خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ھازىرقى كىچىك سۈركىلىشلەردىن دۇنيا ئۇرۇشى كېلىپ چىقامدۇ؟

كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى بېرىتانىيە - كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئېرىك مارگولىسنىڭ 'خىتاي بىلەن ھىندىستان ۋە دۇنيا ئۇرۇشى' ناملىق ماقالىسىدا، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ھازىرقىدەك كىچىك سۈركىلىشلەردىن دۇنيا ئۇرۇشى كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى كۆرسىتىلگەن.

0:00 / 0:00

-- خىتاي بىلەن باشقا قوشنا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا جەنۇبىي دېڭىزدا قوزغالغان تېررىتورىيە ماجىراسى بېسىقماي تۇرۇپلا، خىتاينىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىكى ھىندى ئوكياندا، خىتاي - ھىندىستان مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ چوڭ ماجىرا پەيدا قىلدى --‏ دەپ باشلايدۇ كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى بېرىتانىيە -كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئېرىك مارگولىس 'خىتاي بىلەن ھىندىستان ۋە دۇنيا ئۇرۇشى' ناملىق ماقالىسىنى. ئاپتورنىڭ بۇ ماقالىسى ئامېرىكىدا ھەربىي مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنىپ تۇرىدىغان 'خاففىنڭتون پوچتىسى گېزىتى' نىڭ 30‏ - ئاۋغۇست كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىندى.

خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ مۇناسىۋىتى ھازىر جىددىيلىشىپ قالدى

پروفېسسور ئېرىك مارگولىس بۇ ماقالىسىدە، بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالىلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى. 26‏ - ئاۋغۇست كۈنى ' نيۇيورك تايمىس گېزىتى'دە خىتاي ھازىر پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى دۆلەت مەنپەئەتىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا باشلىغانلىقى ھەققىدە بىر ماقالە ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى 28‏ - ئاۋغۇست كۈنى دۆلەت مۇداپىئەسى جەھەتتىكى مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكى ھەققىدىكى باياناتلار ئېلان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا بىخەتەرلىك مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى روبرت كاپلان 30‏ - ئاۋغۇست كۈنى، خىتاي ھازىر ھىندى ئوكياندا قۇرۇۋالغان پورتلىرى ئارقىلىق ھىندىستاننى دېڭىزدىن مۇھاسىرىگە ئېلىپ بولدى، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. بولۇپمۇ خىتاي بىلەن ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، خىتاي تەرەپ ھىندىستاننىڭ كەشمىردىكى ھەربىي گېنېرالىنى چېگرىدىن ئۆتكۈزمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەر ئىككى تەرەپ قايتىدىن ئۆزىنىڭ باياناتى ۋە ھەرىكىتىنى ئىنكار قىلىپ، دۇنياغا بىر راس، بىر يالغان ئۇچۇر تارقىتىشقا باشلىغان ئىدى. ئاپتور بۇ ئالامەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ مۇناسىۋىتى ھازىر جىددىيلىشىپ قالدى، ھازىرقىدەك كىچىك سۈركىلىشلەردىن چوڭ دۇنياۋى ئۇرۇش كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بار، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ مەنبەسى 1962‏ - يىلىدىكى ئۇرۇش

ئاپتور بايانىنى مۇنداق دەپ داۋاملاشتۇرىدۇ: خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ مەنبەسى 1962‏ - يىلىدىكى خىتاي - ھىندىىستان ئۇرۇشى. ئەينى ۋاقىتتا، خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ مۇناسىۋىتى يېرىكلىششكە باشلىغاندا، ھىندىىستان ھىمالايا تاغلىرىنىڭ شەرقىدىكى ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئارۇناچالدا دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتتى. خىتاي بۇ رايوننى پات - پاتلا 'بىزنىڭ زېمىنىمىز' دەپ جاكارلاپ قوياتتى. بۇ ۋاقىتتا خىتاي 'ھىندىستاننىڭ ئەدىپىنى بېرىپ قويۇش كېرەك' دەپ ئەسكەر ئەۋەتىپ ھىندىستانغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قوزغاپ، ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال شىتاتىنىڭ كۈپ قىسمىنى بېسىۋالدى ۋە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ھىندىستاننىڭ ئاسام شىتاتىغا ھۇجۇم باشلىدى. خىتاي قىسىملىرى كالكوتتىغا يېقىنلاشقاندا، خىتاي توساتتىن ئەسكەرلىرىنى ئۆز تېررىتورىيىسىگە چېكىندۈرۈپ كەلدى. ھىندىستاننىڭ قايتارما ھۇجۇم تەييارلىقى نىشانسىز قالدى.

