«ھالقىما تەرەققىيات پىلانى» نامىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرى، چارۋىچىلارنىڭ يايلاقلىرى، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمى بىلەن خىتاي شىركەتلىرىگە مەجبۇرى سېتىپ بېرىلدى. يەر داۋاسى قىلغان ئەرزدارلارمۇ بارغانچە كۆپەيدى. ئۇنداقتا بۇ خىل باراۋەرسىز يەر سودىسىدىن كىملەر پايدا ئېلىۋاتىدۇ؟
ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە «ھالقىما تەرەققىيات ئېھتىياجى» نامىدا، مەجبۇرى ھالدا خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىلىۋاتقان تېرىلغۇ يەر ھەم يايلاقلاردىن ئەڭ زور پايدا ئېلىۋاتقانلار ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلىشىۋاتقان خىتاي شىركەت خوجايىنلىرىدىن باشقا، دېھقانلارغا بېسىم قىلىپ، ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىپ بېرىشكە مەجبۇرلاۋاتقان ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بولغان.
غۇلجا ناھىيە تۇرپانيۈزى يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا يېزىلىق ھۆكۈمەت دېھقانلارنىڭ باغلىرىنى سېتىۋېلىشتا، دېھقانلارغا ئاۋۋال تەشۋىق قىلىش، بېسىم قىلىش، نارازىلىق بىلدۈرگەنلەرگە قارىتا قورقۇتۇش ئالداش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، دېھقانلارنىڭ مېۋىلىك باغلىرىنى خىتاي شىركىتىگە سېتىپ بېرىشكە مەجبۇرلىغان.
دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ سودىدىن يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى كەنت باشلىقى ئابدۇسەمەتتىن تارتىپ يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ ھەتتا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتىكى ئەمەلدارلارغىچە نەچچە ئونلىغان ھۆكۈمەت كادىرلىرى ھەسسىلەپ پايدا ئالغان. كەنتتىكى دېھقانلار كەنت باشلىقى ئابدۇسەمەتنىڭلا 12 جايدىن باغلىق ھويلا ھەم تېرىلغۇ يەر ئىگىلىگەنلىكىنى ئېنىقلىغان.
شۇ يېزىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆز يەرلىرىنىڭ ئەرزان باھادا سېتىلغانلىقىدىن نارازى بولغان بىرنەچچە دېھقان ئەرز قىلىپ، ئۈرۈمچىگىچە بارغان. ئەمما، يۇقىرىدىن بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلگەن كادىرلار دېھقانلارغا «‹يۇقىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ ئەرزىنى يەرلىك ئۆزى ھەل قىلىش كېرەك› دېگەن بەلگىلىمىسى بار» دېگەننى باھانە قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئەرزىنى يەنە شۇ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەسىلىنى دېھقانلار رازى بولغۇدەك ھەل قىلمىغان.
بىز يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنىڭ نارازىلىق ئەرزىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى بىلىش ئۈچۈن، تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ فامىلىلىك كادىرغا تېلېفون قىلدۇق.
جاڭ فامىلىلىك يېزا كادىرى مۇخبىرنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن تېلېفون قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن، دېھقانلارنىڭ چىڭخۇا شىركىتىگە سېتىپ بېرىلگەن يەرلىرىدىكى باھا پەرقىنىڭ دېھقانلار باغلىرىدىكى دەل-دەرەخلەرنىڭ سۈپىتىگە ئاساسەن بەلگىلەنگەنلىكىنى شۇڭا باھادا پەرق بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ يېزا كادىرى يەنە، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنىڭ يەر داۋاسىنى ھەل قىلىش چارىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: مېنىڭچە، يېزىمىز دېھقانلارنىڭ يەر باھاسىغا بولغان نارازىلىقىنى ھەل قىلالايمىز. بىز نارازى بولغان دېھقانلارغا قارىتا، ئۇلارنىڭ يېڭىدىن ياساۋاتقان ئولتۇراق ئۆيلىرىگە تولۇقلىما ياردەم بېرىش چارىسى قوللىنىۋاتىمىز. مەسىلەن دېھقانلارغا سېتىلغان يەرلىرى ئۈچۈن تۆلەم ھېسابىدا ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى ئولتۇراق ئۆيلىرىگە يانداشتۇرۇپ، يېڭىدىن بىر ئېغىز ئۆي ياكى مۇنچا قاتارلىقلارنى ياساپ بېرىشنى قارار قىلدۇق.
