بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى چياڭ شىگۇڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىشقا چاقىردى

ھازىر خوڭكوڭدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتى پروفېسسورى چياڭ شىگۇڭ، خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە چىقىدىغان "جەنۇب شاماللىرى" ژۇرنىلىدا، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىدىكى يېتەرسىزلىكلەر ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىشقا چاقىردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.08.24
5-Iyul-Urumqi-namayishidin-bir-korunush-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺗﯧﻨﭽﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﺎﺵ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻗﻮﻝ ﺷﯘﺋﺎﺭ ﺗﺎﯞﻻﭖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

چياڭ شىگۇڭنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتى ھەققىدىكى بۇ ئانالىزى، تۈنۈگۈن فرانسىيە رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 19 - كۈنى ئاقسۇدا يۈز بەرگەن ئاقسۇ ئىگەچى يېزىلىق ساقچىخانىسى كوچا چارلاش ئەترىتىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى ھەققىدىكى مەخسۇس پروگراممىسىدا ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلدى.

چياڭ شىگۇڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا خىتاينىڭ سىياسىي قانۇن تۈزۈلمىسى ھەم مىللىي مەسىلىلىرى ساھەسىدىكى ياش تەتقىقاتچىلار ئىچىدە تونۇلغان شەخسلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. ئۇ 2004 - يىلدىن باشلاپ تەكلىپ بىلەن، خوڭكوڭدا خىتايدىكى مىللىي مەسىلىلەر ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئۆز تەتقىقاتىدا بۇ يىللاردا خىتاينىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان تەيۋەن مەسىلىسى، خوڭكوڭ -ماكاۋ (شاڭگاڭ - ئاۋمىن) مەسىلىسى، تىبەت ھەم شىنجاڭ مەسىلىسىدىكى ئوخشاشلىق ھەم پەرقلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ خىتاينىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىدە تۇتقان ئورنى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى مىللىي سىياسىتىدىن پەرقلىق قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

چياڭ شىگۇڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل 5 - ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويۇۋاتقان، زور كۆلەمدە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈپ، رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىش" ئىستراتېگىيسىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك سىياسەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:

" ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەلۋەتتە مۇھىم، ئەمما ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەنلا رايوندىكى مىللىي مەسىلىلەر ھەل بولۇپ كەتمەيدۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يۈكسىلىشى بەزىدە جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي بۆلۈنۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ جىددىيلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مېنىڭچە، شىنجاڭدىكى مىللىي مەسىلىنىڭ ئۆتكۈرلىشىپ كېتىشىگە ئەمەلىيەتتە، ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان شارائىت سەۋەب بولدى. چۈنكى رايونغا قارىتىلغان زىيادە ئېچىش سىياسىتى، رايوندىكى كۆچمەن خىتايلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۇ ئۆز بايلىقىدىن بەھرىمەن بولۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى، ھەتتا ئۇلارنى بۆلۈنۈش يولىغا ماڭدۇردى."

چياڭ شىگۇڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىدىكى نۇقسانلارنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇ:

"ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيىسىدە، شىنجاڭ سىياسىتى ئۆز يۆنىلىشىدىن ئېزىپ كەتتى، ھەتتا رايوندىكى خەلق رايىغا قارمۇ - قارشى ھالەتكە كەلدى دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى 30 يىلدىن بۇيان رايونغا كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بىڭتۇەن ئۇلار توپلاشقان جاي دېيىشكە بولىدۇ. ھالبۇكى، يېڭىدىن كەلگەن بۇ خىتاي كۆچمەنلىرى، پەقەت پۇل تېپىپ باي بولۇش ئۈچۈنلا شىنجاڭغا كەلگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ يەرنىڭ يەرلىك ئاھالىلىرى ئارىسىغا سىڭىپ كىرمىدى، ھەتتا يەرلىك مىللەتلەر رايونىدىكى شەھەرلەرنى ئىگىلىۋېلىپ، بۇ جايلاردا كۆپلەپ خىتايچە مەكتەپلەرنى قۇردى، ئۇلار يەرلىك مەدەنىيەتنى چۈشىنىشنى خالىمىدى، ھەتتا ھۆرمەت قىلمىدى. قانۇنىي ھوقۇق جەھەتتىن رايوندىكى مىللەتلەر باراۋەرسىزلىك ھەتتا كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى مۇئامىلىگە ئۇچرىدى. بۇ يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىن ئۆز ‏ - ئارا سىڭىشى، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قوبۇل قىلىشى، بۇ ئەسلى نورمال تەرەققىيات يۆنىلىشى ئىدى. ئەمما رايونغا قارىتىلغان سىياسەتتە، خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى قوللىنىلدى. يەرلىك خەلقلەرنىڭ مىللىي تىلى ۋە ئەنئەنىلىرىگە ھۆرمەت قىلىنمىدى."

ئاپتور خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى بارغانچە ئۆتكۈرلىشىپ كېتىۋاتقان مىللىي مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، ئامېرىكىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئۆرنەك قىلىشى، مىللەتلەر ئارىسىدا ھەقىقىي باراۋەرلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ:

"خىتاي ھۆكۈمىتى مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشتا، ئامېرىكىنى ئۆرنەك قىلىشى كېرەك. ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈش قانداقتۇر نوقۇل ھالدىكى ئىقتىسادىي جەھەتتىنلا تەرەققىي قىلدۇرۇش بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. بەلكى رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا باراۋەرلىك ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى؛ سىياسىي جەھەتتىن، رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتتىن چىققان بىلىم ئەھلىنى دۆلەتنىڭ سىياسىي سەھنىسىگە چىقىرىش؛ قانۇنىي جەھەتتىن پۇقرالارنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، قانۇن ئالدىدا ھەممە كىشى باراۋەر بولۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى كېرەك. مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەرەققىيات پەقەتلا خىتايلاشتۇرۇش بولۇپ قالماسلىقى، يەنى يەرلىك خەلقلەرنىڭ مىللىي ئەنئەنىسىگە ھۆرمەت قىلىنغان ئاساستا، ھەر مىللەت كىشىلىرى ئۆز - ئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆز - ئارا چۈشىنىش، قوللاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقرالاردا ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكىدەك، سىياسىي ھوقۇق جەھەتتە ھەرقايسى مىللەتلەر باراۋەر بولۇشتىن ئىبارەت "پۇقرالىق ھوقۇقى" ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى قوغدىلىشى كېرەك."

چياڭ شگۇڭ ماقالىسىدە يەنە، خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىي جەھەتتىن بەلگىلەنگەن مىللىي ئاپتونومىيە تۈزۈلمىسىنىڭ، ئامېرىكىدەك قانۇنىي جەھەتتىن ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلگەن فېدېراتسىيە تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلسە، خىتايدىكى مىللىي مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ سىياسىي جەھەتتە ئامېرىكىدەك ئەركىن پىكىر قىلىش نەزەرىيىسىنى يولغا قويۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ سىياسىي ئورنى ھەم مەدەنىيىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى، بۇ جەھەتتە خىتايدا ئاھالىسى ئەڭ كۆپ مىللەت دەپ قارىلىۋاتقان خىتاي مىللىتىنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.