نيۇيوركتا تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل يازغۇچى سۇ شاۋكاڭنىڭ 'چاپقۇندا قالغان قولۋاق ۋە ئارخىپ بىرىنچى' دېگەن ماقالىسى، خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'شەپە' ژۇرنىلىنىڭ بۇيىلقى 8 - سانىدا ئېلان قىلىندى. ئاپتور بۇنىڭدىن 20 يىل بۇرۇن بېيجىڭ رادىئو - ئۇچۇر ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقاندىلا، كىشىلەردە چوڭقۇر ئوي - پىكىر قوزغىغان 'سېرىق دەريا ئۆلدى' دېگەن كىنو سىنارىيىسىنى يازغان ئىدى. ئاپتورنىڭ بۇ قېتىم خىتاينىڭ ئارخىپ ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى پاش قىلىپ يازغان ماقالىسى، كىشىلەردە يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ئوي - پىكىر قوزغىدى.
بۇ ماقالىنى 'دېموكراتىيە مۇنبىرى' قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرى، تور پونكىتلىرى ئارقا - ئارقىدىن كۆچۈرۈپ باستى. بۇنى ئوقۇغان كىشىلەرمۇ ھازىر بۇ ھەقتە يېڭىچە باھا يېزىپ، بۇ ماقالىغا قوشۇپ قويۇۋاتىدۇ.
'ئۈچىنچى ئىمپېرىيىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە گۇمران بولۇشى' دېگەن كىتاب، بىزدەك بۇ بىر ئەۋلاد كىشىنىڭ پىكرىنى ئېچىۋەتكەن
-- خىتاي مەركىزى كومىتېتى ھازىر ئارخىپلاردىن ئەنسىرەپ قاپتۇ، ئۇ ئالەمنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتامدۇ - نېمە؟ ... دەپ ماقالىسىنى باشلايدۇ مۇستەقىل يازغۇچى سۇ شاۋكاڭ. -- ۋ. ل شىرەر يازغان 'ئۈچىنچى ئىمپېرىيىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە گۇمران بولۇشى' دېگەن كىتاب، بىزدەك بۇ بىر ئەۋلاد كىشىنىڭ پىكرىنى ئېچىۋەتكەن ئىدى. گىتلېر 1945 - يىلى گۇمران بولۇشتىن بۇرۇن، ئۆزىنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىغا پەقەت ئىشەنمىگەچكە، توپلىغان ئارخىپلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىشكە ئۈلگۈرەلمىگەن. ئۇنىڭ ھۆكۈمەت، دىپلوماتىيە، ھەربىي ئارخىپلىرى، ئەگەر ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىنمىگەن بولسا، كېيىنكى كۈنلەردە ئۇنى تارىخشۇناسلار كۆرۈپ تەتقىق قىلىپ، دۇنياغا ئاشكارىلىمىغان بولسا، گىتلېرنىڭ جىنايى مەقسەتلىرى، ھېلە - مىكىرلىرى، بولۇپمۇ دەھشەتلىك تېررورلۇق ۋەقەلەرنى پەيدا قىلغانلىقىنىڭ پاكىتلىرى دۇنيادا پەقەت بىر سىر بولۇپلا قالاتتى.
گىتلېرنىڭ تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى قوبۇل قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مىسالىنى ماۋزېدۇڭدىن كۆردۇق
-- گىتلېرنىڭ تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى قوبۇل قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مىسالىنى ماۋزېدۇڭدىن كۆردۇق، - - - دەپ ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، ئاپتور. - - - ماۋزېدۇڭ باشقىلارنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن قوللىنىدىغان ' قەتئىي مەخپىي ئارخىپ'لارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ مەخسۇس ئىشكاپىدا ساقلىغان، ئۇنىڭ ئاچقۇچىنى خوتۇنىغىمۇ تۇتقۇزمىغان. بىرسىنى يوق قىلماقچى بولسا، ئۇنى قارىلايدىغان ماتېرىياللار دەرھال شۇ ئىشكاپتىن چىقىرىلىپ، ياللانما ئەدىپلەرگە ھۇجۇم قىلغۇزغان.
