خىتايدىكى كەلگۈسى نامەلۇم ئىز باسار

بايدىننى خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ كۈتىۋىلىپ، زىيارەت قىلدۇرۇۋاتىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. بۇ كۈنلەردە خەلقئارا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتى شى جىنپىڭغا مەركەزلەشتى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011-08-19
Share
joe-biden-wen-jyabaw-305.jpg ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جو بايدىن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن. 2011-يىلى 19-ئاۋغۇست، بېيجىڭ.
AFP

ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ خىتاي زىيارىتى 8‏-ئاينىڭ 17‏-كۈنى باشلانغان ئىدى. كۈنلەردىن بۇيان خەلقئارا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتى، كەلگۈسىدە خىتاي رەئىسى بولىدىغانلىقى بەلگىلىنىپ بولغان شى جىنپىڭنىڭ بايدىن بىلەن قىلغان ھەر بىر سۆز -ھەرىكىتىگە مەركەزلەشتى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، بايدىن خىتاي زىيارىتىنى باشلىغان كۈن، دەل 1982‏-يىلى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تەيۋەن مەسىلىسىگە ئالاقىدار بولغان «ئون يەتتىنچى ئاۋغۇست ئاخباراتى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 29 يىللىق خاتىرە كۈنى ئىدى. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، بايدىننىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى پەقەت بىرخىل شەكىل ئەمەس. گەرچە ئامېرىكىدا مۇئاۋىن پرېزىدېنت دېگەن ھوقۇقى يوق مەنسەپ بولسىمۇ، ئەمما بايدىن بۇ مەنسەپنى، مەسىلىلەر ئۈستىدە قارار چىقىرىشقا قاتنىشىش شەرتى بىلەن قوبۇل قىلغان ئىدى.

بايدىننى كۈتۈپ، زىيارەت قىلدۇرۇپ، سۆھبەتلىشىۋاتقان خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ قېتىم، تەيۋەن مەسىلىسىدە مۇقامنى ئېگىز تۈزۈپ ئاگاھلاندۇرۇش تەلەپپۇزىدا سۆز قىلدى. ئەمما بايدىن مۇقامنى تۆۋەن تەڭشەپ، گەپنى تەمكىن قىلدى. بايدىن خىتايغا مېڭىشتىن بۇرۇن، ئاقساراينىڭ ئەمەلدارلىرى، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ تەيۋەنگە بەرگەن ۋەدىلىرىدە چىڭ تۇرىدۇ، خىتاي بىلەن بۇ ھەقتە قايتا سۆھبەت ئۆتكۈزمەيدۇ، دەپ جاكارلىغان ئىدى. دېمەك، بايدىن بۇ قېتىم خىتايغا، بۇرۇنقى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى چوڭ مەسىلىلەردە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغان سۆھبەتكە كەلمىگەن.

ۋولت ستېرت ژۇرنىلىنىڭ بايان قىلىشىچە، كاللىسىدا پىشىپ يېتىلگەننى ئوچۇق سۆزلەۋىرىغان ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جو بايدىن بۇ قېتىم، جامائەت بار سورۇندا ئېغزىنى چىڭ يۇمۇۋالىدىغان، ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىنى يوشۇرۇپ، كاتىپ يېزىپ چىققاننىلا ئوقۇشقا ئادەتلەنگەن، 2013-يىلى ھوقۇق ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن بۇرۇن گەپ-سۆزدە چاندۇرۇپ قويۇشتىن قاتتىق ئەنسىرەيدىغان شى جىنپىڭ بىلەن كۆپ قېتىم ئىختىيارى ھالدا، ھېسسىياتىنى بىۋاسىتە بايان قىلىشىدىغان پۇرسەتكە ئىگە بولدى. بايدىن بۇ قېتىم، خۇددى ۋولت ستېرت ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى شىپىگېر تەسۋىرلىگەندەك، گەرچە ئىز باسارلىققا ئاللىقاچان بېكىتىلىپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما كەلگۈسىنى يەنىلا نامەلۇم ئېھتىماللار چىرماپ كەتكەن شى جىنپىڭنى يېقىن ئارىلىقتىن، ئىنچىكە كۆزۈتۈۋاتقان «پالچى» غا ئوخشاپ قالدى.

