خىتاي ئەمدى 'سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش' دېگەن نام بىلەن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنى سىياسىي رايونغا ئۆزگەرتمەكچىمۇ؟

بۈگۈن تەيۋەن، خوڭكوڭلاردىكى گېزىت ۋە رادىئولار، كوممۇنىست خىتاي مەركىزى كومىتېتى ھازىر شېنجېن، شامېن قاتارلىق 4 ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايوننى، ئالاھىدە سىياسىي رايونغا ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر ۋە ئانالىزلار ئېلان قىلدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن جەنۇبىي خىتاي گېزىتى، خىتاي 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن قەشقەر ئالاھىدە رايونى قۇرۇشقا باشلىغانلىقى ھەققىدىكى ئىنكاسلارنى ئېلان قىلغان ئىدى.

0:00 / 0:00

خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'مىڭباۋ گېزىتى' بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، شېنجېن، جۇخەي، سەنتۇ، شامېندىن ئىبارەت خىتايدىكى تۆت چوڭ ئىقتىسادىي رايون 30 يىللىق تەرەققىياتتىن كېيىن، ھازىر ھەل قىلىنمىغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەر، بولۇپمۇ ئەمەلدارلارنىڭ خىيانەت دېلولىرى بەك كۆپ دۆۋىلىنىپ كەتكەن، ئەمما مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان سىياسىي تۈزۈلمىلىرى قالاق، مەبلەغلىرى ۋە ئىختىساس ئىگىلىرى سىرتقا ئېقىپ كېتىۋاتقان مەسىلە رايونىغا، يەنى ھازىر پەقەت نامىنىلا كۆرگەزمىگە تېزىپ قويىدىغان سىياسىي تەشتەكلەرگە ئايلىنىپ قالدى. ھازىر چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى ۋە ھەرخىل مۇتەخەسسىسلەر ، قانداق قىلىپ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنى سىياسى ئالاھىدە رايونغا ئايلاندۇرۇش ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلىغان.

خىتاي ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنى 'ئالاھىدە سىياسىي رايون'غا ئايلاندۇرۇشنى 'سىياسىي ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش' دېگەن نام بىلەن ئېلىپ بارماقچى

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي مەركىزى كومىتېتى ھازىر كوممۇنىست پارتىيىنىڭ سىياسىي تۈزۈملىرىنى ئەمەس، بەلكى ئەركىن بازار ئىگىلىكىنى يولغا قويۇپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنى 'ئالاھىدە سىياسىي رايون'غا ئايلاندۇرۇشنى 'سىياسىي ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش' دېگەن نام بىلەن ئېلىپ بارماقچى بولۇۋاتىدۇ.

خىتاينىڭ تۈزۈلمە ئىسلاھاتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى 'كەلگۈسى 30 يىلدا گۇاڭدۇڭدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نوختىسى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنى سىياسىي ئالاھىدە رايونغا ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت بولىدۇ' دېگەن.

'جەنۇبىي خىتاي گېزىتى' نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ تۈزۈلمە ئىسلاھاتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى لو لى 'كەلگۈسى 30 يىلدا گۇاڭدۇڭدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نوختىسى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنى سىياسىي ئالاھىدە رايونغا ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت بولىدۇ، بۇ جەھەتتە ئالدى بىلەن گۇاڭدۇڭ ئۆزىگە يېقىن بولغان خوڭكوڭغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى كېڭەيتىشى كېرەك' دەپ كۆرسەتكەن.

تەيۋەن كوممۇنىست خىتاينىڭ قايسى يوللار بىلەن تەيۋەن ئاراللىرىنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي رايونلىرىغا قېتىۋېلىپ ئۆزگەرتىشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن

بۈگۈن تەيۋەندە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان قىلىنغان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، تەيۋەن ھازىر كوممۇنىست خىتاي ھازىر قايسى يوللار بىلەن تەيۋەن ئاراللىرىدىكى چوڭ قۇرۇقلۇققا يېقىن شەھەرلەرنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي رايونلىرىغا چېتىۋېلىپ بىرلىكتە ئۆزگەرتىشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن.

خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۇنىڭدىن بۇرۇنلا، قەشقەر ھەققىدە ئوخشىمىغان نۇقتىدىن مۇلاھىزە ئېلان قىلىشقا باشلىغان ئىدى

بۇ يىل 4 ‏- ئايدىن باشلاپ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان قەشقەر شەھىرى ھەققىدىمۇ، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى ئۇچۇر ۋاستىلىرى، بۇنىڭدىن بۇرۇنلا ئوخشىمىغان نۇقتىدىن مۇلاھىزە ئېلان قىلىشقا باشلىغان ئىدى.

قەشقەر يەرلىك پارتكومنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك مۇئاۋىن باش كاتىبى دىۋىزىيە ياكى ۋىلايەت، نازارەت دەرىجىلىك ئەمەلدارغا ئايلىنىپ بولدى

تەيۋەننىڭ 'سىنا تور بېتى'دە 6‏- ئاينىڭ 3‏- كۈنى ئېلان قىلىنغان 'قەشقەر ئالاھىدە رايوننىڭ سىرى' دېگەن ئوبزوردا، قەشقەر شەھىرى ھازىر 'چوڭ قەشقەر'گە ئايلىنىۋاتىدۇ. قەشقەر يەرلىك پارتكومنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك مۇئاۋىن باش كاتىبى دىۋىزىيە ياكى ۋىلايەت، نازارەت دەرىجىلىك ئەمەلدارغا ئايلىنىپ بولدى؛ خىتايدىكى مەنسەپپەرەسلەر ۋە ئىشسىزلار بۇ چوڭ قەشقەرگە ئېقىشقا باشلىدى، دەپ بايان قىلىنغان ئىدى.

'نۇر بەكرىنىڭ سۆزى بىلەن چۈشەندۈرگەندە، قەشقەر ئالاھىدە رايونى دېگەن تېررورچىلارغا تاقابىل تۇرىدىغان خەلقئارالىق ئالدىنقى سەپ'

بۇ ئوبزوردا يەنە، 'قەشقەر ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون' دېگەننىڭ ئەمەلىيەتتىكى سىياسىي ئالاھىدە رايون خاراكتېرىنى، خىتاينىڭ ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ 'قەشقەر ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى دېگەن بۇ شەھەر، جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدە تېررورچىلارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ خەلقئارالىق ئالدىنقى سېپى' ، 'ئۇيغۇر قىزلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم بايلىقى' دېگەن سۆزلىرى بىلەن چۈشەندۈرگەن ئىدى.

'قېقىنۇس'، 'تېڭشۈن' دېگەن تور بەتلەردە، ئەگەر قەشقەر، خۇددى شېنجېن قاتارلىق ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلارغا ئوخشاش مودېل بىلەن چەتئەل مەبلەغلىرى كۆپلەپ كىرگۈزۈلۈپ تەرەققى قىلدۇرۇلسا، يەرلىك خەلق باي بولسا، خۇددى رابىيە قادىردەك بۆلگۈنچىلىك يولىغا ماڭىدۇ؛ ئەگەر يەرلىك خەلق ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن بەھرىمان بولالمىسا، بۇ 'چوڭ قەشقەر'دە يەنىلا خۇددى فوكىسكان شىركىتىدە ئىكىسپلاتاتسىيىگە ئۇچرىغان ئىشچىلار ۋەقە چىقارغاندەك ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ، دەپ بايان قىلىنغان ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.