خۇ جىنتاۋ چىقارغان يەكۈننىڭ قايسى راست؟

جاۋ زىياڭنىڭ كاتىپى باۋ توڭنىڭ «خۇ جىنتاۋنىڭ، كوممۇنىست خىتاي 90 يىلدا ئۈچ چوڭ ئىش قىلدى» دېگەن سۆزىگە بەرگەن باھاسى ھېچقايسى مەتبۇاتىدا ئېلان قىلىنمىدى.

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى خۇ جىنتاۋنىڭ كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلىگەندە قىلغان خۇلاسە سۆزىنى خىتايدىكى ھەممە گېزىت-تېلېۋىزىيىلەردە يايغاندا، ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى كوممۇنىست خىتاينىڭ سابىق رەئىسى جاۋ زىياڭنىڭ كاتىپى باۋ توڭنىڭ خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ خۇلاسە سۆزىگە بەرگەن باھاسىنى ئېلان قىلدى.

‏باۋ توڭ ئەپەندى خۇ جىنتاۋنىڭ 1-ئىيۇل نۇتقىغا بەرگەن باھاسىدا مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ: خۇ جىنتاۋ كوممۇنىست پارتىيە 90 يىلدا ئۈچ چوڭ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى، بىرىنچىدىن يېڭى دېموكراتىزم ئىنقىلابى خۇجىنتاۋ-يەكۇننى ۋۇجۇدقا چىقاردى، ئىككىنچىدىن سوتسىيالىزمچە ئاساسىي تۈزۈمنى تىكلىدى، ئۈچىنچىدىن خىتايچە سوتسىيالىزمنى ئىجات قىلدى، دەيدۇ. بۇ ئۈچ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئالدىنقى ئىككىسى ھازىرقى رېئال جەمئىيەتتە پەقەت مەۋجۇت ئەمەس، كېيىنكىسى خەلققە خەيرلىك ئىش بولدىمۇ ياكى ئاپەت بولدىمۇ، بۇنىڭغا باھا بېرىش ئۈچۈن، ھازىرقى ئەمەلىي پاكىتلارغا نەزەر سالساق كۇپايە.

باۋ توڭ ئەپەندى 80‏-يىللاردا خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى جاۋ زىياڭنىڭ كاتىپى بولۇپ ئىشلىگەن. دېڭ شاۋپىڭ 89-يىلى جاۋ زىياڭنىڭ ھوقۇقىنى جاڭ زېمىنغا ئېلىپ بەرگەندىن كېيىن، باۋ توڭ ئەپەندى نازارەت ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ، ئەمما ئۇ ئىسلاھاتچىلىق نىشانىدىن يانماي، بولۇپمۇ خىتايدا چوڭ نەزەرىيە، سىياسەت ياكى نىشان ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەندە، ئۆزىنىڭ تېلېفون ئالاقىسى تېخى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلانمىغان شارائىتتىن پايدىلىنىپ، كۆڭلىدىكى ھەق-ناھەق تۇيغۇسىنى دۇنياغا سۆزلەپ كېلىۋاتىدۇ. يېقىندا، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى باۋ توڭ ئەپەندىنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلغاندا، ئۇ، خۇ جىنتاۋنىڭ كوممۇنىست پارتىيە 90 يىلدا ئۈچ چوڭ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى دېگەن يەكۈنىگە باھا بەردى.

باۋ توڭ ئەپەندى خۇ جىنتاۋنىڭ سۆزىگە بەرگەن باھانىڭ پاكىت ئاساسلىرىنى شەرھلەپ مۇنداق دەيدۇ: كوممۇنىست پارتىيە ئۈچ چوڭ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى دېگەننىڭ ھېچقانداق قانۇن ئاساسى يوق. كوممۇنىست پارتىيە خىتايدا بىر قېتىممۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق ئومۇم خەلق سايلىمى ئۆتكۈزۈپ باقمىدى. كېيىنكى 60 يىلدا خەلقنى ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن سايلام ھوقۇقى، پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى، تەشكىلات قۇرۇش ھوقۇقى، نامايىش ھوقۇقى دېگەن ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسىدىن تامامەن مەھرۇم قالدۇردى.

