خىتاينىڭ «ئوخشىمايدىغان پەدىدە ساز تىرىڭلىتىشى» نىڭ سەۋەبى نېمە؟

لىۋىيىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەر لىۋىيىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك شەھەرلەرنى ئىشغال قىلدى. خىتاي دائىرىلىرى بىرلەشمە ئارمىيىنى لىۋىيىدىن چىقىپ كېتىشكە چاقىردى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.03.28
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
liwiye-birleshme-herbiy-xitay-qarshi-305.jpg خىتاي باش ئەلچىسى لى باۋدوڭ ب د ت نىڭ قارارى بويىچە ئۇچۇشقا بولمايدىغان رايون بەلگىلەپ كازافىيغا قارىتا يۈرگۈزگەن بارلىق ھەربىي ھەرىكىتىگە قارشى چىقتى. 2011-يىلى 17-مارت.
AFP

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ لىۋىيە ۋەقەلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىمۇ خەلقئارانىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا، فرانسىيە، ئەنگلىيە باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى لىۋىيە خەلقىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تاجاۋۇزچى ھەرىكەتلەردەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش بىلەن بىرلىكتە، ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا تەرىپىدىن پەيدا قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇنداقتا مۇتەخەسسىسلەر ئوخشاتقاندەك خىتاينىڭ «ئوخشىمايدىغان پەدىدە ساز تىرىڭلىتىشى» نىڭ سەۋەبى نېمە؟ خىتاينىڭ بۇنداق پوزىتسىيىنىڭ ئارقىسىدا نېمە بار؟

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يېقىندىن بۇيان خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا چىقىۋاتقان خەۋەر، ماقالىلەرگە قارايدىغان بولساق، خىتاينىڭ بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ ب د ت نىڭ قارارى بىلەن لىۋىيىدىكى خەلقنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغان ۋە ئۇنى تاجاۋۇزچى ھەرىكەت قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان ماقالىلەرنىڭ سالمىقىنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەلق گېزىتى قاتارلىق ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەردە بىرلەشمە ئارمىيە تاجاۋۇزچى قىلىپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە قارايدىغان بولساق «بىرلەشمە ئارمىيە لىۋىيىدىكى خەلق ئەسلىھەلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى، بىرلەشمە ئارمىيە لىۋىيىنى يەنە بومباردىمان قىلدى» دېگەنگە ئوخشاش سۆز - ئىبارىلەرنى ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

مەسىلەن: خەلق تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە «لىۋىيە ھۆكۈمەت تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق غەرب ئەللىرى قوزغىغان كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمىدا 64 ئادەم قازا قىلدى. كەلگۈسى بىر نەچچە سائەت ئىچىدە لىۋىيە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە بىر مىليوندىن ئارتۇق قورال تارقىتىپ، سىرتنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرىدۇ» دېگەن ئىبارە ئىشلىتىلگەن.

تەڭرىتاغ تورى بولسا، لىۋىيە ۋەزىيىتى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە ئوخشاشلا غەرب كۈچلىرىنى تاجاۋۇزچى قىلىپ كۆرسىتىشكەن ۋە بۇ «غەربنىڭ لىۋىيە نېفىتىگە ۋە ئوتتۇرا شەرق بازىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قەستەن قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشى» دېگەندەك ئىدىيە ئىلگىرى سۈرۈلگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.

ئۇنداقتا ب د ت دا لىۋىيىدە ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون بەرپا قىلىش ئاۋازغا قويۇلغاندا، رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلەتمەي، ئاۋاز ھەققىدىن ۋاز كېچىش ئارقىلىق بىر ھېسابتا ھەربىي ھەرىكەتنى قوللىغان خىتاي، ئەمدىلىكتە نېمىشقا پوزىتسىيىسىنى بىردىنلا ئۆزگەرتىپ، بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلىش تەرەپدارى بولۇۋالىدۇ؟

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئەزەلدىن ئىنسانىي ياردەم مەسىلىلىرىگە گۇمانىي نەزەر بىلەن قاراپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ تاشقى سىياسىتىدە ھېچقاچان ئىنسانىي مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بىر ھەرىكەت خاتىرىسى بوپباقمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكا سيراكۇس ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە سىياسەت پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان قىلىچ قانات ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە مەتبۇئاتلىرىنىڭ لىۋىيە ۋەقەلىرىگە يۇقىرىقىدەك پوزىتسىيە تۇتۇشى خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خىتاينىڭ، بىر دىكتاتور دۆلەت بولغانلىقتىن شۇنداقلا ئۆز ئىچىدە ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسىگە ئوخشاش ئېتنىك مەسىلىلىرى بولغانلىقتىن لىۋىيە مەسىلىسىگىمۇ ئىنسانىي نۇقتىدىن يېقىنلىشىشنى رەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىسى غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، غەرب مەتبۇئاتلىرى بۇ خىل ۋەزىيەتكە «ئوخشىمايدىغان پەدىدە ساز تىرىڭلىتىش» دەپ ئىسىم بەرگەن ۋە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرەب ئەللىرىدىكى بۇ دېموكراتىك ھەرىكەتلەردىن ئۈركۈشىنىڭ ۋە بۇنىڭ خىتايدىكى ئۆكتىچى خەلق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچلىنىشىگە سەۋەب بولۇشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن مۇشۇنداق پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقانلىقى دەپ ئىپادە قىلدى.

ئەلۋەتتە بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، بۇنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە تاقىشىدىغان قىسمىمۇ بار بولۇپ، خىتاي كېيىنكى يىللاردا ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچى ھالىغا كەلگەن بولۇپ، ئافرىقىدىكى خام ئەشيا ۋە ئېنېرگىيە مەنبەسى خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى داۋام قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. ئىسىتراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇنىڭ ئىقتىسادىي سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختالدى.

لىۋىيىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە باشچىلىقىدا داۋام قىلىۋاتقاندا، ئۆتكەن جۈمە كۈنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرېتارى رامۇسسىن بايانات بېرىپ، بۇندىن كېيىن ناتونىڭ لىۋىيىدىكى ھەربىي ھەرىكەتنى زىممىسىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. قىلىچ قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ناتونىڭ ھەربىي ھەرىكەتكە داخىل بولۇشى خىتاينى بىئارام قىلغان بولۇپ، ئوتتۇرا شەرقتە سۆز ئىگىسى بولۇشنى ئويلاۋاتقان خىتاي ناتونىڭ مۇداخىلىسى سەۋەبىدىن ئۆزىنى چەتكە قېقىلغاندەك ھېس قىلماقتا ئىكەن.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ ناتونىڭ ھەرىكەتكە ئارىلىشىشى، خىتاينىڭ غەربنىڭ لىۋىيىدىكى ھەرىكەتلەرگە بولغان پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىشى ۋە تەنقىدىنى ئاشۇرۇشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.