مۇتەخەسسىسلەر ئەمدى خىتاينىڭ 2012-يىلىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ئۈستىدە ئانالىزلار ئېلان قىلماقتا.
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى 31-دېكابىر كۈنى گېرمانىيىنىڭ بىر قىسىم مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان خىتاينىڭ 2012-يىلىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك تەھلىللەرنى كۆچۈرۈپ ئېلان قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىقتىساد گېزىتىگە بېرىلگەن «2012-يىلى خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى» ناملىق ماقالە دىققەتنى تارتتى. ماقالىدە، خىتاينىڭ 2012-يىلىدا ئىقتىسادىي جەھەتتىن داۋاملىق چېكىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويىدىغانلىقى، سىياسىي جەھەتتە ھاكىمىيەتتە رەھبەر ئالمىشىش يۈز بېرىدىغانلىقى، 2012-يىلى يەنە خىتايدا تېخىمۇ نۇرغۇن قارشىلىقلارنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. بەزى ئانالىزچىلار 2011-يىلىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدىكى قارشىلىقلارنىڭ 2012-يىلى يەنە بىر بالداق يۈكسىلىش ئېھتىمالى مەۋجۇتلۇقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ماقالىنىڭ مۇقەددىمىسىدە، خىتايدىكى ھاكىمىيەت ئالمىشىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، 2012-يىلى ھازىرقى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئورنىغا لى كېچياڭ، ۋېن جياباۋنىڭ ئورنىغا شى جىنپىڭنىڭ تەيىنلىنىدىغانلىقى، بۇ يېڭى رەھبەرلەر ۋەزىپىگە ئولتۇرغان دەۋرلەردە خىتايدا سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى يوقلۇقى، بىر پارتىيىلىك مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى، بۇنىڭغا ماس ھالدا قارشىلىقلارنىڭمۇ كۆپىيىدىغانلىقى بايان قىلىندى.
«2012-يىلى خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى» ناملىق ماقالىدە يەنە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەسىلىسى ئۈستىدە تەھلىللەر يۈرگۈزۈلۈپ، خىتايدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى 2009-يىلى 11% بولغان بولسا، 2010-يىلى 10% كە تۆۋەنلىگەنلىكى، 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە 9% كە چۈشۈپ خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ساراسىمىگە سالغانلىقى، 2012-يىللىرى 8% ئەتراپىدا داۋام قىلىشى مۇمكىنلىكى، بۇنىڭ بىلەن خىتايدا پەيدا بولغان ئىشسىزلىق، مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى، تۇرمۇش پاراۋانلىقىنىڭ ئۆرلىمەسلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ خىتاي مەركىزى كومىتېتىدىكىلەرنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەسىلىنىڭ يامان بولغان تەرىپى، خىتايدىن مال زاكاز قىلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان غەرب ئەللىرى تېخى ئىقتىسادىي كرىزىستىن قۇتۇلۇپ بولالمىغان، زاكاز قىلىدىغان مال مىقدارى 2011-يىلى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن، نۇرغۇنلىغان غەرب كارخانىلىرى خىتايدىن چېكىنىپ چىقىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھال خىتايدىكى ئىشسىزلىقنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش رولىنى ئۆتەيدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي جەھەتتە داۋالغۇش دەۋرىگە قەدەم قويغان، ئىقتىسادىي جەھەتتە چېكىنىش باسقۇچىغا كىرگەن، ئەخلاقىي جەھەتتە يىمىرىلىش دەۋرىدە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ھەربىي ساھەگە ئۈزلۈكسىز مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتمەكتە. بۇنىڭدىن خىتاينىڭ بارلىق ئىچكى قارشىلىقلارنى، بارلىق سەلبىي ئامىللارنى سىرتقا بولغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا تايىنىپ بىر تەرەپ قىلىشنى كۆزلەۋاتقانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. خىتاي ھەربىي سەپتىكى مۇتەخەسسىسلەر، مارشاللار ئۆز يازمىلىرى ۋە نۇتۇقلىرىدا ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ تەكىتلەپ، خىتاينىڭ خەلقئارادا دەۋر سۈرۈۋاتقان «دۇنيا تىنچلىقى»، «رايون بىخەتەرلىكى» قاتارلىق ئىدېئولوگىيىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچراپ، قايمۇقۇپ قېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇلماقتا.
30-دېكابىر كۈنى يەرشارى ۋاقتى تورىدا ئېلان قىلىنغان «مۇتەخەسسىسلەر پىكىر ئالماشتۇردى، جۇڭگو نەدىن كېلىپ نەگە بارىدۇ؟» ناملىق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل دېكابىر ئىچىدە خىتاي تەرەپ 50 نەپەر مۇتەخەسسىسنى تەكلىپ قىلىپ، خىتاينىڭ ھەربىي ئىشلار، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت ساھەسىدە پىكىر ئالماشتۇرغۇزغان. خىتايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن يىغىلغان بۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بەزىلىرى، خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدىن ساقلىنالمايدىغانلىقىنى، ئامېرىكا بىلەن خىتاي قارىماققا ياخشىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا بۆرە بىلەن قوينىڭ بىر داستىخاندىن تاماق يېيەلمەيدىغانلىقىنى، خىتاي دۆلىتىنىڭ ھەرقاچان ئۇرۇشقا ھازىر تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشكەن.
فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ 31-دېكابىردىكى «خىتاينىڭ ئايغا چىقىش پىلانى» ناملىق ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەربىي سېلىنمىنى بارغانسېرى ئاشۇرۇۋاتقان بولۇپ، خىتاي دۆلىتى پات ئارىدا گۇمران بولىدىغان بىر دۆلەت ھالىدا ئەمەس، بەلكى بارغانسېرى كۈچىيىدىغان بىر دۆلەت سىياقىدا ئەسكىرىي قۇۋۋىتىنى يۈكسەلتىپ، دېڭىزدىن ئالەم قاتنىشىغىچە، ھەتتا ئايغا چىقىشقىچە بولغان پىلانلارنى تۈزۈپ، ئۇنى ئىجرا قىلىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
«2012-يىلى خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى» ناملىق ماقالىدە، خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ 2012-يىلىدىن كېيىن ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقى، ئىقتىسادىي چېكىنىش بىلەن بىرگە، ھەسسىلەپ كۈچىيىدىغان ئىچكى قارشىلىقلارنى يېڭىشنىڭ مۈشكۈللۈكى كۆرسىتىلگەن. ماقالىدە غەربتىكى مۇتەخەسسىسلەر ئۈچۈن ئورتاق بولغان بىر قاراشنىڭ 2012-يىلىدىن باشلاپ «خىتايدا ئىقتىساد چېكىنىدۇ، قارشىلىقلار بارغانسېرى كۆپىيىدۇ» دېگەندىن ئىبارەت بولغانلىقى قەيت قىلىنغان.