خىتاي ھەققىدىكى تەقرىز: خىتاي ئۆز ئىچىدىكى كۆپ قاتلاملىق مەسىلىلەر تۈپەيلى دۇنياغا خوجا بولالمايدۇ

دۇنيا سىياسىي-ئىقتىسادىي سەھنىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئەگىشىپ، خىتاي ھەققىدە ھەر خىل كىتابلارمۇ يېزىلىشقا باشلىدى.

0:00 / 0:00

بۇ خىلدىكى كىتابلارنىڭ بەزىلىرىدە «خىتاي كەلگۈسىدە دۇنيانى سورايدۇ» دېگەن پىكىر ئىلگىرى سۈرۈلسە، بەزىلىرىدە «خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۇزۇنغا قالماي گۇمران بولىدۇ» دېگەن قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ھالبۇكى، يېقىندا ئەنگلىيىدە نەشر قىلىنغان «بېشى بار، ئاخىرى يوق» ناملىق خىتاي ھەققىدىكى كىتابتا، خىتاينىڭ كەلگۈسىدە مۇھىم دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولالىسىمۇ، ئەمما دۇنيانى سوراش دەرىجىسىگە بېرىپ يېتەلمەيدىغانلىقى مىساللار بىلەن كۆرسىتىلگەن. كىتابتا يەنە خىتاينىڭ ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەجەللىك مەسىلىلەر تەھلىل قىلىنغان.

مەزكۇر كىتابىنىڭ تولۇق نامى «بېشى بار، ئاخىرى يوق: خىتاي بۇ سەۋىيىگە قانداق يەتتى، ئۇ نەگە بارىدۇ» بولۇپ، كىتابنى ئەنگلىيىگە جايلاشقان خىتاي بازار ئۇچۇرلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پۇل-مۇئامىلە ئۇچۇر شىركىتى ‏-«ئىشەنچلىك مەنبەلەر» شىركىتىنىڭ دىرېكتورى جوناسان فەنبي يازغان.

كىتاب ھەققىدە سۆز ئېچىشتىن بۇرۇن كىتابنىڭ ئىسمى ھەققىدە ئازراق توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئاپتور كىتابىغا خىتايچە «虎头蛇尾» دېگەن تۇراقلىق ئىبارىنى ئىنگلىزچە سۆزمۇ-سۆز تەرجىمە قىلىپ، يەنى «يولۋاس بېشى، يىلان قۇيرۇقى» دەپ ئىسىم قويغان. بۇ «ياخشى باشلىنىپ، ناچار ئاخىرلىشىش»، «قىسىر-بوغاز»، «بېشى ھەيۋەت، قۇيرۇقى پەس» ياكى «بېشى بار، ئاخىرى يوق» دېگەن مەنىلەرگە ئىگە.

كىتابتا خىتاينىڭ سىياسىي-ئىقتىسادىي كېلەچىكى نۆۋەتتىكى، ئەجەللىك ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئۈستىدە تەھلىللەر ئېلىپ بېرىلغان. ئەنگلىيىدىن چىقىدىغان «ھامىي» ژۇرنىلىدا بۇ ھەقتە يېزىلغان بىر تەقرىزدە مەزكۇر كىتابنىڭ «نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ ۋە كۆپ قاتلاملىق خىتاي جەمئىيىتىنى چۈشىنىشتىكى ئەڭ ياخشى ئوقۇشلۇق» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر تەقرىزدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇنۇ جۈملىلەر ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ: خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىغا ئىگە. ئۇ دۇنيادىكى سېمونتنىڭ يېرىمى ۋە مۇھىم مېتال خام ئەشياسىنىڭ 3 تەن بىر قىسمىنى ئىستېمال قىلىدۇ. «يېشىل تىنچلىق» تەشكىلاتىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئۇ ھەر 2.5 مىنۇتتا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدىغان سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى چوڭلۇقىدىكى بىر كۆلچەك تولغۇدەك زەھەرلىك ئەخلەت چىقىرىدۇ.

