ماقالە: تۈركىيىدە خىتاي مەدەنىيەت يىلى ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرى

يېقىندا تۈركىيىنىڭ ئەڭ مەشھۇر تور بېكەتلىرىدىن بىرى بولغان خەبەر7 تور بېكىتىدە، «خىتاي مەدەنىيەت يىلى ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.

0:00 / 0:00

بۇ ماقالە يازغۇچى مەريەم ئايبەك سىنان تەرىپىدىن يېزىلغان. ماقالىدە 2012‏-يىلى تۈركىيىدە خىتاي مەدەنىيەت يىلى ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېتىرازلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ماقالە مۇنداق باشلانغان: ئۆتكەن كۈنلەردە ئىستانبۇلنىڭ توپقاپى سارىيىدا تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرتۇغرۇل گۈنەي تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بىلەن «2012‏-يىلى تۈركىيىدە خىتاي مەدەنىيەت يىلى» پائالىيەتلىرى باشلاندى. پائالىيەت قىلسا مەيلى، بۇنىڭغا ھېچبىر ئېتىرازىمىز يوق. خىتاي ئۇزۇن زاماندىن بۇيان مۇناسىۋەت قىلىپ كېلىۋاتقان بىر دۆلەت. دۇنيادا ئەڭ قەدىمىي قوشنىمىز، قەدىمىدىن باشلاپ دۇچ كەلگەن قەدىمىي دۈشمىنىمىز ۋە ياكى دوستىمىز. خىتاي ھازىر بەك ئۇزاقتا كۆرۈنسىمۇ، ئەسلىدە ھازىرمۇ بىر-بىرىمىز بىلەن بولغان مەسىلىلىرىمىز تۈگىمىدى. 5000 يىللىق بىر سىناق بىلەن ھەر ئىككى خەلق بىر-بىرىنى بەك ياخشى بىلىدۇ ۋە تونۇيدۇ.

ئاپتور ماقالىسىدە يەنە تۈركىيىدە خىتاي مەدەنىيەت يىلى ئېلان قىلىنىشىغا قارشى ئۇيغۇرلاردىن ئۇچۇر كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق يازغان: مېنىڭ خەت ئادرېسىمغا نۇرغۇن ئۇيغۇرلاردىن خەت كەلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۇمتۈرك شۇنداق يازغان: بىز مەدەنىيەت ھەمكارلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى دۆلەت ۋە مىللەتلەر بىلەن ئىككى تەرەپلىمە ئېلىپ بارغان مۇناسىۋەتلىرىنى ھۆرمەت قىلىمىز. بۇ خىتاينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما بۇ مۇناسىۋەتلەر ئۆز-ئارا سەمىمىيەت، ھۆرمەت ۋە ئىشەنچنى ئاساس قىلىش كېرەك. خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان تۈركىيىدە مەدەنىيەت پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ قىلىشى چوڭقۇر مەنىلىك بىر ئىش. بۇ 2009‏-يىلى 5‏-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن بۇزۇلغان تۈركىيە ، خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاش ۋە يوقاتقان ئوبرازىنى قايتا تىكلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ئوپېراتسىيىمۇ؟ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى پۈتكۈل دۆلەت ئىمكانىيەتلىرىنى ئىشقا سالغان بولسىمۇ، تۈركىيە خەلقى ئالدىدا ئىشغالغا ئۇچرىغان، زۇلۇم قىلىنغان، ئومۇميۈزلۈك ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشقا دۇچ كەلگەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى تېررورچى دەپ كۆرسىتىشتە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى.

