خەۋەرلەر «قازاقىستان دۆلەت رەئىس جۇمھۇرى نۇرسۇلتان نازاربايېف خىتاينىڭ قازاقىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكى بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى»، «خىتاي بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت سوممىسى 20 مىليارد دوللاردىن ئاشتى» دېگەنگە ئوخشاش تېمىلاردا ئېلان قىلىندى.
خەۋەرلەردە يەنە خۇ جىنتاۋنىڭ قازاقىستان رەئىس جۇمھۇرى نۇرسۇلتان نازاربايېف بىلەن ئىنتايىن سەمىمىي كەيپىياتتا ئۇچراشقانلىقى، نۇرسۇلتۇن نازاربايېف ئۇچرىشىشتا قىلغان سۆزىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت سوممىسىنىڭ 20 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، قازاقىستاننىڭ خىتاينىڭ ئۇران ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغانلىقى، قازاقىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى نېفىت تۇرۇبىسىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىدىغانلىقى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەتنىڭ يۈەن ۋە تەڭگە ئارقىلىق قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى يېزىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىدا قازاقىستاننىڭ خىتاي بىلەن ئىستراتېگىيىلىك ئورتاقلىق توختامنامىسى تۈزۈپ خىتايدەك زور دۆلەت بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئىستراتېگىيىلىك ئورتاقلىق دېگەن نېمە؟ قازاقىستان-خىتاي دوستلۇقى ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى در. ئەركىن ئەكرەم ۋە د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىلەرگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.