خىتايدا ئىقتىساد ئۆسۈشكە ئەمەس، بەلكى تۆۋەنلەشكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ

ئىقتىسادشۇناس جىم ۋالكېر بۈگۈن «ۋول سترىت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، خىتايدا ھازىر ئىقتىساد تۆۋەنلەشكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ، پۇل ئوبوروتى ئاستىلاش، سەرپىيات تۆۋەنلەش دەۋرىگە كېرىۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

0:00 / 0:00

خوڭكوڭدا 1990‏-يىللاردا «ئاسىيانومىك» ئىقتىسادى ئىستراتېگىيە تەتقىقات شىركىتىنى قۇرغان ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆزى بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى بولۇپ كېلىۋاتقان، ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيىچى جىم ۋالكېر بۈگۈن «ۋول سترىت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، خىتايدا ھازىر ئىقتىساد ئۆسۈشكە ئەمەس، بەلكى تۆۋەنلەشكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ پۇل ئوبوروتى ئاستىلاش، سەرپىيات تۆۋەنلەش دەۋرى يېتىپ كېلىۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. جىم ۋالكېر بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ سىياتۇل شەھىرىدىكى شورتلاندىيە ئىقتىسادىنى تەتقىق قىلىش ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن ۋاقىتتىلا، ئىقتىسادى ئىستراتېگىيە ساھەسىدە تونۇلغان ئەرباب ئىدى.

ئىقتىسادى ئىستراتېگىيىچى جىم ۋالكېرنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دۇنيادا باش كۆتۈرۈپ چىقىش دېگەن مەقسەت بىلەن خەلقئاراغا سالغان مەبلەغلەرنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ. بۇنداق مەبلەغلەر ھەتتا ئاۋسترالىيىدە كان ئېچىش، كۆچمە ئۇچۇر -ئالاقە تورى قۇرۇش، ھەتتا «ئالما» شىركىتىنىڭ ماركىسىدا يانفون ئىشلەش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئەمما بۇ ھازىر جىددىي توسۇققا دۇچ كەلدى، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىمۇ، نوپۇسنىڭ كۆپلۈكىدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، شۇ قەدەر كۆپ نوپۇسنىڭ تۇرمۇش سەرپىياتىنى كۆپەيتىشكە تايىنىپ، دۇنيادا باش كۆتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن سېلىنغان مەبلەغلەر ھازىر رېئال ۋەزىيەتنىڭ سىنىقىغا دۇچ كەلدى.

جىم ۋالكېرنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ئومۇم مەھسۇلات قىممىتى بۇلتۇرقىدىن 4% تۆۋەنلىدى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىمۇ ئاستىلاپ كەتتى. خىتاي ئۆزى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ يىل 6‏-ئايدا خىتاي ئىقتىسادىدا ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىش پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بار، بۇ جەرياندا بىرمۇنچە شىركەتلەر ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالماي گۇمران بولىدۇ ياكى ھۆكۈمەتنىڭ تەرتىپكە سېلىش دېگەن نام بىلەن جازالىشىغا دۇچ كېلىدۇ.

جىم ۋالكېرنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ھازىر يەر-زېمىن، ئۆي تىجارىتى ئارقىلىق ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى. ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىل ئىچىدە، خىتاينىڭ كۆتۈرۈپ چىققان بېشى قاتتىق يەرگە ئۇرۇلىدۇ.

جىم ۋالكېرنىڭ قارىشىچە، خىتايدا 90-يىللاردا بانكىلارنىڭ ھېساباتىدا ناتوغرا ھېساب 25% دىن 40% گىچە ئىدى، بۇ ھېسابلار ھازىرغا قەدەر توغرىلىنىپ بولمىدى. خىتاي بانكىلىرىنىڭ ھېساباتىدىكى بۇزۇق ھېسابلارنىڭ بۇ قەدەر كۆپلۈكى ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيىدە ئىقتىسادى كرىزىس ئەڭ ئېغىر بولغان يىللاردىمۇ يۈز بېرىپ باقمىغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، خىتايدا ھازىر نۇرغۇن نامۇۋاپىق تەقسىماتلار مەۋجۇت. بۇنداق ئەھۋالدا خەلق ئىچىدىن مەبلەغ توپلىغىلى بولمايدۇ.

«ئىقتىساد كۆزەتچىسى» دېگەن ژۇرنالدا بايان قىلىنىشىچە، ئىقتىسادى ئىستراتېگىيىچى جىم ۋالكېرنىڭ خىتايدا ھازىر ئىقتىساد ئۆسۈشكە ئەمەس، بەلكى تۆۋەنلەشكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ پۇل ئوبوروتى ئاستىلاش، سەرپىيات تۆۋەنلەش دەۋرى يېتىپ كېلىۋاتىدۇ، دېگەن كۆز قارىشى بىلەن، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇنىڭ قارىمۇ -قارشى تەرىپىدە تۇرغان بىر مۇنچە شىركەت مۇدىرلىرىنىڭ خىتاي ئىقتىسادى ھەققىدىكى ھازىرقى كۆز قارىشىمۇ، توساتتىن ئوخشاپ قالدى. «ئېلىكسىيا» مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ ساھىپى خۇگ خاندىرىمۇ «باررون ھەپتىلىك گېزىتى» دە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، خىتاينى ھازىر بوشلۇقتا-مۇئەللەقتە تۇرۇۋاتقان ئىقتىسادى گەۋدە دەپ تەسۋىرلىدى. شۇنداقلا ئۇ ھازىر خىتايغا مەبلەغ سېلىشتىن ۋاز كېچىپ، مەبلىغىنى ياپونىيىگە يۆتكەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.