باۋ توڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايدا دېموكراتىك ئىنقىلاب ھېچقاچان ۋۇجۇدقا چىققان ئەمەس. دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ۋۇجۇدقا چىققان ياكى چىقمىغانلىقى دېھقانلارنىڭ تېرىيدىغان يەر ھوقۇقى بولغان ياكى بولمىغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. كوممۇنىست پارتىيە دەسلەپتە «كوممۇنىزم خىتابنامىسى» دىكى دېھقانلارنىڭ يەر ھوقۇقى توغرىسىدىكى شوئاردىن پايدىلىنىپ گومىنداڭنى مەغلۇپ قىلدى، شۇنىڭدىن كېيىنلا دېھقانلارنىڭ يەر ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ، پۈتۈن دېھقاننى تەلتۆكۈس ئىشسىزلارغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.

‏-‏خىتايدا ماركسىزمدا ئېيتىلغان سوتسىيالىزمنى بىلىدىغان كىملەرنىڭ بارلىقىنى مەن بىلمەيمەن، ئەمما مەن پەقەت ماۋ، جۇ، چېن، لىن، دېڭ دېگەن كىشىلەرنىڭ ئۆزىدىن باشقا ھېچكىمنى كۆزىگە ئىلمايدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىدىن باشقا ئادەمنىڭ سوتسىيالىزمنى چۈشەندۈرۈشىگە رۇخسەت قىلماي كەلگەنلىكىنى ئوبدان بىلىمەن، دەپ بايان قىلىدۇ، باۋ توڭ ئەپەندى خۇ جىنتاۋنىڭ كوممۇنىست پارتىيە خىتايدا سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تىكلىدى دېگەن يەكۈنىگە بەرگەن باھاسىدا‏،-خىتايدا سوتسىيالىزم تۈزۈمى تىكلەندى دېگەن سوتسىيالىزمنىڭ ماركسىزمدىكى سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشى يوق. ئۇ بىر ئۆسەك. توغرىسىنى ئېيتقاندا، شەكلى سوۋېت ئىتتىپاقى بولشېۋىكلىرى تارىخىنىڭ 10‏-ۋە 11‏-بابلىرىدا ئېيتىلغان شەكىلگە ئوخشىتىلغان شەكىل، ئەمما ئۇنىڭ مەزمۇنى پۈتۈنلەي خىتاينىڭ قەدىمى زامان رىۋايەتلىرىدىكى «بەش چارەك گۈرۈچچىلەر» نىڭ بىدئەت پەتىۋالىرىدىن ئىبارەت.

باۋ توڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايچە سوتسىيالىزم دېگەننى مەركىزى كومىتېتتىن باشقا ھېچقانداق ئادەمنىڭ چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى يوق بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ سوتسىيالىزم ئەمەس، بۇ تېخىمۇ ئىناق جەمئىيەت ئەمەس. بۇ پەقەت 89‏-يىلىدىن كېيىن چەتئەل مەبلەغلىرىدىن پايدىلىنىپ، خىتايدا بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقىنى كېڭەيتىدىغان، پۈتۈن خەلقنىڭ ئومۇم مەھسۇلات قىممىتىنى توپلاپ، قوراللىق كۈچلەرنى كېڭەيتىپ، ئولىمپىك مۇسابىقىسى، دۇنيا يەرمەنكىسى دېگەندەك ھەشەمەت-ئابرۇي قازىنىدىغان چوڭ ئىشلارنى قىلىدىغان، بۇ چوڭ ئىشلاردا ئىقتىسادىي ۋەيران بولغان خەلقنىڭ نارازىلىقىنى رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرىدىغان تۈزۈم بولۇپ كېلىۋاتىدۇ، خالاس.

باۋ توڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ تارىخ ۋە خەلق كوممۇنىست پارتىيىنى تاللىدى، دېگىنى تېخىمۇ ئوچۇق -ئاشكارا يالغانچىلىق. ئەمەلىيەتتە تارىخقا يەكۈن چىقىرىشنىڭ ئۆزىلا باش سېكرېتارنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە ئەمەس. قانۇن ئاساسى يوق.