جاڭ فامىلىلىك يېزا كادىرى ئۆز بايانىدا بېغى چىڭخۇا شىركىتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان 15 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ باغلىرى ئۈچۈن، تۆلىنىشكە تېگىشلىك بولغان بىر قىسىم پۇلنى يېزىلىق ھۆكمەتنىڭ تۇتۇپ قېلىش ئەھۋالى بولغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى.
جاڭ فامىلىلىك يېزا كادىرى ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بىز چىڭخۇا شىركىتىنىڭ دېھقانلارنىڭ باغلىرى ئۈچۈن بەرگەن پۇلىدىن دېھقانلار ئەينى چاغدا ھۆددىگە ئالغان يەرلەرنىڭ قېلىپ قالغان يىللىرى ئۈچۈن ھېسابلاپ دېھقانلارنىڭ قولىغا بەردۇق.
ئەمما چىڭخۇا شىركىتى بۇ باغلارنى ساياھەت رايونى قىلىش ئۈچۈن سېتىۋالدى. شۇڭا چىڭخۇا شىركىتىنىڭ بۇ باغلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ۋاقتى ئەلۋەتتە دېھقانلارنىڭ ئەينى يىللىرى بۇ يەرلەرنى كۆتۈرە ئالغان ۋاقتىدىن ئۇزۇن بولدى. بىز دېھقانلارنىڭ باغلىرى ئۈچۈن تۆلەنگەن پۇلنىڭ بىر قىسمىنى يېزىنىڭ يولىنى ياساشقا ھەم دېھقانلارنىڭ باشقا پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلەتتۇق.
زىيارىتىمىز جەريانىدا جاڭ فامىلىلىك بۇ يېزا كادىرى، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەينى چاغدا دېھقانلارنىڭ باغلىرىنى سېتىشقا مەجبۇرلىغان ئەھۋاللار، ھەم بۇ يەر سودىسىغا قاتناشقان كادىرلارنىڭ بۇ سودا جەريانىدا قانچىلىك پايدىغا ئېرىشكەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرمىدى. بۇ يېزا كادىرى گەپنى بۇراپ، ئۇيغۇر تىلدا، ئۆزىنىڭ ئىلى دېھقانلىرى ئارىسىدا چوڭ بولغىنى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ھەم دېھقانلارنىڭ دەردىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمما ئۇ مۇخبىرنىڭ ئۇنىڭدىن بۇ قېتىمقى يەر سودىسىدا، نارازى بولۇۋاتقان 15 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ ئەرزىنى قانداق ھەل قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، مۇخبىردىن تۇرپانيۈزى يېزىسىغا كېلىپ، شۇ يەرنىڭ ئۆزىدە ئەھۋال ئىگىلەشنى تەلەپ قىلدى ھەم ئۆزىنىڭ يىغىن ئېچىشى كېرەكلىكىنى باھانە قىلىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن رادىئومىزغا ئەھۋال ئىنكاس قىلغان دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى يېزىلاردا تېرىلغۇ يەرلىرى يېزىلىق ھۆكۈمەت ھەم ناھىيىلىك ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن، مەجبۇرى ھالدا خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىپ بېرىلگەن ياكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن كۆچمەن خىتايلارغا دېھقانچىلىق قىلىش ئۈچۈن بېرىۋېتىلگەن دېھقانلارنىڭ ئەرزى بارغانچە كۆپەيمەكتە ئىكەن. بىز كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا بۇ ھەقتە داۋاملىق ئىچكىرىلەپ مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز.