ئامېرىكىدىكى خىتاي زىيالىيلىرى ئاقسۇدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسى ھەققىدە توختالدى

19 ‏- چېسلا ئاقسۇ ئىگەچى مەھەللىسىدە يۈز بەرگەن خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى بىردىنلا جىددىيلەشتۈرۈپ، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى 5‏ - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر ئىلىغا جەلپ قىلدى.

0:00 / 0:00

بۇ ۋەقە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇ يىل 5‏ - ئايدا "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى" چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇدىغانلىقىنى داۋراڭ قىلىۋاتقان، ھەتتا خىتاي دۆلەت كابىنېتى ئاخبارات ئىشخانىسى چەتئەللىك مۇخبىرلار ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئۈرۈمچىگە زىيارەت ئورۇنلاشتۇرغان مەزگىلدە يۈز بەرگەن ئىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكىدىكى بەزى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاقسۇ "ئىگەچى ۋەقەسى" ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "شىنجاڭ"نى تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانى ھەققىدە توختالدى. ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ "شىنجاڭ"تەرەققىيات سىياسىتى "شىنجاڭ" مەسىلىسىنى ھەل قىلمايلا قالماي، ئۇنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن.

ئاقسۇنىڭ ئىگەچى مەھەللىسىدە يۈز بەرگەن 19 ‏- چېسلادىكى پارتلاش ۋەقەسى خەلقئارا جامائەتچىلىك ۋە ئۇيغۇرلار دىققەت قىلىدىغان جىددىي مەسىلە بولۇپلا قالماي، خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكىدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن "بېيجىڭ باھارى" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ بىلەن، بېيجىڭدىكى "ئەيجىشىڭ" تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ سابىق مەسئۇلى ۋەن يەنخەي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلدى.

ۋەن يەنخەي ئاقسۇدىكى پارتلاش ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5"‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن، راست گەپنى سۆزلەشكە جۈرئەت قىلىدىغان غەيرەت نىيازغا ئوخشاش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا زەربە بېرىپ، ئۇيغۇرلارغا پىكىر بايان قىلىش بوشلۇقى قويمىغانلىقنىڭ مەھسۇلى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، غەيرەت نىيازدەك مۆتىدىل بىر ئۇيغۇر زىيالىينىڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن 15يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "غەيرەت نىيازنىڭ ۋەقەسى ئۆرنەك خاراكتېرلىك تىپىك بىر ۋەقە. غەيرەت نىيازغا ئوخشاش تىنچلىقپەرۋەر، ئۆز يۇرتىنى سۆيىدىغان بىر زىيالىي بۇنداق ئېغىر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان يەردە، ئەسەبىي ھەرىكەتلەرگە باھا بەرمەك قىيىنغا توختايدۇ. ئەگەر، بۇ ۋەزىيەتتە بىر ئادەم چېكىدىن ئاشقان رادىكال ۋاستىلارنى قوللانسا، بىزنىڭ ئۇنىڭغا دەيدىغان گېپىمىز قالمايدۇ. چۈنكى مۆتىدىل، تىنچلىقپەرۋەر، يوللۇق، ھەتتا ساڭا دۈشمەنلىك قىلمايدىغان كىشىلەر بۇنداق جازاغا تارتىلسا، بۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىدىن يەنە نېمە كۈتۈشكە بولاتتى" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇ يىل 5‏ - ئايدا "شىنجاڭ"خىزمەت يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن ۋەن يەنخەي بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ "شىنجاڭ" تەرەققىيات پىلانىدىن ئانچىۋالا ئۈمىدۋار ئەمەس. ئۇ، "شىنجاڭ"دىكى يەرلىك خەلقنىڭ سىياسى ئورنى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئۇلارغا نازارەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلمەي، ئىقتىسادى ياردەم بىر تەرەپلىمىلىك تەكىتلەنسە، مەسىلە يەنىلا ھەل بولماي، زىددىيەت ئۈزلۈكسىز ئۆتكۈرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ" :نوقۇل ئىقتىسادى ياردەم چىرىكلىك ۋە مۇھىتنىڭ كەڭ كۆلەمدە ۋەيران بولۇشى ، كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادى ياردەم سىتاسىتىكىسىنىڭ مەلۇم ئىجابىي تەرىپى بولۇشى، بىر قىسىم كىشىلەرنى كەمبەغەللىكتىن قۇتقۇزۇشى مۇمكىن. لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ پۇلى ۋە بۇ پۇلغا تايىنىپ ئېلىپ بېرىلغان زور كۆلەملىك قۇرۇلۇش چىرىكلىكنىڭ يولىنى ئاچىدۇ. شۇڭا مەزكۇر ئىقتىسادى تەرەققىياتتىن بەك ئۈمىدۋار بولۇپ كېتىشكە بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يەرلىك خەلقنىڭ ئىقتىسادى پائالىيەتتىكى نازارەتچىلىك ھوقۇقى كۈچەيتىلمىسە، تەرەققىيات پىلانى پەرقنى چوڭايتىپ، زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن."

