خىتايدا نېمە ئۈچۈن ھۆكۈمەت باي، خەلق نامرات؟

تەتقىقاتچىلار خىتايدا خەلقتىن ئېلىنىدىغان باج بىلەن خەلققە بېرىلىدىغان مەنپەئەت نىسبىتىنى باشقا دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، خىتاينىڭ دۇنيا بۇيىچە باجنى ئەڭ كۆپ ئېلىپ، ئەمما خەلققە مەنپەئەتنى ئەڭ ئاز بېرىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

0:00 / 0:00

ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كارولىنا شىتاتىدا تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى جۇ شۆيۇەن ئەپەندى يېقىندا خىتايدا ھۆكۈمەت خەلقتىن ئالىدىغان باج بىلەن خەلققە بېرىدىغان پاراۋانلىق ۋە مائارىپقا ئاجراتقان مەبلەغقە دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى. ئۇ ماقالىسىنى 'بۇ سان-سېفىرلارنى بىر كۆرۈپ قويۇڭ' دەپ باشلاپ، ئالدى بىلەن 'خىتايدا خەلق تاپشۇرىدىغان باج نىسبىتى دۇنيا بۇيىچە خەلققە ئەڭ يۇقىرى پاراۋانلىق بېرىدىغان فرانسىيىگە يېتىپ قالدى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى خەلققە بېرىدىغان مەنپەئەت ئاران فرانسىيە ھۆكۈمىتى خەلققە بېرىدىغان مەنپەئەتنىڭ 8% گە تەڭ ' دەپ كۆرسەتكەن.

خىتايدا 'ھۆكۈمەتنىڭ پۇلى خەلقتىن كېلىدۇ، خەلققە سەرپ قىلىنىدۇ' دېگەن گەپ راستمۇ؟

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىدا ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ، سەھىيە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە ئاممىۋىي ئىشلار خىراجىتى )ھۆكۈمەتتىن خەلققە بېرىلىدىغان مەنپەئەت( خەلق تاپشۇرغان باجدىن توپلانغان ئومۇمى مالىيە كىرىمىنىڭ 42% نى، ئەنگلىيىدە 49%نى كانادادا 52%نى تەشكىل قىلىدۇ. خىتايدا ئاران 8% نى تەشكىل قىلىدۇ. خىتاينىڭ مائارىپقا ئاجراتقان پۇلى ئافرىقىدىكى ئوگاندادىنمۇ ئاز. خىتايدا 'ھۆكۈمەتنىڭ پۇلى خەلقتىن كېلىدۇ، خەلققە سەرپ قىلىنىدۇ' دېگەن گەپ راستمۇ؟

چەتئەللەردىكى 'كاپىتالىستلار' بىلەن خىتايدىكى 'پرولېتارىيات جەڭچىلىرى' نىڭ قايسى خەلقنى بەك ئېزىدىكەن؟

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە، ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكىلاردا ھۆكۈمەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ تەننەرقى ھۆكۈمەت چىقىمىنىڭ 1% نى تەشكىل قىلىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 2% دىن ئاشمايدۇ. ئەمما خىتايدا 46%. دېمەك خىتايدا ئەمەلدارلارنىڭ تاپاۋىتى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن 40 ھەسسە كۆپ. خىتايدا نوپۇسنىڭ 1% ئىگىمۇ يەتمەيدىغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى، پۈتۈن دۆلەت بۇيىچە ئومۇمى داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ 80%نى تەشكىل قىلىدۇ. چەتئەللەردىكى 'كاپىتالىستلار' بىلەن خىتايدىكى 'پرولېتارىيات جەڭچىلىرى' نىڭ قايسى خەلقنى بەك ئېزىدىكەن؟

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چىقىم تۈرلىرى باشقا دۆلەتلەردە تېپىلمايدۇ

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىدىكى يەپ-ئىچىش پائالىيەتلىرىگە كېتىدىغان پۇل 370 مىليارد يۈەن، ھۆكۈمەتنىڭ ئاپتوموبىل چىقىمى398 مىليارد 600 مىليون يۈەن، سەيلى-ساياھەت چىقىمى 240 مىليارد يۈەن، قىماردا ئۇتتۇرۇپ چەتكە ئاققۇزغان پۇل سانى 200 مىليارد يۈەن، ھۆكۈمەتنىڭ مۇشۇنداق چىقىملىرىنى قوشقاندا جەمى 1 تېرلىيون 208 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولىدۇ.

بۇ سان پۈتۈن دۆلەت بۇيىچە ئومۇمى داۋالىنىش پۇلىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ. خىتاينىڭ ئومۇم مەھسۇلات قىممىتىمۇ، نوپۇس بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىمۇ ياپونىيىدىن تۆۋەن، ئەمما خىتايدا ھۆكۈمەت خىراجىتىگە تايىنىپ يەپ - ئىچىش ياپونىيىدىن مىڭ ھەسسە كۆپ. جەنۇبىي كورىيىنىڭ سىئول شەھىرىدە مەخسۇس ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان ئاپتوموبىل سانى ئاران 14. دېمەك، خىتاي ھۆكۈمىتىدە بار بۇنداق غەلىتە چىقىم تۈرلىرى باشقا دۆلەتلەردە تېپىلمايدۇ.

دۇنيا بۇيىچە ھەشەمەت - سۆلەت ئۈچۈن قوللىنىدىغان بۇيۇملارنىڭ بىرىنچى چوڭ خېرىدارى كىم؟

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا ئەمگەك كۈچىنىڭ تەننەرقى ھىندىستاندىن تۆۋەن. خىتايدا 80% ئادەمنىڭ تۇرمۇشى ئافرىقىدىن پەرقلەنمەيدۇ. ئەمما خىتايدا نوپۇسنىڭ 0.4% نى تەشكىل قىلىدىغان ئادەم پۈتۈن دۆلەتتىكى 70% بايلىقنى ئىگىلىۋالغان. دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ خېرىدارى ھازىر مۇشۇ كىشىلەر. دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ 20% تىن ئارتۇقىنى ھازىر مۇشۇ كىشىلەر سېتىۋېلىۋاتىدۇ. خىتاي 2011 ‏- يىلىدا دۇنيا بۇيىچە ھەشەمەت- سۆلەت ئۈچۈن قوللىنىدىغان ئەڭ قىممەت زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ بىرىنچى چوڭ خېرىدارىغا ئايلىنىدۇ.

مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى ماقالىسىگە، خىتايدا يۇقىرىقى ئادالەتسىز سان-سېفىرلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۆكۈمەتنى ئىدارە قىلىدىغان ۋېن جياباۋنىڭ رەسىمىنى چاپلاپ قويغان.

بۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىل خىتايدا ئاجايىپ چوڭ ئۆزگىرىش بولىدىغان يىللار

بوشۈن تور گېزىتىدە تەھلىل قىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىل خىتايدا ئاجايىپ چوڭ ئۆزگىرىش بولىدىغان يىللار. خىتايدىكى خۇ جىنتاۋ - ۋېن جياباۋ ھۆكۈمىتى ھازىر، خىتايدىكى بۇ ئىجتىمائىي مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، پەقەت قارشىلىقلارنى باستۇرۇش ئارقىلىق 'جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە بولسىمۇ تۇتۇپ تۇرۇش'، ' تەبىئى ئاپەت كۆرۈلسىلا، خەزىنىدىكى پۇلنى پارچىلاپ، قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش' تىن ئىبارەت ئىككىلا تەدبىرگە تايىنىپ قالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.