خىتاي ئىستراتېگىيىچىلىرى ھازىرقى ئامېرىكا-ياۋروپا ھەمكارلىقىنى نېمە دەپ چۈشىنىدۇ؟

يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىلىرى، ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتى ھەققىدە يېڭى مۇلاھىزىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىدى.

0:00 / 0:00

بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى جاڭ ۋېنمۇنىڭ «ئامېرىكا-ياۋروپا بۆرىلىرى ئەمدى راستلا كېلىدىغان ئوخشايدۇ» دېگەن مۇلاھىزىسى شۇلارنىڭ بىرى. خىتايچە تور گېزىتلىرىدە يەنە، ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتى ھەققىدە «ئامېرىكا-ياۋروپا ھەمكارلىقى خىتاينى ئاجىزلىتالامدۇ؟» دېگەن بىر مۇلاھىزە ئېلان قىلىندى. خىتايدىكى يەرشارى ۋاقىت گېزىتى، خىتاي ئۇرۇش ئىستراتېگىيىسى قاتارلىق تور گېزىتلىرىمۇ، ھازىر بۇ ھەقتە كەڭ دائىرىلىك مۇنازىرە قوزغاشقا باشلىدى.

بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى ماقالىسىدە، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى بىرلىكتە لايىھىلىگەن يالتا ئەندىزىسى بويىچە دۇنيانى ئىدارە قىلىش ھازىر ئاياغلىشىپ، ئەمدى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا بىرلىكتە لايىھىلىگەن ۋېرسا-ۋاشىنگتون ئەندىزىسى بويىچە دۇنيانى ئىدارە قىلىش باشلاندى، دەپ تەھلىل قىلغان. بۇ ئاپتور ھازىرقى ئامېرىكا-ياۋروپا ھەمكارلىقىنى، بىۋاسىتە خىتايغا قاراپ كېلىۋاتقان بىر توپ بۆرىگە ئوخشاتقان.

ئامېرىكا-ياۋروپا ھەمكارلىقىنى خىتايغا قاراپ كېلىۋاتقان بىر توپ بۆرىگە ئوخشاتقان بۇ ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، 1945-يىلى ئوكرائىنادا لايىھىلەنگەن يالتا ئەندىزىسى، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇبىنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسى ئاساسىدا لايىھىلەنگەن ئەندىزە. بۇ ئەندىزە بويىچە، ياۋروپا بىرلىككە كەلتۈرۈلمەي، بەلكى غەربىي ياۋروپا ۋە شەرقىي ياۋروپادىن ئىبارەت ئىككى ياۋروپاغا بۆلۈپ تاشلانغان ئىدى. بۇ دەۋردە، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ھەر ئىككى تەرەپنىڭ پۈتۈن دۇنيانى گۇمران قىلغۇدەك كۈچى بولغاچقا، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا، پەقەت ئىدېئولوگىيە جەھەتتىلا سوغۇق ئۇرۇش داۋاملاشتى. سوغۇق ئۇرۇش دەپ ئاتالغان بۇنداق ئىدېئولوگىيە ئۇرۇشى جەرياندا، ئامېرىكا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياۋروپاغا ياردەم بېرىپ، ياۋروپانى بىرلىككە كەلتۈردى، ياۋروپانىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلاندى.

ئامېرىكا-ياۋروپا ھەمكارلىقىنى خىتايغا قاراپ كېلىۋاتقان بىر توپ بۆرىگە ئوخشاتقان بۇ ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە يەنە، 2008-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى، ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا كوسوۋودا يىغىن ئېچىپ، ياۋروپانىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈشىنى بالقان ئاراللىرىغىچە يەتكۈزۈش ھەققىدە بىر خىتابنامە جاكارلىدى. ئامېرىكا بۇ يىل 3-ئاينىڭ 27-كۈنى يەنە، لىۋىيىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشنى ناتوغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ياۋروپا ئۆزىنىڭ ھايات-ماماتلىقىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدىغان ئوتتۇرا دېڭىزدا دەس ئورنىدىن تۇرۇپ، دۇنيانىڭ سىياسىي سەھنىسىدە، ئامېرىكا بىلەن تەڭ باراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىدىغان بىر زور كۈچ بولۇپ مەيدانغا چىقتى.

ھازىرقى ئامېرىكا-ياۋروپا ھەمكارلىقىنى خىتايغا قاراپ كېلىۋاتقان بىر توپ بۆرىگە ئوخشاتقان بۇ ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنى پارچىلىيالىغان ۋە شۇنىڭدىن كېيىن تەسىر دائىرىسىنى بالقان ئاراللىرىغىچە ۋە ئوتتۇرا دېڭىزغىچە يەتكۈزگەن ياۋروپا ھازىر، 2010-يىلىدا ئاسىياغا قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئامېرىكىغا تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن، لىۋىيە مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، يىراق شەرق مەسىلىسىدە، بولۇپمۇ خىتاي مەسىلىسىدە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئامېرىكىغا ياردەم بەرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئاپتور ماقالىسىدە ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ بۇ خىل ھەمكارلىقىنى، ئەمدى راستلا ئامېرىكا-ياۋروپا بۆرىلىرى خىتايغا قاراپ كېلىشكە باشلايدىغان ئوخشايدۇ، دەپ تەسۋىرلىگەن.

ھازىر خىتايدا بۇ ھەقتە داۋاملىشىۋاتقان مۇنازىرىلەردە يەنە، «ئامېرىكا-ياۋروپا بۆرىلىرى ئەمدى راستلا كېلىدىغان ئوخشايدۇ»، «ئامېرىكا-ياۋروپا ھەمكارلىقى خىتاينى ئاجىزلىتالامدۇ» دېگەن ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا بىرلىكتە لايىھىلىگەن ۋېرسا-ۋاشىنگتون ئەندىزىسى، بۇ جەرياندا دۇنيا مىقياسىدا تۈزۈلگەن ھەرخىل شەرتنامىلەر؛ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى بىرلىكتە لايىھىلىگەن يالتا ئەندىزىسى، بۇنىڭدىكى تاشقى موڭغۇلىيە، شەرقى تۈركىستان ۋە مانجۇرىيە ھەققىدىكى مەخپىي كېلىشىملەر؛ ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق ئۇرۇش دەۋرى ۋە يېقىنقى يىللاردا يۈز بەرگەن خىتاي-ئامېرىكا-ياۋروپا مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر چوڭ ۋەقەلەرنى چۈشەندۈرىدىغان ھەرخىل ئىزاھاتلار ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى.