خىتاي ئانالىزچىلار: خىتاي ئىقتىسادى كرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ

خىتايدا مال باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى، زېمىن سودىسىدىكى نەيرەڭۋازلىق، ئۆي-جايلىرى مەجبۇرى تارتىۋېلىنغان ئەرزدارلارنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق ئىجتىمائىي-ئىقتىسادى مەسىلىلەر خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازاد قاسىم
2011.10.26
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

يېقىندا «بۈيۈك ئېرا» تور بېتىدە ساڭشەن ئەپەندىنىڭ «خىتاي ئىقتىسادى كرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

«ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى مەبلەغ سېلىش، ئېكسپورت، ۋە ئىستېمالدىن ئىبارەت ئۈچ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە تايىنىدۇ. خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بىر قانچە ئون يىللىق تەرەققىياتى بولسا ئاساسەن ئېكسپورت بىلەن مەبلەغ سېلىشنىڭلا مەھسۇلى. ئۇزۇندىن بۇيان خىتايدا خەلقنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى ئىزچىل ھالدا ئاجىز ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. بۇ ھالەتنى ياخشىلاپ خىتاينىڭ ئىقتىسادى كىرىم تەقسىماتىدا زور كۆلەملىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن كوممۇنىستىك تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ. ھالبۇكى، كۆز ئالدىمىزدىكى ۋەزىيەتتە تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان بىر ئىش.» دەپ يازىدۇ ئاپتور ماقالىسىدە.

ئەگەر خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلىپ كۆرسىڭىز، ئىقتىسادنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇۋاتقان مۇھىم ئامىلنىڭ ئۆي-زېمىن سودىسى بولۇۋاتقانلىقىنى بايقايسىز. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت ئەھۋالى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى گۋەنچىڭيۇنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن يىلى يالغۇز ئۆي-زېمىن سودىسىدىن كىرگەن ھۆكۈمەت مالىيە كىرىمى ئۈچ تىرليون يۈەن خەلق پۇلى بولغان. ئۇنىڭ ھېسابلىشىچە، خىتايدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەر يىللىق يەر سېتىشتىنلا كىرگەن كىرىمى 1989-يىلدىكى 450 مىليون يۈەندىن تەرەققىي قىلىپ، 2010-يىلى ئۈچ تىرليون يۈەنگە يېتىپ، 6732 ھەسسە ئۆسكەن. يىللىق ئومۇمى مالىيە كىرىمى بولسا، 1989-يىلدىكى 184 مىليارد يۈەندىن 2010-يىلدىكى 4 تىرىليون63 مىليارد يۈەنگە يىتىپ، 21 ھەسسە كۆپەيگەن. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، بۇ 4 تىرىليوندىن ئارتۇق مالىيە كىرىمىنىڭ 3 تىرىليونى يەر سېتىشتىن كىرگەن كىرىم بولۇپ، ئومۇمى كىرىمنىڭ 75% نى ئىگىلىگەن.

ئون نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى يەنە بىر تۈرتكىلىك ئامىل ئېكسپورت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاينىڭ يىللىق ئېكسپورت قىممىتى 10 تىرىليون يۈەندىن ئارتۇق بولۇپ، خىتاينىڭ 2010-يىللىق ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى (GDP) نىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلىگەن. ئەگەر بۇنىڭغا ئىمپورت قىممىتى قوشۇلسا، ئۇ ھالدا ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ خىتاي ئىقتىسادىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى 50% دىن ئېشىپ كېتىدۇ.

ئاپتور نۆۋەتتىكى خەلقئارالىق ئىقتىسادى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ كاساتلىشىشى، ياۋروپانىڭ قەرزى كرىزىسىغا پېتىپ قېلىشى، خىتايدىكى پۇل پاخاللىقى سەۋەبىدىن ئەمگەك كۈچى ۋە خام ئەشيا تەننەرخىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى شۇنداقلا خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئۆرلىشى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن خىتاينىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسى بۇرۇنقىدەك ئەمەلىي پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان بولۇپ قالغان. جېجياڭ ئۆلكىسى ۋېنجۇ شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ ئۆلكىنىڭ بۇ يىللىق ئېكسپورت مىقدارى 30% تۆۋەنلىگەن. 40% تىن ئارتۇق كارخانىلار زىيان تارتىپ، كۆپلىگەن زاۋۇتلار تاقالغان.»

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ناچارلىشىشى، ھۆكۈمەت كىرىمىنىڭ تۆۋەنلىشى تەبىئىي ھالدا مەبلەغنىڭ سىرتقا ئېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خىتايدىكى پارىخور ئەمەلدارلار ۋە پۇلدارلارنىڭ چەتئەللەرگە قېچىشى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلمەكتە. سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 70% پۇلدارلار (مىليون دوللاردىن ئارتۇق دەسمايىسى بارلار) چەتئەللەرگە كۆچۈپ كېتىشنىڭ تەييارلىقىغا كىرىشكەن ھەمدە كۆچۈشكە باشلىغان. شۇنىڭغا ئەگىشىپ زور مىقداردىكى مەبلەغنىڭ سىرتقا ئېقىشى كېلىپ چىققان.

ئىقتىسادنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئامىل شۈبھىسىزكى باجنى كېمەيتىش ۋە مەبلەغ سېلىنمىسىنى كۆپەيتىشتىن ئىبارەت. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باجنى كېمەيتىشىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. مەبلەغ سېلىنمىسىنى كۆپەيتىشكە كەلسەك، 2008-يىلى ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن سېلىنغان 4 تىرىليون يۈەن مەبلەغنىڭ كۆپ قىسمى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مونوپول كارخانىلار بىلەن مەنسەپدارلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشكەن بولۇپ، ئالدىنقى ئىككى يىلدا ئۆي-زېمىن باھاسى بىلەن پاي چېكى باھاسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۆسۈپ كېتىشى، دەل خىتايچە غىدىقلىما ئىقتىسادنىڭ مەھسۇلى. ئەمەلىيەتتە مەبلەغگە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار بولسا قوللاشقا ئېرىشەلمەي، ئۆتكەن كۈنىگە شۈكرى قىلىشقا مەجبۇر بولۇشقان. خىتايدىكى ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىققا پېتىپ قېلىشىنى ھەرگىزمۇ تاسادىپىي ئەھۋال دېيىشكە بولمايدۇ. كۆپلىگەن ئىقتىسادشۇناسلار ئۇزۇندىن بۇيان بۇنداق مۇقەررەرلىكنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا ئېلىپ كېلىدىغان خەتىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشلار بېرىپ كەلگەن ئىدى. ھالبۇكى خىتايدىكى كوممۇنىستىك تۈزۈلمە ئۆزىنىڭ تەڭشەش ئېلاستىكلىقىنى بۇرۇنلا يوقاتقان بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتلىرىدىن شەكىللەنگەن چەمبىرەكنىڭ غايەت زور كۈچى خىتاينىڭ مەركىزى ھاكىمىيىتىنىمۇ ئامالسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھاكىمىيىتى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادى كرىزىس ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق خۇلاسە چىقارغان: «نيۇتوننىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتى بويىچە جىسىمنىڭ ھەجمى قانچە چوڭ بولسا، ئۇنىڭ ھەرىكەت ئىنېرتسىيىسى شۇنچە زور بولىدۇ. خىتايغا ئوخشاش غايەت زور ئىقتىسادى گەۋدىدە يۈز بېرىۋاتقان كرىزىسنىڭ كەلتۈرىدىغان خەتىرىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن بولسىمۇ، بىراق بۇ كرىزىس پەيدا قىلىدىغان ئاقىۋەتنى توسۇپ قېلىش ھېچكىمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.