خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىشى ھەققىدە مۇنازىرىلەر
2012.08.20

مەتبۇئاتلاردا بېرىلگەن بەزى مۇلاھىزىلەردە، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خەلقئارا پاي چېكى بازىرىدىكى رىقابەتكە بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. يەنە بىر قىسىم ئىقتىسادشۇناسلار بولسا، خىتاي سودىگەرلىرىدىكى سەمىمىيەتسىزلىك، كۆپلىگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خەلقئارا پاي چېكى بازىرىدا ئىناۋىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۆتكەن ھەپتە شاڭخەيدىكى «فوكۇس مېدىئا خولدىڭ» ناملىق ئېلان شىركىتى ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئېلان شىركەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان بۇ شىركەت، تېخى يېقىندا ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىدىن چېكىنگەن خىتاينىڭ «ئالىي بابا» شىركىتىدىن كېيىنكى يەنە بىر چوڭ شىركەت. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىتاينىڭ بىر قىسىم ئوتتۇرا ۋە كىچىك شىركەتلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئامېرىكا خەلقئارا پاي چېكى بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىشقا باشلىغان.
يېقىندىن بۇيان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق خەلقئارا پاي چېكى بازارلىرىدىن ئارقا-ئارقىدىن چېكىنىپ چىقىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى، ئىقتىساد خەۋەرلىرى، ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ بۈگۈن دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋەرلىرىدە، يېقىندىن بۇيان خەلقئارا پاي چېكى بازارلىرىدىن چېكىنىپ چىقىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىندى.
بۇ خەۋەرلەردە ئىقتىسادشۇناسلار خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ كۆپ خىل ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۆز مۇلاھىزىلىرىدە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەمگە يېتەلمىگەنلىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي شىركەتلىرىدىكى سەمىمىيەتسىزلىك ئامىللىرىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى ئىناۋىتىنى تۆكۈپ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خەلقئارا پاي چېكى بازىرىدىن چېكىنىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ۋاشىنگتون ئەقلى مۈلۈك ئامبىرى ئاسىيا ئىقتىسادى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور دېرېك سكىسسورس ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، «خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىشىدىكى سەۋەبلەر كۆپ خىل. بەزى شىركەتلەرنىڭ سەمىمىيەتسىزلىكى ئۇلارنىڭ پاي چېكى بازىرىدىكى ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈۋەتتى. يەنە بەزى خىتاي شىركەتلىرى گەرچە سەمىمىي بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىدىكى تەلەپنى قاندۇرالماي، بازار رىقابىتىگە ماسلىشالمىدى» دېگەن.
دېرىك ئەپەندى يەنە، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خەلقئارا پاي چېكى بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىشىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتكەن.
«ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋال، خىتاينىڭ ئارقىغا چېكىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي شىركەتلىرى ھازىر ئۇلارغا كېرەكلىك بولغان تېخنىكا ھەم مەبلەغگە ئېرىشتۇق دەپ قاراپ، ئىلگىرى ئۇلارغا مەبلەغ سالغان چەتئەل شىركەتلىرىدىن ئايرىلىپ چىقىش ئارقىلىق، دۆلەت ئىچىگە يۈزلەنمەكتە. ئەمما مېنىڭچە، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىدىن چېكىنىشىدىكى ئاساسى سەۋەب يەنىلا، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكا بازىرىدا ياخشى تەسىر قالدۇرالمىغانلىقىدىن بولۇۋاتىدۇ. خىتاي شىركەتلىرىدىكى سودىدا ئاشكارا بولماسلىق، ھېساباتتا ساختىپەزلىك قىلىش قاتارلىق ئامىللار ئۇلارنى ئامېرىكىدا ئوسال ھالەتتە قالدۇردى.»
ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد كەسپىنىڭ دوكتور كاندىداتى پەرھات بىلگىن ئەپەندى، ئىلگىرى ئامېرىكا سىتەيت سترېرىت بانكىسىنىڭ بازار ئانالىزچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.
پەرھات ئەپەندىمۇ خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي يۈزلىنىشى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ ئۆتكەن 20 يىلدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا خىتايدىكى ئەرزان ئەمگەك كۈچى، تەبىئىي بايلىق مەنبەلىرىنى زىيادە ئېچىش شۇنداقلا خەلقئارا مەبلەغ ئۆلچىمىدىكى 15% لىك مەبلەغ ئۆلچىمىدىن كۆپ يۇقىرى بولغان 40% ئەتراپىدىكى زور كۆلەمدە مەبلەغ سېلىشقا تايىنىپ، ئىلگىرىكى يىللاردا ھەر يىلى 10% تىن يۇقىرى ھالەتتە ئىقتىسادىي ئۆسۈش ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ بۇندىن كېيىنكى 10 يىللىق تەرەققىياتىدا خىتاي بازارلىرىدىكى ئەرزان ئەمگەك كۈچى مەنبەسىنىڭ ئازىيىشى، ئىچكى ئىستېمالنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە خەلقئارا ئىقتىسادقا ماسلىشىشتا دۇچ كېلىدىغان بېسىملار سەۋەبىدىن، خىتاي ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا داۋاملىق تۆۋەنلەش بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
دېرىك ئەپەندى ئۆز مۇلاھىزىسىدە يەنە، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى قاتارلىق خەلقئارا پاي چېكى بازارلىرىدىن چېكىنىپ چىقىشى، بۇ شىركەتلەرنى نۆۋەتتىكى قىيىن شارائىتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، قىسقا مەزگىللىك پايدىغا ئېرىشتۈرسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ خىل يۈزلىنىش خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن خەلقئارا تاۋار بازىرىغا كىرىشىگە ئېغىر توسالغۇلارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
پەرھات ئەپەندى بولسا، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى سەۋەبىدىن خىتايدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختىلىپ، خىتايدىكى ئىقتىسادىي چېكىنىش، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.