پاكىستاننىڭ ئۆزى كونترول قىلىۋاتقان بىر قىسم جايلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى، خىتاي - ھىندىستان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈردى

پروفېسسور ئېرىك مارگولىسنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئۇرۇش ھىندىستاننىڭ غۇرۇرىغا تەگدى. ھىندىستان ھېچقاچان خىتاينىڭ تارىختا مەدەنىيەت ئۆگەتكەن ئەلگە دۈشمەن بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلمىغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھىندىستان خىتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان جايلارغا، يۈز مىڭ كىشىلىك تاغلاردا ئۇرۇش قىلىدىغان مەخسۇس قىسىم ئورۇنلاشتۇردى. ھاۋا قىسىملىرى ئۈچۈن كۆپ ئايرودروم ياسىدى. مۇكەممەل ئارقا سەپ تەمىنات سىستېمىسى قۇردى. ئەمما پاكىستان ئاقسايچىن، كەشمىرلەردە ئۆزى كونترول قىلىۋاتقان بىر قىسم جايلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ھىندىستانغا پايدىسىز مۇھىت پەيدا قىلغاندىن كېيىن، خىتاي -ھىندىستان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتى.

خىتاي ئۆزىنىڭ ئەرەب دېڭىزىغا ۋە ھىندى ئوكيانغا ئۆتىدىغان يوللىرىنى ھازىرلاپ ھىندىستاننى مۇھاسىرىگە ئالدى

خىتاي تەرەپ ھىندىستاننىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي، 'مىكىماخۇن سىزىقى'نىڭ شەرقىنى 'خىتاينىڭ زېمىنى' دەپ جاكارلاپ، تىبەتكە ھاۋا ئارمىيە بازىسى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسى قۇرۇپ، بۇتان، سېككىملەرنىمۇ ھىمايىسى ئاستىغا كىرگۈزۈپ، ھىندىستانغا تەھدىت شەكىللەندۈردى. خىتاي يەنە پاكىستاننىڭ گۇادار، پاسنى، ئورمارا پورتلىرىدا ھەربىي بازا قۇردى. بېرمىدىن ئاندامان دېڭىزىغا كىرىدىغان ئېغىزلاردىمۇ ھەربىي بازا قۇردى. خىتاي بۇ ئارقىلىق ئەرەب دېڭىزىغا ۋە ھىندى ئوكيانغا ئۆتىدىغان يوللىرىنى ھازىرلاپ، ھىندىستاننى مۇھاسىرىگە ئالدى.

بۇنداق كۆپ نوپۇسلۇق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كىچىك سۈركىلىشلەردىن چوڭ ئۇرۇش چىقسا، ئۇ دەھشەتلىك دۇنيا ئۇرۇشى بولىدۇ

پروفېسسور ئېرىك مارگولىسنىڭ بايان قىلىشىچە، دۇنيادا نوپۇسى ئەڭ كۆپ، يەنى پۈتۈن دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىغان، زامانىۋى ھاۋا قىسىملىرى، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى، يادرو قوللىرى بار بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي قىسىملىرى ھازىر، ئۆز - ئارا ھەرگىز ئېتىراپ قىلىشمايدىغان چېگرىلاردىن كىرىپ - چىقىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بىر - بىرىگە ھەرگىز يول قويۇشمايدۇ.

ھىندىستان ھازىر، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نېفىت بايلىقلىرىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ھەدەپ كېڭەيمىچىلىك قىلىۋاتقان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، دېڭىز ئارمىيە كۈچىنى ھىندى ئوكيانغا كېڭەيتىۋاتقان خىتاينىڭ ئېغىر تەھدىتىنى ھېس قىلدى. ئەمما، ھىندىستان ھازىر خىتايغا ھەرگىز يول قويمايۋاتىدۇ. ئەگەر بۇنداق كۆپ نوپۇسلۇق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھازىرقى كىچىك سۈركىلىشلەردىن چوڭ ئۇرۇش كېلىپ چىقسا، بۇ ئۇرۇش دەھشەتلىك دۇنيا ئۇرۇشى بولىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.