خىتايدا سىياسىي ئىسلاھاتنى خالايدىغان ۋە خالىمايدىغان ئىككى گۇرۇھ قاتتىق ئېلىشىۋاتىدۇ

ۋېن جياباۋ خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش تەشەببۇس قىلغاندىن كېيىن، "نۇر گېزىتى" ھازىر خىتايدا ۋېن جياباۋنىڭ بۇ تەشەببۇسىنى تەنقىدلەشكە باشلىدى. ئەمما "جەنۇبىي خىتاي گېزىتى" ۋېن جياباۋنىڭ سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش تەشەببۇسنى قوللاۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

مانا بۇ، خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى خالايدىغان بىر گۇرۇھ بىلەن خالىمايدىغان يەنە بىر گۇرۇھ ئېلىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. خەلقئارادىمۇ، بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ۋېن جياباۋ ئوتتۇرىغا قويغان سىياسىي تۈزۈم ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش تەشەببۇسىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە مۇنازىرە بولۇۋاتىدۇ.

دېڭ شاۋپىڭ قارشى چىقىشقا جۈرئەت قىلالمىغان جاڭ زېمىن گۇرۇھى ۋېن جياباۋغا قارشى چىقىشقا جۈرئەت قىلدى

"بوشۈن تور گېزىتى" دە بايان قىلىنىشىچە، دېڭ شاۋپىڭ 1992‏ - يىلى جەنۇبنى كۆزدىن كۆچۈرگەندە "كىم ئىسلاھات ئېلىپ بارمىسا تەختتىن چۈشسۇن"، "ئەگەر ھازىر ئىسلاھات ئېلىپ بارمىساق تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىمىز" دەپ جاكارلىغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ھوقۇق تۇتۇۋاتقان جاڭ زېمىن گۇرۇھى بۇ ئىسلاھاتقا قارشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئىدى. ئەمما يېقىندا ۋېن جياباۋ شېنجېندا ئىقتىسادىي ئىسلاھات باشلانغانلىقىنىڭ 30 يىللىق خاتىرە كۈنلىرىدە قىلغان سۆزىدە، دېڭ شاۋپىڭغا ئوخشاش تەلەپپۇز بىلەن سۆز قىلىپ "ئەمدى چوقۇم سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش كېرەك"، "ئەمدى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارمىساق ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئارقىلىق قولغا كەلگەن نەتىجە قولدىن كېتىدۇ" دەپ جاكارلىغاندا، جياڭ زېمىن گۇرۇھى جياباۋغا قارشى چىقىشقا جۈرئەت قىلدى.

تەشۋىقات مىنىستىرلىقى دېڭ شاۋپىڭنىڭ سۆزىنى تىلغا ئالماسلىق تاكتىكىسىنى قوللانماقتا

خىتايدا دېڭ شاۋپىڭ ئېلىپ بارغان ئىقتىسادىي ئىسلاھاتتىن مەنپەئەت ئالغان كىشىلەر، يەنى ئەمەلدار جەمەتلىرى ھازىر ۋېن جياباۋ ئوتتۇرىغا قويغان سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلمايدۇ. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېت تەشۋىقات مىنىستىرلىقى ھازىر دېڭ شاۋپىڭنىڭ 1992‏ - يىلى جەنۇبنى كۆزەتكەندە قىلغان سۆزىنى تىلغا ئالماسلىق، ۋېن جياباۋنى تەنقىدلەش، خۇ جىنتاۋنى "بوش قالدۇرۇش" تاكتىكىسى قوللىنىشنى قارار قىلغان.

ۋېن جياباۋ ھازىر خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ئىلغار كۈچلەر دەپ قارالماقتا

ئامېرىكىنىڭ شىمالى كارولىنا شتاتىدىكى مۇستەقىل يازغۇچى جۇ شۆيۇەننڭ بايان قىلىشىچە، ۋېن جياباۋ شېنجېندا قىلغان سۆزىدە، دېڭ شاۋپىنىڭ 1992‏ - يىلى جەنۇبنى كۆزەتكەندە قىلغان سۆزىنى تەكرارلاپ، خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلدى. خىتايدا يىللاردىن بۇيان سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان كىشىلەر ۋېن جياباۋنى، ھازىرقى تۈزۈم شارائىتىدا، خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان ئىلغار كۈچلەر دەپ قارىماقتا.

يېقىندا ئامېرىكىدا چىقىدىغان "ھەپتىلىك خەۋەر گېزىتى" مۇ ۋېن جياباۋنى "دۇنيادا تەسىر قوزغىغان دۆلەت رەھبەرلىرى" قاتارىغا قويدى. بۇ گېزىتتە "كۆڭلىگە بۈيۈك پىلانلارنى پۈككەن ئەنگلىيە باش مىنىستىرى كامېرۇن"، "چەتئەللەردە ئالقىشلىنىدىغان ئەمما دۆلەت ئىچىدە خەلق ياقتۇرمايدىغان فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي"، "مولداۋىينىڭ مۇھىت ئاسرىغۇچىلار داھىيسى مۇھەممەد ناشىد" قاتارلىق 10 كىشى ھەققىدە ئوبزور ئېلان قىلغاندا، ۋېن جياباۋمۇ "ئۆزىنى خەلقنىڭ چاكىرى دەپ ئاتىغان خىتاي باش مىنىستىرى" دەپ تەسۋىرلەندى. ئەمما خىتايدىكى سولچىلار ھازىر ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ۋېن جياباۋغا ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ.

تەنقىدنى ۋېن جياباۋغا ئەمەس، ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغان باشقا سەككىز دائىمىي ئەزاغا قارىتىش كېرەك

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ۋېن جياباۋ يېقىندا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىش بېرىشنى تەشەببۇس قىلغاندىن كېيىن، بەزى دوستلىرىمىزمۇ "ۋېن جياباۋنىڭ گېپىگە ئەمەس، ھەرىكىتىگە قاراش كېرەك، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى خۇددى ليۇ شاۋبوغا ئوخشاش سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قويۇپ بەرمىسە، ۋېن جياباۋنىڭ دېگەن گېپى يالغان" دەۋاتىدۇ.

ئەمما شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى، 1979‏ - يىلى ۋېي جىنشېڭنى قولغا ئالغاندا، خۇ ياۋباڭ قارشى تۇرغان، ئەمما خۇ ياۋباڭ باش سېكرېتار بولۇپ تۇرۇۋاتقان شۇ يىللاردا ۋېي جىنشېڭ تۈرمىدىن چىقالمىدى. بۇ، ئەينى ۋاقىتتا خۇ ياۋباڭنىڭ تەستىق سالمىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئەينى ۋاقىتتا خىتايدا ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار قوشۇنى تېخى قۇدرەت تاپمىغانلىقىدىن بولغان ئىدى. شۇڭلاشقا ھازىر بىز تەنقىدنى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ئۇچۇق -ئاشكارا تەشەببۇس قىلالىغان ۋېن جياباۋغا ئەمەس، بەلكى مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇرودىكى ۋېن جياباۋنىڭ تەشەببۇسىغا قارشى تۇرىدىغان باشقا سەككىز دائىمىي ئەزاغا قارىتىش كېرەك.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.