىق نەرسىلەر مىللىي قەدىرىيەتلەر دەپ قارىلىپ، قوغدىلىشى كېرەك. مەسىلەن: دىن ۋە تىل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى قەدىرىيەت. خىتايلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىغا ئاشكارا قارشى تۇرۇش، رەت قىلىش مۇمكىن ئەمەس دەپلا مۇتلەقلەشتۈرۈۋېتىپ، ئۆزىمىزنى قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ. ئاشكارا قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان نەرسىلەرگە روھىي قارشىلىق بولۇشى كېرەك. بۇنى قىلىش تامامەن مۇمكىن،" دېدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، خىتايلارنىڭ سىياسەتتىكى ھىيلە - مىكىرلىرى ھەققىدە گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلارنىڭ پىكىر قاراشلىرى توغرىسىدىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.