تەقرىزدە خىتايدىكى ئىقتىسادىي ئىسلاھات كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىجتىمائىي مەسىلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يېزىلغان: خىتايدا بەلكىم 600 مىلياردېر بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭدا يەنە پاكىز سۇ ئىچەلمەيدىغان 300 مىليون ئادەم بار.

كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ دائىم دىققەتنى «يولۋاس بېشى» غا يەنى بىردەكلىككە مەركەزلەشتۈرۈشىگە قارىماي، ھۆكۈمەت تەكىتلىگەنسېرى بۇ «بىردەكلىك» نىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ناھايىتى زور «يىلان قۇيرۇقى» يەنە باراۋەرسىزلىكنىڭ نەق ئۆزى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

كىتاب ھەققىدىكى تەقرىزىگە قارىغاندا كىتابتا نۆۋەتتىكى خىتاي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە تارىخىي مەسىلىلەرگە ھەر تەرەپلىمە باھا بېرىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا كىتابتا يەنە، خىتاي خەلقى، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا سۈركىلىش قاتارلىق مىللىي مەسىلىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.

كىتاب ھەققىدىكى بىر باھادا مۇنداق دېيىلگەن: خىتايدا بارغانچە كېڭىيىۋاتقان ئىقتىسادىي پۇرسەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا سىياسىي ئەركىنلىك بەك ئارقىدا قالدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھوقۇقتىكى مونوپولىيىسىنى ھەرگىزمۇ بوشاشتۇرمىدى. خىتايدا «ئۆكتىچىلىك» خۇددى «ساتقۇنلۇق» جىنايىتى دەپ قارالدى.

كىتابتا خىتايدىكى، ھوقۇق تورى ۋە ئۇنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇنۇپ بارغانچە ياشناۋاتقان پارىخورلۇق، يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىدىكى ئېغىر مەسىلىلەر، مەدەنىي يادىكارلىقلار ئوغرىلىقى، بۇ ئارقىلىق خەلق ئارىسىدا ھۆكۈمەتكە ۋە ئۆز-ئارا ئىشەنمەسلىك خاھىشى ئەۋج ئالغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

كىتابتا يەنە خىتايدىكى چىرىكلىكىنىڭ بىر يۇقۇملۇق كېسەلگە ئايلانغانلىقى، ھەتتا دوختۇرلارنىڭمۇ كېسەل داۋالاشتىن ئىلگىرى پارا ئالىدىغانلىقىدىن ئىبارەت رېئاللىقلارمۇ سۆزلەنگەن.

كىتاب بىرىنچى شەخس تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، كىتاب ھەققىدە بېرىلگەن باھالارغا قارىغاندا ئاپتور بۇ كىتابنى خىتايدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى ۋە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋەقەلەر ئاساسىدا نەچچە يىللاپ تەتقىق قىلىش، كۆزىتىشى، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى زىيارەت قىلىش، ئانالىز ۋە كۆز قاراشلارنى تەققاسلاش ئارقىلىق يېزىپ چىققان.

ئەنگلىيىدىن چىقىدىغان «ھامىي» ژۇرنىلىدىكى تەقرىزدە خىتاينىڭ كېلەچىكى ھەققىدە مۇنداق يېزىلغان: خىتاينىڭ كەلگۈسى ھەققىدە مەۋجۇت سوئاللارنىڭ بىرى بولسا ئۇنىڭ سىياسىي سىستېمىسىدىكى مۇقىملىق مەسىلىسىدىن ئىبارەت.

مەزكۇر كىتاب ھەققىدە ئەنگلىيىدىكى «كىتابلار» تورىدا يېزىلغان بىر چۈشەندۈرۈشتە«لېكىن، خىتاي ئۆز ئىچىدىكى مۇرەككەپلىك ۋە كۆپ قاتلاملىق مەسىلىلەر تۈپەيلى دۇنيانى مەڭگۈ سورىيالمايدۇ»، دەپ يېزىلىپ، بۇنى يۇقىرىقى كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەپسىلاتلاردىن بىلىۋېلىشقا بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.