خىتاي ئىقتىسادىدا خەتەرلىك سىگناللار چېلىنماقتا

بىر قىسىم كىشىلەر خىتاينى دۇنيا ئىقتىسادىنى كرىزىستىن قۇتقۇزغۇچى دەپ قاراۋاتقاندا، مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشكە قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى ۋە خىتاي ئىقتىسادىدا خەتەرلىك بېشارەتلىرىنىڭ كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

0:00 / 0:00

ئامېرىكىدا ئىقتىسادىي كرىزىس يۈز بەرگەندە، ئىقتىسادشۇناسلار خىتاي ئىقتىسادىنىڭ قىسقا بىر گۈللىنىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى،ئەمما بۇنىڭ قىسقا ۋاقىتلا داۋام قىلىدىغانلىقىنى، كېيىن خىتايدا ئىقتىسادىي كرىزىس پارتلايدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىشقانىدى.

خىتاي ئامېرىكىدىن كېيىن، دۇنيادا ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە دەپ قارىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان، ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرىگە قارىغاندا، ئالدىنقى 3 ئايدىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىن 9.1% ئاشقان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ 10% تىن يۇقىرى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەنىدى. يېقىندىن بۇيان خىتايدا پۇل پاخاللىقىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا مال باھاسىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئۆرلەۋاتقانلىقى ۋە ئاكسىيە بازارلىرىدا پاي چېكىنىڭ چۈشۈۋاتقانلىقى كۆپ تىلغا ئېلىنماقتا.

ئىقتىسادتىن تارتىپ ھەر ساھەدە سەلبىي تەرەپنى زادىلا تىلغا ئالماستىن، گۈل-گۈلىستانلىقنى تەكىتلەش ۋە كۆپتۈرمە خەۋەرلەرگە ئادەتلەنگەن خىتاي مەتبۇئاتلىرى، يېقىنقى بىرقانچە ئاي ئىچىدە ئۇدا بىر قانچە قېتىم باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ خىتاي ئىقتىسادى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا ۋە ئەندىشىلىرىگە ئورۇن بەردى. بۇمۇ خىتاي تارىخىدا تېخى تۇنجى قېتىملىقتۇر.

ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئەڭ ئاساسلىق بازارلىرىدىن بولۇپ، ئامېرىكا ئىقتىسادىدىكى تۇرغۇنلۇق ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى قەرز كرىزىسى خىتاينىڭ ئېكسپورتقىلا تايىنىپ ئۆرە تۇرۇۋاتقان ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىغا ئېغىر خىرىس شەكىللەندۈرگەن.

بەزى مۇتەخەسسىسلەر، ئامېرىكىدىكى ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ سەۋەبىدىن بىرىنىڭ يەنىلا خىتاي ئىكەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېكسپورتتىكى رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكنى داۋاملىق ساقلاش ئۈچۈن، خىتاي پۇلى «يۈەن» نى ئەسلى قىممىتىدىن، ئەتەي تۆۋەن تۇتۇپ، خەلقئارا سودىدا ناتوغرا رىقابەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئامېرىكىدىكى ئىقتىسادى كرىزىسنىڭ پىلىكىگە ئوت ياققانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

ئامېرىكىدىكى «بلوئومبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئېلان قىلغان، دۇنيادىكى 1097 نەپەر مەبلەغ سالغۇچى، ئىقتىسادشۇناس ۋە تەتقىقاتچىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق تەييارلىغان، تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1097 نەپەر كىشىنىڭ 61% ئى كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمى مەنزىرىسىدىن ئۈمىدۋار ئەمەسلىكىنى، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ 2016-يىلىغا بارغاندا، تامامەن ۋەيران بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پەقەت يۇقىرىقى كىشىلەرنىڭ 10% ئىلا خىتاي بانكىلىرىنىڭ كرىزىسقا تاقابىل تۇرالايدىغان كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، 46% كىشى بولسا نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ناچارلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

2010-يىللىق نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پېتېر دىئاموندمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىلىرىدا نۇرغۇن مەسىلىلەر، يەنى «دېموكراتىك بولمىغان دۆلەت كونتروللۇقى» بولغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ پاراۋوزى بولۇش خىيالى سۇغا چىلىشىدۇ، دېگەنىدى.
2008-يىللىق نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پۇئال كرۇگماننىڭ تەخمىنىچە، ئەمدىكى يەرشارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي بوھراننىڭ مەنبەسى خىتاي بولىدۇ.

پائۇل كرۇگمان ئىككى ھەپتە ئىلگىرى «نېۇيورك ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان «خىتاي ۋەيران بولامدۇ» ناملىق ماقالىسىدە:
«نۆۋەتتە پۇل-مۇئامىلە ۋە ئىقتىساد ساھەسىدىكى بوھراندىن قورقۇشنىڭ ھېقىقى سەۋەبلىرى بار. 1980-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ياپونىيىدىكى ۋە 2007-يىلىدا ئامېرىكىدىكى ئىقتىسادىي بوھرانلارغا ئوخشاش. ئەمما مەن يۇقىرىقىلار توغرىلىق ئەمەس، بەلكى دۇنيا ئىقتىسادىغا يېڭى تەھدىت بولۇۋاتقان خىتاي توغرىلىق توختىلىۋاتىمەن. ھەقىقەتەن نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىش قىيىن بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىشنى تازا خالىمايتتىم. ئادەتتە ئېلان قىلىنغان ئىقتىسادىي رەقەملەر فانتازىيىلىك ھېكايىلەردەك زېرىكىشلىك تۇيۇلىدۇ. ئەمما، خىتاينىڭ رەقەملىرى باشقىلىرىدىن تېخىمۇ خىيالىي ۋە تېخىمۇ توقۇلما. خىتاي مۇتەخەسسىسلەردىن ياردەم سورىماقچى بولدۇم، لېكىن ئىككى مۇتەخەسسىسنىڭ ئوخشاش بىر ھېكايىنى سۆزلىشى دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدۇ. ئەمما يېقىنقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رەسمىي رەقەملىرىمۇ كىشىنى ئەندىشىگە سالماقتا ۋە خەتەرلىك بېشارەتلەرنىڭ سىگناللىرى چېلىنماقتا» دەپ يازىدۇ.

2008-يىللىق نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پۇئال كرۇگمان ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ئىقتىساد ۋە پۇل-مۇئامىلە ساھەسىنى چەتئەللىكلەرگە تولۇق ئېچىۋەتمىگەنلىكى، چەتئەللىكلەرگە قىلىنغان قاتتىق مۇئامىلە ۋە ئامېرىكا ئاپتوموبىللىرىغا قارىتا يېڭىدىن يولغا قويغان جازالاش خاراكتېرىدىكى باج قاتارلىقلارنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى شۇنداقلا قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلمايدىغان بۇ دۆلەتتە پارىخورلۇق ۋە خىيانەتچىلىكنىڭ كەڭ يېيىلغانلىقى قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىپ:
«خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر باشقا يەرلەردە بىز شاھىت بولغان ئىقتىسادىي بوھرانلارغا بەكلا ئوخشىشىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلماي تۇرالمايمىز. ياۋروپادىكى داۋالغۇش سەۋەبىدىن ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يېڭى بىر كرىزىس مەركىزىگە ھېچ ئېھتىياجى يوق ئىدى دەپ يازىدۇ.»