پارتىيە تارىخى دېگەن نامدىكى ئارخىپ ئورگانلىرى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن قۇرۇلدى
ئاپتور بايانىنى مۇنداق دەپ داۋاملاشتۇرىدۇ: ماۋزېدۇڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا دۆلەت ئارخىپ ئىدارىسىغا كىرىشنى چەكلىدى. چۈنكى مەلۇم بىر تارىخنى ئېنىقلاش ئۈچۈن بىركىم بۇ ئورگانغا ئەۋەتىلسە، ئۇنىڭغا كىرىدىغان رەسمىيەتلەر بەك كۆپ بولغانلىقتىن، ئۇ سىر پۈتۈنلەي ئاشكارا بولۇپ قالاتتى. ئەمما ليۇ شاۋچى ۋە باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قايسى بىرىنى بولمىسۇن، سېسىتىدىغان ھۇجۇم ماتېرىياللىرىنىڭ ھەممىسى ماۋزېدۇڭنىڭ ئىشكاپىدىن چىققان. شۇنىڭدىن كېيىن، پارتىيە تارىخى ئورگىنى دەيدىغان ئارخىپ ئورگانلىرى قۇرۇلدى. كېيىن بۇ ئورگان ئارخىپنىلا ئەمەس، باشقا مۇھىم ھۆججەتلەرنىمۇ ساقلايدىغان بولدى.
بۇ يىل 7 - ئايدا، بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا 'پارتىيە تارىخى يىغىنى' دېگەن بىر يىغىن ئېچىپ ئارخىپلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى مۇزاكىرە قىلدى
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىل 7 - ئايدا، بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا 'پارتىيە تارىخى يىغىنى' دېگەن بىر يىغىن ئېچىلدى. بۇ يىغىندا تارىخ ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي ئارخىپلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى. سىياسىي بيۇرودىكى توققۇز دائىمىي ئەزانىڭ كۆپىنچىسى قاتناشتى. ئۇلار ئارخىپ ساقلاشتا خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ بىر مۇنچە كىشىنى مۇكاپاتلىدى. مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشكە ۋەدە بەردى. ئۇلارنىڭ ساداقەتلىكى پارتىيىنىڭ جان تومۇرىغا تاقىلاتتى.
مەركىزى كومىتېت ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قانداق نەتىجە چىقىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ، ئۇ ئالەملىكىنى تەييارلاپ قويۇشقا كىرىشكەنلىكى ئېنىق
شۇ ۋاقىتتا، خەلقئارادىلا ئەمەس، خىتايدىمۇ، كوممۇنىست پارتىيىنى تىنچ ئۆزگەرتىش مەسىلىسى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر بولۇۋاتاتتى. دۇنياغا پاتماي كېتىۋاتقان كوممۇنىست پارتىيە بۇ ۋاقىتتا، بىردىنلا ئارخىپلاردىن ئەندىشە قىلىپ قالدى. ئۇلار بۇ يىغىندا ھەتتا زۆرۈر تېپىلغاندا ئارخىپلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىشنى تىلغا ئالدى. ئەمما بۇرۇنقىدەك 'كېيىن ھېساب ئېلىنىدۇ' دېگەن گەپلەرنى پەقەت قىلمىدى. ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قانداق نەتىجە چىقىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ، گىتلېردەك ئاخماق بولماي، ئۆزىنىڭ ئۇ ئالەملىكىنى بالدۇرراق تەييارلاپ قويۇشقا كىرىشكەنلىكى ئېنىق.
زۆرۈر تېپىلغاندا ئارخىپلارنى پۈتۈنلەي كۈلگە ئايلاندۇرۇۋېتىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى چەتئەلدىن ئىمپورت قىلغان ئىلغار ئۈسكۈنىلەرگە ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىغىندا، ئارخىپلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى ھازىرقى مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ مەزمۇنى بولۇپ قالغان. يىغىندا يەنە جەمئىيەتتە قالايمىقانچىلىق چىقىپ، زوراۋانلار (خەلق) ئارخىپلارغا ھۇجۇم قىلسا قانداق قىلىش كېرەك، دېگەن مەسىلىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان. كوممۇنىست پارتىيە خىيانەتچىلىرىنىڭ سېسىق سىرلىرى خاتىرىلەنگەن ھۆججەت - ئارخىپلىرى، ئادەم كۆپ بارمايدىغان يىراق جايلاردىكى باشقا نام بىلەن ئاتىلىدىغان مەخپىي ئورۇنلاردا ساقلىنىدۇ. ئەمما زوراۋانلار بىلمەيدىغان جاي يوق.
مەركىزى كومىتېتنىڭ مەسلىھەتچىلىرى بۇ يىغىندا، زۆرۈر تېپىلغاندا ئارخىپلارنى پۈتۈنلەي كۈلگە ئايلاندۇرىۋېتىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى چەتئەلدىن ئىمپورت قىلغان ئىلغار ئۈسكۈنىلەرگە ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.