بۈگۈن «بوشۈن» تور گېزىتىدە «خىتاي ھازىر دۇنيادا ئىنتايىن يېتىم قالدى» مەۋزۇلۇق بىر ئوبزور ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، چوڭ قۇرۇقلۇقتا خەلق ھازىر، خىتاينىڭ ئابرۇيى، ئىززەت-ھۈرمىتى كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ چەتئەللەر بىلەن «دوستلۇق»، «ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق»، «قېرىنداشلىق» مۇناسىۋىتى بارغانسېرى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ دەپ تەسۋىرلەنگەن يالغان خەۋەر لەرنى ئاڭلايدۇ. ئەمەلىيەتتە خىتاي ھازىر، دۇنيادا ئىنتايىن يېتىم قالدى.
بۇ ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، بۇ، خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم يېتىم قېلىشى ئەمەس، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئىككى قېتىم ئەڭ زور دەرىجىدە يېتىم قالغان. خىتاينىڭ دۇنيادا بىرىنچى قېتىم يېتىم قېلىشى 1949-يىلدىن 70-يىللارغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، سوتسىيالىزم قۇرۇش دېگەن شوئار ئاستىدا خەلقنىڭ يەر-زېمىن، مال مۈلكىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، نەچچە ئون مىليونلىغان خەلقنى ئاچارچىلىقتا قالدۇرۇپ ئۆلتۈرگەندە يۈز بەرگەن. ئىككىنچى قېتىمقىسى، 1989-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، بىر قىسىم كىشىلەرنى باي قىلىش دېگەن شوئار ئاستىدا خىيانەتچىلىك ئەۋج ئالغاندىن كېيىن، دېموكراتىك تۈزۈم تىكلەش، چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش شوئارىنى توۋلاپ نامايىش قىلغان خەلقنى دۆلەت ئارمىيىسى بىلەن باستۇرغاندا يۈز بەرگەن. خىتاينىڭ ھازىرقى ئۈچىنچى قېتىملىق يېتىم قېلىشى، ئالدىنقى ئىككى قېتىمدىكىدەك نامرات يىللاردا ئەمەس، بەلكى خىتاي ھازىرقىدەك 4 ترىلىيون ئامېرىكا دوللىرىلىق تاشقى پېرېۋوت جۇغلانمىسى بار باي دۆلەتكە ئايلىنىپ بولغاندا، شۇنداقلا خۇجىنتاۋ 2005-يىلى «ئىناق جەمئىيەت» قۇرۇشقا باشلىغاندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە يۈز بەردى. خىتاي ھازىر، خۇددى قەدىمكى خىتاي تەمسىللىرىدە بايان قىلىنغاندەك، خىتاينىڭ ھازىر «يا يېقىندا قېرىندىشى يا يىراقتا تۇغقىنى قالمىدى»، بەلكى «تۆت ئەتراپىدىن جەڭ دۇمبىقى ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان» ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.
ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ھازىر باشقا بىر دۆلەتكە ھۆركىرەپ قويغىدەك ھالىمۇ يوق. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاپ خىتاينى ئەڭ زور دەرىجىدە يېتىم قالدۇرغاندا، خىتاي بۇ قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ھېچقايسىغا بىرنېمە دېيەلمىگەن، پەقەت خۇجىنتاۋنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ تۇرغان ئىدى.
ئۇچۇر ئارخىپلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي ئاسىيادا ئۆزىگە بىرمۇ دوست تاپالمىغان خىتاي، شۇنىڭدىن كېيىن پاكىستان بىلەن بىر-بىرىنى ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ يېقىن دوست، قېرىنداش دەپ ماختىشىپ، پاكىستان زېمىنىدا بىر ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى. بىر كوممۇنىست دۆلىتى بىلەن بىر ئىسلام دۆلىتى بىرلىشىپ، يەنە بىر مۇسۇلمان خەلقنى ----ئۇيغۇرلارنى «تېررورچى» دەپ يوقىتىدىغانلىقىنى جاكارلاپ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ ھەربىي مانېۋىر جەريانىدا، ئافغانىستاندىكى ناتو قىسىملىرى پاكىستاننىڭ بىر ھەربىي پونكىتى بومبىلىدى. پاكىستان دائىرىلىرى شۇنىڭدىن تارتىپ ناتوغا ۋە ئامېرىكىغا قارشى ئەڭ چوڭ نامايىش قوزغاۋاتىدۇ، ھەتتا ناتو قىسىملىرى پاكىستاندىن ئۆتىدىغان يولنى تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكىغا ھاۋا ئارمىيە بازاسىدىن چىقىپ كېتىش بۇيرۇقىمۇ ئېلان قىلدى. ئەمما خىتاي شۇ چاغدا ئۆتكۈزۈۋاتقان مانېۋىرىنى يىغىشتۇرۇپ قويغاندىن باشقا، ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى، قېرىندىشى پاكىستان بىلەن بىللە بولمىدى، ھەتتا ئېنىق بىر ئېغىز تەسەللى بېرەلمىدى.
ئەمما خىتاي تۈنۈگۈن، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھۆركىرىيەلىدى. «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تۈنۈگۈن تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشخاباتتا «ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ب د ت نىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنى» ئاچقان. خىتاي بۇ يىغىندا، «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ خىل كۈچلەر ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەڭ چوڭ تەھدىت» دەپ جاكارلىغان.
«شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ بۇ خەۋىرى ئۈستىدە بۈگۈن «دوۋېي تورى» دا قوزغالغان مۇنازىرىلەرنىڭ بىرىدە، خىتاينىڭ ھازىر يا يېقىندا قېرىندىشى يا يېراقتا تۇغقىنى قالمىدى، شۇنداقلا، خىتاينىڭ ھازىر باشقا بىر دۆلەتكە گېپىنى ئۆتكۈزەلىگىدەك يۈزىمۇ يوق. خىتاي ھازىر ئەلەم ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا ھۆركىرەپ قويۇشتىن ئۆزگىنى قىلالمىسا كېرەك، دەپ بايان قىلىنغان. يەنە بىر ئوبزوردا، ئەمدى قانخور كوممۇنىستلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ خىيانەتچى چۇماقچىلىرىدىن ھېساب ئېلىشقا ئاتلىنىش كېرەك، دەپ بايان قىلىنغان.