مۇتەخەسسىسلەر: «خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلغان دۆلەت تېررورلۇقىنى قانۇنلاشتۇرماقچى...»

مەزكۇر قانۇن لايىھىسى ماقۇللانغان تەقدىردە، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قالايمىقان تۇتقۇن قىلىنىش ۋە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى تۇنجى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى قالايمىقانچىلىقىدىن كېيىن يەنى 1979‏-يىلى بېكىتكەن، 1996-يىلى بىرىنچى قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزگەن ئىدى، نۆۋەتتە خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى ئىككىنچى قېتىم ئۆزگەرتىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. 30-ئاۋغۇست خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تور بېتىدە «خىتاي جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش قانۇن لايىھىسى» نى ئېلان قىلىپ بۇنى ئېلان قىلىشتىكى مەقسەتنىڭ خەلقنىڭ رايىنى سىناش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەسلىدىكى خىتاي جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىغا جەمئىي 99 يەردە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن ۋە ئەسلىدىكى 225 ماددىدىن 285 ماددىغا كېڭەيتىلگەن. مەزكۇر قانۇن لايىھىسىدىكى ئۆكتىچى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈش جىنايەت گۇماندارلىرىنى، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى دائىرىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا خەۋەر قىلماي تۇرۇپ تۇتۇش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىنىشى، شۇنداقلا ئاساسىي قاتلامدىكى ساقچى پونكىتى ھەتتا مەھەللە كومىتېت، كوچا باشقارمىلىرىنىڭمۇ ئادەم تۇتۇپ تۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىنىشى قاتارلىق تەرەپلەر، خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭلا ئەمەس، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.

ھەتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ چوڭ مەمۇرى تورلىرىدىن خەلق تورى قاتارلىقلاردىمۇ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھىسىگە كۈچلۈك سەلبىي ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاي پۇقرالىرى تور بەتلەردە ئاشكارا ئېتىراز بىلدۈرمەكتە. ئۇنىڭدىكى ئاساسلىق ئىنكاسلار:
«بۇ قانۇن لايىھىسى ئەسلىدىكى قانۇندىن پايدىلىنىۋاتقان ساقچى قارا كۈچلىرىگە يېشىل چىراغ ياققانلىق.»، «ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ بىر قارا باسقانلىق»، «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزدى دېگەن زادى قانداق جىنايەت؟ نېمە قىلغاندا بۇ ئاستى ھاڭ جىنايەت كاتېگورىيىسىنىڭ تورىغا چۈشۈپ قالىمىز؟ ھېچكىم بىلمەيدۇ، بۇ پەقەت قالايمىقان تۇتقۇن قىلىشنى قانۇنلاشتۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.»، «يوقاپ كېتىش، ئاز كۈندىن كېيىن ئۆلۈكى تېپىلىشقا ئوخشاش ۋەھىمە ھەممىمىزنىڭ بېشىدا چۆرگىلەپ يۈرىدىغان بولدى»، «بۇ، ئېنىقسىز قانۇن بىلەن ئېنىقسىز جىنايەتكە ئېنىقسىز ئادەم تۇتۇشتىن باشقا ئىش ئەمەس»، «بۇ قانۇن ھەر بىر پۇقرا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر بىر پۇقرانىڭ ئاۋازىدىن ئۆتۈشى كېرەك»، «ساقچى تەرەپ ئۆزىنىڭ تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىشىغا بۇنىڭدىن كېيىن قانۇننىڭ قوغدىشى بىلەن بىزگە چۈشەندۈرۈش بەرمىسىمۇ بولۇۋېرىدىكەن‏-دە، بۇ قانۇن كىمنى قوغدايدۇ، دۆلەت ساقچىنىڭ قىلمىشىنى قوغدىسا، پۇقرالار ئۆزىمىزنى قوغداش ئۈچۈنمۇ قانۇن تۈزىمىسەك بولماپتۇ»، «بۇ پەقەتلا بىگۇناھ پۇقرالارنى ئاشكارا باستۇرۇش قانۇنى بوپتۇ»،«مەخپىي تۇتقۇن، قارا تۈرمە، مەجبۇرىي ئىقرار، ساراڭلار دوختۇرخانىسى يېشىل كارىدورىغۇ-بۇ»، «بۇ قانۇن دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تۈزىتىلىپتۇمىش، ئەمەلىيەتتە تۈزىتىلگەن ماددىلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ».... دېگەنگە ئوخشاش.

يەنە بەزى ئىنكاس قالدۇرغانلار، ھۆكۈمەتنىڭ راي سىنايمىز دەپ بۇنى توردا ئېلان قىلىشىنىڭ ئۆزىمۇ مەخپىي تۇتقۇن ئۈچۈن تور سېلىۋاتقان بىرىنچى قەدەم بولۇشى مۇمكىن، مەن ئەڭ ياخشىسى پىكىر بەرمەي، چۈنكى بۇ بۇرۇندىنلا بار ھادىسە، پەقەت شۇ قانۇنىي ئاساسىي يوق ئىدى، ئەمدى بار بوپتۇ» دېگەندەك ئىنكاسلارنىمۇ قالدۇرغان.

خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش قانۇن لايىھىسى، چەتئەللەردىكى خىتاي زىيالىيلىرى ھەم ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىدىمۇ كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلدى ۋە بىر قانچە كۈندىن بۇيان چەتئەلدىكى خىتاي تور بەتلىرىدە بۇ ھەقتە تەنقىدى مۇلاھىزىلەر داۋام قىلماقتا.

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى لاۋگەي فوندىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئاندىرىي ياڭ ئەپەندى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تەقدىرىدىن تەشۋىشلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى:
‏«ئەسلىدە خىتاي ئەدلىيە خادىملىرى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزدى دەپ قارالغان جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇپ 24 سائەت ئىچىدە ئائىلىسىنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك ئىدى. ئەمدى بۇ ماددا ئېلىۋېتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ مەخپىي تۇتقۇن قىلىنىشىغا قانۇن تەرەپتىن ئوڭايلىق يارىتىپ بېرىلىدۇ. بۇ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىنى يەنىمۇ خەتەر ئاستىغا ئىتتىرىدۇ، بۇ بەكمۇ ۋەھىمىلىك. بۇرۇن ھېچ بولمىسا شۇنداق بىر قانۇنىي ماددا بولغانلىقى ئۈچۈن يوقاپ كەتكۈچىلەر، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئاتا-ئانىسى قانۇن ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ئەرز قىلىش، داۋا قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى. پۇقرالار بۇ ھوقوقتىنمۇ مەھرۇم قالىدۇ. بۇ پەقەت خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوغداشتا ھەر قانداق ۋاسىتىنى قوللىنىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قالايمىقان تۇتقۇن قىلىش بۇرۇندىن بار بولغان زوراۋان ھەرىكەت. مۇھىمى ئەمدى بۇ ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنلۇق ھەرىكىتى دېگەندەك بىمەنىلىكتىن بېشارەت بېرىدۇ.»

ئاندىرىي بولۇپمۇ،خىتاينىڭ يېڭى قانۇن لايىھىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكىدەك ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ تېخىمۇ ئەندىشىلىك بىر مەسىلە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى:
«مېنىڭچە، بۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ قاتتىق ۋەھىمە، بۇ خىل مەخپىي تۇتقۇن قىلىش، يوقاپ كېتىش، ئاساسسىز جازالاش،سوراقسىز ئۆلتۈرۈشكە ئوخشاش خىتاينىڭ دۆلەت تېررورلۇقىنى ئىشلىتىشى قانۇنلاشقاندا، ئۇيغۇرلاردا تېخىمۇ رادىكال قارشىلىقلار يۈز بېرىشى مۇمكىن. خىتاي ئەمەلىيەتتە ئۆز بىخەتەرلىكىگە زور تەھدىت يارىتىۋاتىدۇ، ئوتنى ئوت بىلەن ئۆچۈرگىلى بولمايدۇ.»

ئاندىرىي يەنە خىتاينىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بۇ قانۇن لايىھىسىنى توسۇپ قېلىشقا يەنىلا كېچىكمىدۇق دەپ ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى:
‏«ئەمەلىيلىشىشىنى بار كۈچىمىز بىلەن توسۇپ قېلىشىمىز كېرەك. تېخىمۇ زور غۇلغۇلا قوزغاش كېرەك، چەتئەل ۋە خىتاي ئىچىدىكى بارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى، چەتئەل ئاخباراتلىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ بۇنى توسۇپ قالمىغاندا، خىتاينىڭ كېيىنكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى تولىمۇ ۋەھىمىلىك بولىدىغانلىقى كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.»

خەلقنىڭ قارشىلىق كۈچىگە سەل قارىماسلىق كېرەك، ئۆتكەندە خىتاي پارىخورلۇققا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى ئۆلۈم جازاسى بېرىش كاتېگورىيىسىدىن چىقىرىپ بۇنى ئىنسان ھەقلىرىدىكى ئىلگىرىلەش دەپ تەشۋىق قىلغاندا، خەلقنىڭ «بۇ، پارىخور ئەمەلدارلارغا يېشىل چىراغ ياققانلىق» دېگەن قارشىلىق ئىنكاسنىڭ كۈچلۈكلۈكى تەسىرىدىن ئۇنى ئۆلۈم جازاسى بىكار قىلىدىغان 13 خىل جىنايەتنىڭ ئىچىگە كىرگۈزمىگەن ئىدى، بۇ قېتىممۇ خەلق چوقۇم يېڭىشى شەرت. چۈنكى، بۇ خىتايدىكى ھەر بىر پۇقرانىڭ جانىجان مەنپەئىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى رەئىسى، ئادۋوكات ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە خەلقنىڭ قارشىلىقىنى قانۇن ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ باستۇرۇش تېخىمۇ زور مۇقىمسىزلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلدى.