«خىتاينىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى گۈللىنىشى تېخنىكا ۋە ئۇچۇر جاسۇسلۇقىتىن كەلگەن»

خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ دۇنيادىكى ئىلغار تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا تاشلىنىۋاتقانلىقى، خىتاينى ئىزچىل بىئارام قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.

0:00 / 0:00

ئۆتكەن يىلى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە سانائەتلەشكەن 8 ۋە 20 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى بولۇۋاتقان مەزگىلىدە، بولۇپمۇ خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئوتتاۋانى زىيارەت قىلىۋاتقان كۈنلەردە، كانادا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رىچارد فاددەننىڭ خىتاينىڭ: «شېرىن ئاي ساياھىتى» ۋە «سەتەڭلەر ھىيلىسى» ئارقىلىق كانادادىكى سىياسەتچىلەرنى ئۈندەككە كەلتۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىغا ئائىت بايانات بېرىشى بىلەن، كانادا-خىتاي دىپلوماتىك ساھەسىدە قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ قۇيغاندەك ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ئىدى.

بۇ قېتىم خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ياپونىيىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، دۇنيا بويىچە 2-ئورۇنغا چىققانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن،كانادا مەتبۇئاتلىرىدا يەنە خىتاينىڭ تېخنىكا ۋە ئۇچۇر جاسۇسلۇقىغا ئائىت يېڭى پاكىتلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان ماقالىلەر ئارقا ئارقىدىن يەر ئېلىشقا باشلىدى شۇنداقلا، بۇ ماقالىلەردە خىتاينىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى گۈللىنىشىنى تېخنىكا ۋە ئۇچۇر جاسۇسلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارالدى.

يېقىندا تورونتودا چىقىدىغان تورونتو قۇياشى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئەجدىھا كۆزىنى يوغان ئاچماقتا» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئەنە شۇنداق ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ماقالىلەرنىڭ بىرى. ئاپتور پېتەر ۋورتىڭتون ماقالىسىنى، «خىتاي دۇنيادا تېخنىكا ۋە ئۇچۇر جاسۇسلۇقى قىلىۋاتامدۇ دېگەن سوئالنى سوراش، پوپ كاتولىكمۇ دەپ سوراشقا ئوخشاشلا كۈلكىلىك، خىتاينىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى جاسۇسلۇقى نۆۋەتتە ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئادەتتىكى مەسىلە بولۇپ قالدى» دەپ باشلايدۇ.

پېتەر ۋورتىڭتوننىڭ تورونتو قۇياشى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، فرانسىيە 1996-يىلى پاتېنت ھوقۇقى ئېلىپ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان شىنايدەر ماركىلىق ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ خىتايدىمۇ تەقلىد قىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ، بۇ ھەقتە خىتاي سوتىغا ئەرز سۇنغاندا،خىتاي سوتىنىڭ بۇ ماركىنى فرانسىيىدىن بۇرۇن خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغانلىقىنى دەلىللەپ ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى ۋە ئۆي ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك بولۇپ، فرانسىيىنىڭ خىتايغا يەنە 330 مىليون يۈەن يەنى 49.5 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم تۆلەشكە مەجبۇر بولغانلىقى، بۇنداق ئەھۋالنىڭ خىتاي ئىشلەپچىقىرىۋاتقان ئاپتوموبىللاردىمۇ كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنىمۇ تىلغا ئالىدۇ.

ماقالىدىن يەنە مەلۇم بولۇشىچە، فرانسىيىنىڭ مەلۇم بىر دورا سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنى زىيارەت قىلغان خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى بىر خىتاي جاسۇسى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ قويۇلغان مەلۇم بىر دورا سۇيۇقلۇقىغا ئوغرىلىقچە گالستۇكىنى چىلىۋالغان ۋە خىتايغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، فرانسىيىدىن بۇرۇن بۇ دورىنىڭ تەقلىدىنى ئىشلەپچىقارغان.

خىتاي، خىتاينىڭ جەنۇبىغا تېز سۈرئەتلىك پويىزنى يولغا قويماقچى بولغاندا، فرانسىيە بىلەن ھەمكارلاشماقچى بولغان. بۇنىڭ بەدىلىگە فرانسىيە،خىتاي ئىنژېنېرلىرىنى 6 ئاي تەربىيىلەپ بېرىشكە كېلىشكەن، ئەمما خىتاي ئىنژېنېرلىرى تەربىيىلىنىپ بولغاندىن كېيىن خىتاي فرانسىيە بىلەن ھەمكارلىق توختامى ئىمزالىمىغان.

ماقالىدا يەنە، خىتاينىڭ زور تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچىلار قوشۇنىنى فرانسىيە شىركەتلىرىگە بىلىم ئاشۇرۇش باھانىسىدە ئەۋەتكەنلىكىنى، ھازىر 30 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ فرانسىيە شىركەتلىرىگە تارقالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، مانا بۇلار تېخنىكا ئوغرىلايدىغان جاسۇسلار بولۇشى مۇمكىن دەپ يازىدۇ. ماقالىدە يەنە، فرانسىيىدىكى داڭلىق شىركەتلەرنىڭ خوجايىنلىرىنى شىرىنئاي ساياھىتىگە تەكلىپ قىلىش ۋە سەتەڭلەر ھىيلىسى ئىشلىتىش قاتارلىقلارنىڭمۇ خىتاينىڭ تېخنىكا جاسۇسلۇقىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

ماقالىدە يەنە،خىتايدا بازار تېپىۋاتقان داڭلىق بالىلار سۈت مەھسۇلاتلىرىدىن ۋاخاخانىڭمۇ، فرانسىيىنىڭ سۈت تۈرىدىكى مەھسۇلاتى دونونەنىڭ تەقلىدى ئىكەنلىكىنى پاش قىلىدۇ.

ئاپتور ماقالىسىدە يەنە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنلەرنىڭ خىتاي تېخنىكا جاسۇسلىقىدىكى قانچە مىليونلىغان مىسالنىڭ بىر قانچىسىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا، بۇ جاسۇسلۇقلارنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاي ئىقتىسادىنىڭ شۇنچە كۈچلىنىشىدىكى سىر ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، 2005-يىلى كونسېرۋاتىپ پارتىيىنىڭ لىدەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ستەۋەن خارپېر ئەينى چاغدىكى پائۇل مارتىن ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى ئوغرىلىقى ۋە جاسۇسلۇقىغا كۆز يۇمدى ۋە كۆرمەسكە سالدى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. ئەمما، ھازىر ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ستەۋەن خارپېر ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى كانادا بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئاشكارىلىغان، خىتاينىڭ كانادالىق سىياسەتچىلەرنى شىرىنئاي ساياھىتى ۋە سەتەڭلەر ھىيلىسى ئارقىلىق ئۈندەككە كەلتۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىغا ئائىت جاسۇسلۇق سەتچىلىكىنى، بۇ ھەقتىكى پاكىت ‏- ئىسپاتلار تولۇق ئەمەس دېگەن باھانە سەۋەبلەر بىلەن رەت قىلىپ، كانادا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رىچارد فاددەننى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان شۇنداقلا خارپېرنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن جاسارەتلەنگەن كانادادىكى خىتايلار فاددەننى ئىستېپا بېرىشكە قىستىغان ئىدى.