سىياسىي ئانالىزچى خۇ پىڭ: 'خىتاي ھۆكۈمىتى ۋاڭ لېچۈەنگە ئوخشاش پارىخور، چىرىك ئەمەلدارلارنىمۇ ھېچقاچان جازالىمىدى'

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئەمەلدارلارنىڭ ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشى ۋە پارىخورلۇق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا بىر بەلگىلىمە چىقارغان. بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، سىياسىي ئانالىزچى خۇ پىڭ ئەپەندى بۇ خىل چارە - تەدبىرلەرنىڭ ئەزەلدىن خىتايدىكى چىرىكلىك قىلمىشىنى توسۇپ قالالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

0:00 / 0:00

بەلگىلىمە، 16 - ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بەلگىلىمىدە ئېنىق قىلىپ، "شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىدىكى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش" ھەمدە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىقلار كۆرسىتىلگەن.

بېيجىڭ باھارى جۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىۋاتقان يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان ئەمەلدارلاردىكى چىرىكلىك ھەم پارىخورلۇق تېخىمۇ ئەۋج ئالغان.

ئۇ، مۇنداق دېدى: "خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھازىر چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى تەكىتلەۋاتىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە خەلقنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىدىكى پارىخورلۇققا بولغان نەپرىتىنىڭ بۇ يىللاردا چېكىگە يەتكەنلىكى سەۋەبىدىن بولۇۋاتىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇق چىرىكلىك قىلمىشلىرى تېخىمۇ ئېغىر بولماقتا. ئالايلۇق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 20 يىلغا يېقىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاڭ لېچۈەنگە ئوخشاش پارىخور چىرىك ئەمەلدارلارنىمۇ كومپارتىيە ھۆكۈمىتى ھېچقاچان جازالىمىدى. ئەكسىچە ئۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇپ كەلدى."

خۇ پىڭ سۆزىدە يەنە، خىتاي ئەمەلدارلاردىكى پارىخورلۇق ھەم چىرىكلىكنىڭ تارىخى ھەم مەدەنىيەت ئاساسى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەمەلدارلار ئەخلاقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

"ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىشى خىتاي تارىخىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەمەلدارلار ئەخلاقى دېيىشكە بولىدۇ. ئالايلۇق خىتايلار ئارىسىدا تارقىلىپ كېلىۋاتقان،" ياخشى ئوقۇپ ئەمەلدار بولۇش"، " پۇل تېپىش ھەممىدىن ئەلا، ئەمەلدار بولۇش پۇل تېپىشتىنمۇ ئەلا"، " ئەمەل تۇتساڭ بايلىق قۇشى بېشىڭغا قونىدۇ" دېگەنگە ئوخشاش ماقال - تەمسىللەر خىتايدا تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، ئەمەلدارلار ئەخلاقىنىڭ ئۆلچىمى دېيىشكە بولىدۇ."

ئۇ سۆزىدە خىتايدا بۇ خىل سىياسەت بەلگىلىمىلەرنىڭ يېڭىلىق ئەمەسلىكىنى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ، پۇقرالارنىڭ ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇقى ھەم چىرىكلىكىگە بولغان نارازىلىقلىرىنى بېسىش ئۈچۈنلا، بۇ خىل بەلگىلىمىلەرنىڭ دائىم چىقىرىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتايدىكى ئەڭ چوڭ پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ ھېچقاچان جازاغا تارتىلمايدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۆز ئەمەلدارلىرىغا چىرىكلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئارقىلىقلا ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

"خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن، ئۆز ئەمەلدارلىرىغا چىرىكلىشىش پارىخورلۇق ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. ئاندىن ئۇلارنىڭ قولى ئارقىلىق خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى باستۇرىدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا "قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى" بىلەن داڭ چىقارغان، خىتايلار تەرىپىدىن "1 - نومۇرلۇق پارىخور ئەمەلدار" دەپ ئاتالغان ۋاڭ لېچۈەننىڭ خەلقنىڭ شۇنچە نارازىلىقىغا قارىماي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاش كەم 20 يىل ئەمەلدار بولۇپ تۇرۇشى مانا مۇشۇ سەۋەبتىن دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا "جاللات" نامىنى ئالغان ۋاڭ جىن، ۋاڭ ئېنماۋ قاتارلىقلارمۇ ئوخشاش. گەرچە ئۇلارنىڭ پارىخورلۇق چىرىكلىك قىلمىشلىرىغا دائىر ئىسپاتلار يېتىپ - ئاشقىدەك بولسىمۇ، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە سادىق بۇ ئەمەلدارلار جازاغا تارتىلمايلا قالماستىن بەلكى "تۆھپىكار" دەپ مەدھىيىلىنىپ كېلىنمەكتە.

خۇ پىڭ ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتايدىكى ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىش قىلمىشىغا خاتىمە بېرىشتىكى ئەڭ ئاقىلانە تەدبىرنىڭ، خىتايدا ھەقىقىي ھالدىكى دېموكراتىك تۈزۈمنى يولغا قويۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

"ئالدى خىتايدىكى بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىق تۈزۈمىگە خاتىمە بېرىش كېرەك. دېموكراتىك قانۇن - تۈزۈم ئارقىلىق دۆلەتنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. مېنىڭچە ھازىرغا قەدەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىگە بولغان قارىشى تېخى يېتەرلىك ئەمەس، بەزىلەر "خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى خىتايدىكى ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇق چىرىكلىك قىلمىشلىرىنى توسۇپ قالالايدۇ." دەپ قارىماقتا. ئەمما مېنىڭچە ئەڭ ئالدى بىلەن خىتايدىكى ھازىرقى تۈزۈلمىگە خاتىمە بېرىپ، خىتايدا ھەقىقىي دېموكراتىك تۈزۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىلا ئاندىن خىتايدىكى ئەمەلدارلارنىڭ بۇ قەدەر ئېغىر دەرىجىدە چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇش مۇمكىن."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.