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: ئۇلارنىڭ تىلى بويىچە ئىپادىلەش كېرەك بولسا، خىتاي تۈركىيىدىكى خەلق ئاممىسى بىلەن ۋە مەتبۇئات ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولدى. 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا تۈركىيىدە خىتاينى تونۇش نامى ئاستىدا 2010‏-يىلى بىر ئايلىق بىر مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتنىڭ باش رولچىلىرى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر سەنئەتچىلەر ۋە مىللىي مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئاجايىپ سەنئەتلىرى ئىدى. تىياتىر زالىدىكى لىقمۇ‏-لىق ئىنسانلار كۆرسىتىلگەن ئاجايىپ گۈزەل ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى، ئۇيغۇر مىللىي ئۇسۇلىنى كۆرۈپ ھاياجانغا چۆمدى. سەنئەت ئاخىرلاشقاندا بولسا زالدىكى پۈتكۈل ئىنسانلار سەنئەتچىلەرنى ھاياجاندىن ياش ئاققان كۆزلىرى بىلەن ئالقىشلىدى. بۇ نۇقتىدا خىتاي مەقسىتىگە يەتكەن بولدى. چۈنكى خىتايلار بۇ كۆرۈنۈشلەر بىلەن تۈرك خەلقىگە ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا راھەت، ھۇزۇر ئىچىدە بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەندەك بولدى. ئەمما تۈركىيە ۋە خەلق ئاممىسى بىلمىگەن بىر ھەقىقەت بار ئىدى. ئۇيغۇر سەنئەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومىغا كىرىش ئىشلىرى بېجىرىلىپ بولغاندىن كېيىنلا، پۇقراچە كىيىنگەن خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن پاسپورتلىرى قوللىرىدىن ئېلىۋېلىنغان. ئەمما تۈركىيىدىن كېتىدىغان ۋاقىتتا يەنە ئايرودرومدا قولىغا بەرگەن. بۇ سەنئەتچىلەرنىڭ تۈركىيىدە ساياھەت ئەركىنلىكى چەكلەنگەنگە ئوخشاش، بىر قورساقتىن تۇغۇلغان قان-قېرىنداشلىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان. ئويۇن قويۇش جەريانىدا تۈركىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن ھېچبىرىنىڭ زالغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىدى.

ماقالىنىڭ داۋامىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئادىتى بويىچە يېقىندىكىنى ئېزىش، ئۇزاقتىكى ئالداش سىياسىتىنى رەھىمسىزلەرچە ئىجرا قىلماقتا. خىتاي، تۈرك ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى بولغان ئانادولىيە تۈركلىرىنىڭ ئاتا يۇرتى بولغان شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان 1949‏-يىلىدىن بۈگۈنكى كۈنگىچە 62 يىلدىن بۇيان ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، مەدەنىيەتلىرىمىزنى، تارىخى يادىكارلىقلىرىمىزنى، تىلىمىزنى ۋە دىنىمىزنى ئومۇميۈزلۈك يوق قىلماقتا. بۇ خىل قىلمىشلارنى ئىشلەپ تۇرۇپ نومۇسسىزلارچە تۈركىيىدە خىتاي مەدەنىيىتىنى تونۇتۇش شارائىتىغا ئىگە بولماقتا. بۈگۈنكى كۈندىمۇ شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىغا ئەڭ كۆپ دەستەك بەرگەن تۈركىيىنى قېرىنداشلىرىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇشنى كۆزلىمەكتە. ئەمما ئۇلار مەخپىي ئويۇندا ھەرگىزمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. بۇ سېرىق ھالاكەتكە قارشى مىللىتىمىزنى ئاگاھلاندۇرىمەن ۋە مىللىتىمگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن. بۇ ماقالىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ تۈركىيىدىكى پائالىيەتلىرىدىن بىئارام بولغانلىقىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ.

ھەقىقەتەن بۇنىڭدىن بىر قانچە مەزگىل ئىلگىرى شائىر نىيازى يىلدىرىم گەنچئوسمان ئوغلىنىڭ شېئىرىدا ئىپادىلىگەنگە ئوخشاش، مىليونلىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرى بىر چوڭ ئاسسىمىلياتسىيە قۇربانى بولۇپ، خازان باھار مەۋسۇمىدا ياشىماقتا.

شۇنداق، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ئۇنتۇماستىن، ئۇ يەردىكى مۇسۇلمان تۈرك قېرىنداشلىرىمىز ئۇچراۋاتقان ناھەقچىلىككە كۆز يۇمماستىن، بۇ «مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلەر» مەسىلىسىگە يېقىنلىشىش تېخىمۇ توغرا بولىدۇ دەپ قارايمەن. مەسىلەن، ئۇلاردىن تۈرك ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تۇنجى مەسچىتى بولغان قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىنى سورايلى. باستۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ قاچان باشلانغانلىقىنى ۋە قاچان تۈگەيدىغانلىقىنى سورايلى. نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان دېمەستىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەيدىغانلىقىنى سورايلى. خىتاي تۈرمىلىرىدە قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ نېمە جىنايەتلەر بىلەن يېتىۋاتقانلىقىنى سورايلى.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: ئۇ ئاتا يۇرتىمىز تۇپراقلىرىدا قان يىغلاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز تۇرسا، ھەق-ھوقۇقلىرى تارتىۋېلىنغان مەزلۇم مۇسۇلمان تۈركلىرى ئامالسىز قالغان تۇرسا، مېنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشىمنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ نېمە مەنىسى بار؟

بۇ مەزلۇم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە پەلەستىنلىكلەرگە ئوخشاش، خاتىرىلىنىش ۋە قوغدىنىش ھوقۇقلىرى بار ۋە ھوقۇقلىرى بولۇشى كېرەك.