يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، گېرمانىيە ئاخبارات ساھەسىدە خىتاينىڭ ئىستىقبالى توغرىسىدىكى ئانالىزلار قانات يايماقتا. بېزىلەر خىتاينىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىدۋار پوزىتسىيىدە باھا بەرسە، بېزىلەر پۈتۈنلەي ئۈمىدسىز پوزىتسىيىسىنى ئاشكارىلىماقتا. گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 27-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 9-ئاينىڭ 24-كۈنى نەشردىن چىققان ئەينەك ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا خىتاينىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى توغرىسىدا بىر قەدەر ئەتراپلىق ئانالىز ئېلىپ بېرىلغان. ئانالىزدا خىتاينىڭ كەلگۈسى ئىجابىي، سەلبىي ۋە ئوتتۇراھال پوزىتسىيىدە تەھلىل قىلىنغان. ئاخىرىدا خىتاينىڭ بۈگۈنكى رېئال ۋەزىيىتى مۇھاكىمە قىلىنغان. خىتايغا ئائىت بۇ خىل ماقالىلەرگە دىققىتىنى بېرىپ كېلىۋاتقان گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
ئىجابىي نۇقتىدىن قارىغاندا، خىتاي مۇقىملىق ئەمەلگە ئاشقان دېموكراتىك بىر دۆلەتكە ئايلىنىدىكەن. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەبلەر ماقالىدە «پارلاق مەنزىرە» دېگەن تېما ئاستىدا شۇنداق بايان قىلىنغان:
-خىتايدىكى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە قاتلىمى زورىيىدۇ. تېخىمۇ كۆپ دېھقانلار شەھەرلەرگە كىرىپ يەرلىشىدۇ. ھەر بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ يىللىق كىرىمى قىسقا مۇددەت ئىچىدە 6 مىڭ دوللاردىن ئېشىپ كېتىدۇ. خەلق تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ سانى كۆپىيىدۇ. چۈنكى ھۆكۈمەت بۇ تەشكىلاتلارسىز جەمئىيەتتىكى رەڭگا-رەڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ. ھامان بىر كۈنى پارتلىغان دولقۇندا، خىتاي كومپارتىيىسى كوللېكتىپ ئىدارە قىلىش بىلەن ئۆزىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پارچىلىنىشلارنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ. نەتىجىدە، ئوخشىمىغان گۇرۇھلار مەيدانغا كېلىدۇ. ئاخىرىدا بۇ گۇرۇھلار سىياسىي پارتىيىلەرگە ئايلىنىدۇ.
ماقالىدىكى سەلبىي نۇقتىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئانالىزدا خىتاينىڭ كەلگۈسى «قاراڭغۇ مەنزىرە» دېگەن تېما ئاستىدا مۇنداق بايان قىلىنغان:
-بايلار يەنىمۇ بېيىپ، نامراتلار تېخىمۇ نامراتلىشىدۇ. بارغانسېرى كۆپ كىشى ئۆزىنىڭ تاشلاندۇق بالىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلايدۇ. خىتاي كومپارتىيىسى چېرىكلىكنى تىزگىنلىيەلمەيدۇ. خەلقنىڭ غەزەپ-نەپرەتلىرى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. بۇندىن سىرت، كومپارتىيە ھۆكۈمىتى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ. مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. مىليونلىغان دېھقانلار قۇرغاقچىلىق ۋە سۇ ئاپىتى تۈپەيلى يۇرتلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىدۇ. ھەممىلا يەردە كىشىلەر پاكىز سۇ، پاكىز ھاۋا ۋە پاكىز يېمەكلىك ئىزدەشكە باشلايدۇ. خىتاينىڭ ئالتالمىش 6-ئەۋلاد رەھبەرلىرىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قۇربىتى يەتمەيدۇ. نەتىجىدە توپىلاڭ يۈز بېرىپ، بۇ دۆلەتنى غۇلىتىپ تاشلايدۇ. ھەر بىر ئۆلكە ئۆز ئالدىغا ئايرىلىپ چىقىدۇ. خىتاي كۆچمەنلەر دولقۇنى ئاسىيا تۇپراقلىرىغا قاراپ ئېقىشقا باشلايدۇ.