شى جىنپىڭنىڭ كەلگۈسىدە خىتاينى، ھازىرقى خىتاي رەھبەرلىرىگە ئوخشىمايدىغان قانداق شەكىل بىلەن ئىدارە قىلىشى مۇمكىنلىكىنى تەتقىق قىلىۋاتقان ۋاشىنگتون پوست گېزىتى مۇخبىرلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، فۇجەن، جېجياڭلاردا ئۆلكە باشلىقى بولغان مەزگىلدە ئېھتىياتچان، مۇقامنى تۆۋەن تەڭشەپ ئەمەلىي ئىش قىلغان، خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغاندىن كېيىن، بەزىدە ئاغزىدىن غەلىتە گەپلەر چىقىپ كېتىپ، خىتاي مەركىزى كومىتېتىدا غۇلغۇلا قوزغاپ قويغان شى جىنپىڭنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ئۈچۈن، بايدىن بۇ قېتىم شى جىنپىڭ بىلەن خۇددى شىمالىي كورىيە مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسى، خىتاي پۇلىنىڭ ئوبورۇتتىكى قىممىتى دېگەندەك نازۇك تېمىلاردا ئەركىن سۆزلىشىشكە تىرىشتى.

ياپونىيىىدە چىقىدىغان ئاساخى شىنبون گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، 18‏-ئاۋغۇست كۈنى بايدىننى كۈتۈۋالىدىغان رەسمىي زىياپەتكە شى جىنپىڭ رىياسەتچى بولۇۋالغانلىقى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. شى جىنپىڭ 2009-يىلى مېكىسكىنى زىيارەت قىلغاندىمۇ، خۇددى ئامېرىكىدا چىقىدىغان دىپلومات ژۇرنىلىدا بايان قىلىنغاندەك، سورالمىغان سوئالغا جاۋاب بېرىدىغان، ھەتتا، قورسىقى توق قىلغىلى ئىشى يوق قالغان چەتئەللىكلەر بىزنى تەنقىدلەۋەرمىسۈن، بىز بىرىنچىدىن ئىنقىلابنى ئېكسپورت قىلمايمىز، ئىككىنچىدىن نامراتلىق-ئاچارچىلىقنى ئېكسپورت قىلمايمىز، ئۈچىنچىدىن باشقىلارغا چاتاق تېرىمايمىز، دەپ جۆيلىگەندەك گەپ قىلىپ قويغان ۋەقە يۈز بەرگەن ئىدى.

گېرمانىيىدە چىقىدىغان ئەينەك گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، شى جىنپىڭ خىتايدىكى قىزىللارنىڭ قىزىلى، ئۇ 1970‏-يىللاردا دادىسى تۈرمىگە تاشلانغاندا، پارتىيىگە كىرىپ كوممۇنىستزادىلەرنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشكەن. 1987‏-يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، غەربنىڭ ھېچنىمىسىنى ياراتمىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئەنگلىيىدە چىقىدىغان تېلېگراف گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىن ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا مەلۇم قىلغان ئەھۋاللارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرى خىتايدىكى مەنپەئەتلەرنى پۈتۈنلەي تەقسىملەپ بولغان، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قولغان كەلگەن مەنپەئەتلەردىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغان قاتمال كىشىلەر، ئۇلاردىن ئىسلاھاتچى چىقمايدۇ. ئۇلار شى جىنپىڭنى ئىز باسارلىققا تاللاشتا، ئۇنىڭ رەھبەرلىك قابىلىيىتى بار -يوقلۇقىغا قاراپ ئەمەس، بەلكى ئادەتتە شى جىنپىڭنىڭ كىشىلەرگە ساددا قىياپەتتە كۆرۈنىدىغان، باشقا گۇروھلارنىڭ مەنپەئەتىگە تەھدىت سالماي بىتەرەپ تۇرىدىغان خاراكتېرىنى بىلىپ تاللىغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت