'دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچى بولغان خىتاي نېمىشقا خۇش بولمىدى'

خىتاي 30 يىلدىن بېرى "ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش " سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە ئايلاندى. خىتاينىڭ بۇ نەتىجىسى ئەلۋەتتە دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

0:00 / 0:00

كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە تۈرلۈك باھالارنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان بولۇپ، كۆپىنچىسى خىتاينىڭ بۇ نەتىجىسىنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئانچە پايدىلىق بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئورتاقلاشماقتا. بۇ كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلاردىن بىرى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە "ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى"نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان "دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچى بولغان خىتاي نېمىشقا خۇش بولمىدى" ماۋزۇلۇق مۇلاھىزىسىدە بۇ نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 3800 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇ دۇنيا بويىچە 105 - ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئامېرىكىدا بولسا بۇ رەقەم 46 مىڭ دوللار، ياپونىيىدە 39 مىڭ دوللار ئىكەن. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي گەرچە ئاڭلىماققا دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ كۈچى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يەنىلا ئىنتايىن تۆۋەن سەۋىيىدە. ئۇنىڭ ئۈستىگە يالغۇز ئىقتىسادىي كۈچ بىلەنلا چوڭ دۆلەت بولغىلى بولمايدۇ.

خىتاي ھازىر گەرچە ئىچكى جەھەتتە تەشۋىقاتتا خىتاينىڭ چوڭ دۆلەت بولغانلىقىنى تەشۋىق قىلسىمۇ، ئەمما سىرتقا قارىتا ئۆزىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىنىڭ يەنىلا ئىنتايىن تۆۋەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ باشقا دۆلەتلەردەك كۈچلۈك ئەمەسلىكىنى تەكىتلەۋاتقان بولۇپ، ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەبلەر ئۈستىدە توختالدى.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي گەرچە يۈكسىلىشىنى "تىنچلىقپەرۋەر يۈكسىلىش" دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە دۇنيا بۇنىڭغا گۇمان بىلەن قارىماقتا. بولۇپمۇ، خىتاينىڭ يېقىندا شىمالىي كورىيە بىلەن جەنۇبىي كورىيە ئوتتۇرىسىدىكى پارتلىتىۋېتىلگەن پاراخوت مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى، جەنۇبىي كورىيىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان ھەربىي مانېۋىرىنى تەنقىد قىلىشى خىتاينىڭ ئوبرازىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ قوشنىسى بولغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىمۇ خىتاينىڭ زورىيىشىدىن ئەندىشە ھىس قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىشكە باشلىغان.

رۇسىيە، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ھازىر ئارقا - ئارقىلاپ ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەربىي مانېۋىرلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەم ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ ئېلىپ بېرىلغان. يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتاينىڭ زورىيىشى رايوندا ئامېرىكا بىلەن ياپونىيىنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ ۋە شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى تەسىرىنىڭ ئارتىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان بولۇپ، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ئۈچۈن بېسىم بولماقتا ئىكەن. بۇ ھەم خىتاينىڭ قوشنىلىرى بىلەن 20 يىلدىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان "ياخشى قوشنىدارچىلىق" سىياسىتىنىڭمۇ ئانچە ئۈنۈم بەرمىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي ئەگەر بۇ خىل شارائىت ئاستىدا بۇنىڭغا قارىتا ئۆز سىياسىتىدە بىر ئۆزگىرىش ئېلىپ بارمىسا، خىتاينىڭ كېلەچىكىنىڭ ئۇنچە پارلاق بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.