ماقالىدە خىتايدا كەلگۈسىدە چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بەرمەيدىغانلىقى «ئوتتۇراھال مەنزىرە» دېگەن تېما ئاستىدا مۇنداق بايان قىلىنغان:
-ھەممە ئىش ھازىرقىدەك داۋاملىشىدۇ. خىتاي كومپارتىيىسى ئىزچىل ھالدا قەھرىمان رەھبەر ھالىتىنى ساقلايدۇ، ئۇلار يېڭى ۋەزىيەتكە تىز ئىنكاس قايتۇرىدۇ، زۆرۈر تېپىلسا قوراللىق كۈچلىرىنى ئىشقا سالىدۇ. كومپارتىيىدىن سىرت، باشقا تاللاش مەۋجۇت بولمايدۇ. ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە قاتلىمى ھوقۇقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا قىزىقمايدۇ، بەلكى ھازىرقى رېئال ھالەتنى ساقلاپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلار پەقەت بالىلىرىنى ياخشىراق مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش، يىلدا بىر قېتىم دەم ئېلىش، ئۆزىگە تەۋە بىر ئۆيگە ئىگە بولۇش پۇرسىتىنىڭ نېسىپ بولۇشىنى ئىستەيدۇ. بۇ ئىستەك تۈرتكىسىدە مۇستەبىت سىياسىي قاتلامدىكىلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى نامراتلارنىڭ تېخىمۇ ياخشىراق كۈنگە ئېرىشىش ئارزۇ-تەلەپلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
«خىتاينىڭ كەلگۈسى» ناملىق بۇ ماقالىدا يەنە، «رېئاللىققا قايتساق، خىتاي مۇقىم ۋە ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نامى بىلەن خەتەرلىك بىر يولدا كېتىۋاتىدۇ. ئۇلار پۇقرالارنىڭ دۆلەتنىڭ كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش يولىدىكى مۇھىم مۇنازىرە-مۇھاكىمىلىرىنى باستۇرۇۋاتىدۇ. مىللىي توقۇنۇشلاردا، ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرى پەيدا قىلغان مەسىلىلەرنى چەتئەلگە ئارتىپ قويۇۋاتىدۇ» دېيىلگەن ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەر مەسىلىسى مىسالغا ئېلىنغان. بۇ ئانالىز ماقالىسىدە يەنە مۇنداق پىكىرلەرگە ئورۇن بېرىلگەن «شىنجاڭ بىلەن شىزاڭنى مىسالغا ئالساق، خىتاي كومپارتىيىسى پۇقرالارنىڭ ئۆز قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاشكارا مۇنازىرە قىلىشىغا، چىقىش يولى ئىزدىشىگە يول قويمايۋاتىدۇ. بۇ خىل مۇھىت ئاستىدا، ئادەتتىكى مەسىلىلەرمۇ يۈكسەك دەرىجىدە سىياسىيلاشماقتا. كىشىلەر خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلالمايدۇ. كىم ئېغىز ئېچىپ گەپ قىلسا، دەرھال مىللىي بۆلگۈنچى ياكى تېررورچى ئاتىلىپ تۈرمىگە قامىلىدۇ. خىتاي سىياسەتچىلىرى بۇ زېمىنلارغا يېڭىدىن، بەلكى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان توپىلاڭنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىۋاتىدۇ.»
«خىتاينىڭ كەلگۈسى» ناملىق بۇ ئۇزۇن ماقالىدە خىتاي كېلىچەكتە يولۇقىدىغان قىيىنچىلىقلارمۇ يېتەرلىك بايان قىلىنغان. خىتاينىڭ تارىخىغا نەزەر سېلىنغان. خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقلىرى ئاشكارىلانغان.