"بېيجىڭ باھارى" ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "5‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن كىشىلەر خىتاينىڭ "شىنجاڭ" سىياسىتى يۇمشىشىدىن ئۈمىد كۈتكەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان. خۇ پىڭ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ "شىنجاڭ" تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئۈنۈمى چەكلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە، ئاقسۇدىكى پارتلاش ۋەقەسىگە ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، "ئاقسۇدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسى شىنجاڭ مەسىلىسىنىڭ يەنىلا ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە ۋەزىيەت ياخشى تەرەپكە ماڭمايلا قالماي، ئەكسىچە تېخىمۇ يامانلىشىشى مۇمكىن. ئۆتكەن يىلى 5" ‏- ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن، جۇڭگو دائىرىلىرى بەزى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئورنىغا جاڭ چۈنشيەننى ئالماشتۇرغان ئىدى. لېكىن بىز غەيرەت نىيازغا ئوخشاش بىر زىيالىينىڭ ئېغىر جازاغا تارتىلىشىدىن، جاڭ چۈنشيەننىڭ يۇمشاق قول ئەمەلدار ئىكەنلىكى كۆپۈككە ئايلاندى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىقتىسادى تەرەققىيات ئارقىلىق شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى چەكلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. بۇ جەرياندا جۇڭگو دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ خەنزۇلارنى شىنجاڭغا يۆتكەشكە باشلىدى. بۇ يەرلىكنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتتى" دەپ كۆرسەتتى.

خۇ پىڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى خىتاي ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى ئاستىدا ھەل بولۇشى ئانچىلا مۇمكىن ئەمەس. ئۇ "شىنجاڭ" مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن - بىر يولى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش دەپ قارايدىغانلىقىنى، لېكىن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە بەزى خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ "شىنجاڭ"مەسىلىسىدىكى ئاۋارىچىلىقنىڭ مەنبەسى ئاپتونومىيىلىك تۈزۈمدە دەپ قاراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ" :نۆۋەتتىكى تۈزۈلمە ئاستىدا بۇ مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشى ئانچىلا مۇمكىن ئەمەس. جۇڭگو دائىرىلىرى جۈملىدىن مىللىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر بىزنىڭ قارىشىمىزنىڭ ئەكسىچە پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. مەسىلەن، بىزنىڭ قارىشىمىزچە، شىنجاڭ مەسىلىسىنى بىر قەدەر ياخشىراق ھەل قىلىشنىڭ يولى ھەقىقىي ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇشتۇر. لېكىن ئۇلار شىنجاڭ مەسىلىسىدىكى ئاۋارىچىلىقنىڭ مەنبەسى ئاپتونومىيە دەپ قاراۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ئاپتونوم رايوننى بىكار قىلىش، چۈنكى ئاپتونومىيە ئۇيغۇرلاردا مىللىي ئۆزلۈكنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئارىسىدىكى پەرقنى چوڭايتىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇلار مىللەتلەر ئارىسىدىكى پەرقنى كىچىكلىتىشنىڭ يولى مىللىي ئاپتونومىيىنى بىكار قىلىش دەپ قارايدۇ. ئۇلار بۇنىڭدا ئامېرىكىنى مىسالغا ئالىدۇ."

لېكىن، خۇ پىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ دۆلەت تۈزۈمى ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "ئۇلار ئامېرىكىدا مىللىي ئاپتونومىيىلىك تۈزۈم مەۋجۇت ئەمەس. ئامېرىكىدا خىتايلار، مېكسىكىلىقلار، ئىتالىيىلىكلەر ياشايدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ خىتاي ئاپتونوم رايونى، مېكسىكىلىقلارنىڭ ئاپتونوم رايونى يوق دەپ قارىشىدۇ. لېكىن بۇ پۈتۈنلەي خاتا مەنتىقە. بىرىنچىدىن، ئامېرىكىدا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بار. بۇ ئامېرىكىدىكى ئىجتىمائىي توپ ۋە مىللىي گۇرۇھلارنىڭ تەڭ باراۋەر ياشىيالىشىنىڭ ئاساسى. لېكىن بۇ نەرسىلەر جۇڭگودا يوق. ئىككىنچىدىن، ئامېرىكىدىكى مىللەتلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى دۆلەت تەۋەلىكىدىن ۋاز كېچىپ ئامېرىكىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان كۆچمەنلەر. لېكىن ئۇيغۇرلار بولسا شىنجاڭغا كۆچمەن ئەمەس. ئۇيغۇرلار شىنجاڭنىڭ ئەسلى يەرلىك ئاھالىسىدۇر.

بېيجىڭدىكى "ئەيجىشىڭ" تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ سابىق مەسئۇلى ۋەن يەنخەينىڭ ئەسكەرتىشىچە، "شىنجاڭ"دا ھوقۇقنىڭ تەقسىماتى تەكشىسىز بولۇپ، مىللىي كادىرلار ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەمەس. بۇ ھادىسە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئارزۇ ‏- تەلەپلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا ئەكس ئېتىشىگە توسالغۇ بولۇۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ "رايوندا ھوقۇق تۈزۈلمىسى تەكشى ئەمەس. ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئاز سانلىق مىللەت مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. ئۇلار ھاكىمىيەتنى ئىدارە قىلغۇچىلارنىڭ قورچىقى. بۇ رايوندىكى يەنە بىر مەسىلە. ئەلۋەتتە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارزۇ ‏- تەلەپلىرىنى يەتكۈزۈدىغان يەر بولمىسا، بۇ ئۇلارنى ئۈمىدسىزلىككە ئېلىپ بارىدۇ.

شىنجاڭدا يېزا-بازاردىن تارتىپ ئاپتونوم رايونغىچە ھەر دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ بىرىنچى قولى خەنزۇ. ئۇيغۇرلار نېمىشقا 1‏ - قول بولالمايدۇ؟ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى بولغان نۇر بەكرى دېگەن نەرسىنىڭ قىلىپ يۈرگەن قىلىقى ھېلىقى تۇرسا. ئۇ قاراپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ساۋاقدىشى غەيرەت نىيازغا زىيانكەشلىك قىلدى" دەيدۇ.

ۋەن يەنخەينىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى "شىنجاڭ"دا مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولسا، پارتىيە - ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئۇيغۇر خەلقىغە ھەقىقىي ۋەكىللىك قىلىدىغان كىشىلەرنى ۋەزىپىگە قويۇپ، خەلقنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىنى ئاڭلايدىغان بىر قانالنى بەرپا قىلىشى لازىم. بۇ خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، مۇقىملىقنى ئالغا سۈرىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.