لياۋ يىۋۇ: خىتاي ئىمپېرىيىسى پارچىلىنىشى لازىم

گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە نەشرىيات تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن لياۋ يىۋۇ بىلەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مو يېننىڭ ئادىمىيلىكىدىمۇ، ئەسەرلىرىدىمۇ زور پەرق بار.

0:00 / 0:00

گېرمانىيە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئەڭ تەسىرلىك مۇكاپاتتىن بىرى بولغان «نەشرىيات تىنچلىق مۇكاپاتى» 14-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي شائىرى، يازغۇچىسى لياۋ يىۋۇغا بېرىلدى. تېخى بۇندىن تۆت كۈن ئىلگىرىلا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى خىتاي يازغۇچىسى مو يەنگە بېرىلىپ، خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. بۇ ئىككى خىتاي قەلەمكەشنىڭ پەرقى نەدە؟

14-ئۆكتەبىر كۈنى فرانكفۇرت خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسى ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى، فرانكفۇرتتىكى پاۋلس چىركاۋىدا 2012-يىللىق گېرمانىيە نەشرىيات تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، خىتاي قەلەمكەش لياۋ يىۋۇ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى. مۇراسىمغا گېرمانىيە پرېزىدېنتى جوئاچىم گائۇك، پارلامېنت باشلىقى لاممېرت قاتارلىق دۆلەت ئەربابلىرى، سىياسەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى نۇرغۇنلىغان مەشھۇر شەخسلەر قاتناشتى. لياۋ يىۋۇنىڭ مۇكاپات تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن سۆزلىگەن نۇتقى، مۇراسىم ئەھلىنى ھاياجانلاندۇردى.

گېرمانىيە نەشرىيات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى گوتفىرىد ئەپەندى سەھنىدە لياۋ يىۋۇغا باھا بېرىپ «ئۇ قىلچە قورقۇمسىز ھالدا باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان، ئازاب چېكىۋاتقان خەلقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاتتى. ئۇ ھېقىقى مەنىدىكى خەلق يازغۇچىسى» دېدى. فرانكفۇرتنىڭ شەھەر باشلىقى پېتېر فەلدمان نۇتۇق سۆزلەپ، لياۋ يىۋۇغا «سىزنىڭ ئەركىن بىر كىشىلىك سالاھىيەتتە بۇ مۇھىم مۇكاپاتنى ئۆز قولىڭىز بىلەن تاپشۇرۇپ ئالالىغانلىقىڭىزدىن كۆپ ھاياجانلاندىم، مېنى ئىپتىخارلاندۇرىدىغىنى، كىتاب شەھىرى بولغان فرانكفۇرتنىڭ باشلىقى سالاھىيەتتە مۇنداق بىر ئۇچۇرنى ئېلان قىلالىغانلىقىمدۇر: كىتاب بازىرى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چوڭقۇر تۆنىدى.»

لياۋ يىۋۇ 1958-يىلى 4-ئاۋغۇست خىتايدا تۇغۇلغان. يازمىلىرىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن 4 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن يېزىش ھەققى چەكلەنگەن. 2011-يىلى ئۇ خىتايدىن ۋيېتنامغا ئوغرىلىقچە قېچىپ چىقىپ، ۋيېتنامدا بىر مەزگىل رىيازەت چەككەندىن كېيىن گېرمانىيىگە قاچاق يوللار بىلەن كەلگەن. ھازىر بېرلىندا ياشىماقتا. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقىنى پاش قىلىش ئارقىلىق، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان. ئۇنىڭ «بىر شېئىر ۋە يۈز شېئىر ئۈچۈن»، «ئوق ۋە ئەپيۈن» قاتارلىق ئەسەرلىرى مەلۇم.

گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى ئىنكاسلارغا قارىغاندا، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مو يېن بىلەن نەشرىيات تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن لياۋ يىۋۇنى ئەخلاق جەھەتتىنمۇ، دۇنياقاراش جەھەتتىنمۇ، بىر ئەقەللىي ئىنسانلىق جەھەتتىنمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. مو يېن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سادىق مۇرىدى، لياۋ يىۋۇ بولسا ئەشەددىي دۈشمىنى. بىرى جان بېقىش ئۈچۈن يازىدۇ، يەنە بىر ئادالەت ئۈچۈن. لياۋ يىۋۇ مو يېننى «دۆلەتنىڭ يازغۇچىسى»، «ئوردا شائىرى» دەپ ئاتايدۇ.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ئىككى شەخس ئېرىشكەن مۇكاپاتقا نىسبەتەن ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 14-ئۆكتەبىردىكى نەق مەيداندىن ئالغان خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، لياۋ يىۋۇ مۇكاپات مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىنى، تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان 9 ياشلىق بىر بالىنىڭ ھېكايىسى بىلەن باشلاپ «مەن بۇ يەردە خىتاي ئىمپېرىيىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى يەتكۈزمەكچى. ئۇ مۇتلەق پارچىلىنىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ بالىلارنى ئۆلتۈردى. جۇڭگونىڭ ئەنئەنىسى مۇشۇنداق» دەيدۇ. بۇ نۇتۇق «خىتاي ئىمپېرىيىسى پارچىلىنىشى لازىم» دېگەن باش تېمىدا، لياۋ يىۋۇنىڭ گېرمانىيە پرېزىدېنتى گائۇك بىلەن چۈشكەن سۈرىتى بىلەن قوشۇلۇپ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تارقىتىلدى. ئۇ نۇتقىدا خىتاينىڭ ئۇزۇن تارىخىنى ۋاراقلاپ، خىتاي ھۆكۈمرانلار تەبىقىسىنىڭ ئەلمىساقتىن يۈرگۈزۈپ كەلگەن قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى بىرمۇ-بىر ئوتتۇرىغا قويۇپ، تاكى ماۋ زېدۇڭ، دىڭ شاۋپىڭ دەۋرىگىچە ۋە بۈگۈنكى كومپارتىيىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق سىياسىتىگىچە سۆكتى.

لياۋ يىۋۇ سۆزىدە، خىتاي تارىخىنىڭ پۈتۈنلەي قانلىق قىرغىنچىلىققا تولغان تارىخ ئىكەنلىكىنى، تارىختا ئۆتكەن پادىشاھلارنىڭ بۆلۈنۈپ كەتكەن خىتاي دۆلىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش شوئارى ئاستىدا مىليونلاپ ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكى، بولۇپمۇ ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەرنى، ئالىملارنى تېرك كۆمۈپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، ماۋ زېدۇڭ ئادەم ئۆلتۈرۈشتە چىن شىخۇئاڭ بىلەن بەسلىشىپ، چىن شىخۇئاڭ ئاران 460 ئالىمنىڭ كاللىسىنى كېسىپتۇ، بىز بولساق قانچە ئونمىڭلىغان ئەكسىل ئىنقىلابچىنى باستۇردۇق، بىزنىڭ يوقاتقىنىمىز چىن شىخۇئاڭدىن قانچە ھەسسە كۆپ" دېگەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ. ئۇ يەنە 1959-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە بولغان ئاچارچىلىق دەۋرىدە خىتايدا 40 مىليونغا يېقىن ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 1966-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە داۋام قىلغان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا ئەكسىلئىنقىلابچى قالپىقى بىلەن 4 مىليونغا يېقىن ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئەمدى بۇ ئادەم ئۆلتۈرۈشنى 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمىن ۋەقەسىگە ئوخشاش ۋەقەلەر بىلەن بۈگۈنكى كوممۇنىست رەھبەرلەر داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

لياۋ يىۋۇ ئاخىرىدا «چوڭ قىرغىنچىلىق» ناملىق بىر شېئىرنى ئوقۇپ، بۇ مەشھۇر نۇتقىنى خىتاي ئىمپېرىيىسىگە ھالاكەت تىلەپ مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ:

بۇ كىشىلىك تەبىئەتنى ئۆلتۈرىدىغان قان رەڭلىك ئىمپېرىيە، بۇ يەر شارىنىڭ ئاپەت مەنبەسى، بۇ چەكسىز زورىيىۋاتقان ئەخلەتخانا پارچىلىنىشى لازىم.
بالىلار بەختسىزلەرچە ئۆلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، بۇ ئىمپېرىيە پارچىلىنىشى لازىم.
ئانىلار بالىلىرىدىن ئايرىلىپ بەختسىزلىككە قالماسلىقى ئۈچۈن، بۇ ئىمپېرىيە پارچىلىنىشى لازىم.
جۇڭگونىڭ ھەر يېرىدىكى خەلق ئۆز ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ سەرسان بولماسلىقى، دۇنياغا يۈك بولماسلىقى ئۈچۈن، بۇ ئىمپېرىيە پارچىلىنىشى لازىم.
ئەسلىنى تېپىشقا، كېلەچەكتە ئەجدادلىرىنىڭ قەبرىگاھلىرىنى قوغدايدىغانغا ئادەم قېلىشى ئۈچۈن بۇ ئىمپېرىيە پارچىلىنىشى لازىم.
پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكى ئۈچۈن، بۇ ئىمپېرىيە پارچىلىنىشى لازىم.