ئەمما، خىتاي دۆلىتىدىكى مەسىلىلەر، ھۆكۈملەر ۋە ئىجرائاتلار، قانۇندىكى يۇقىرىقى ماددىلارنىڭ پەقەت قۇرۇق شوئاردىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى تەكرار-تەكرار ھالدا ئىسپاتلىماقتا. يېقىندا ئاقسۇدىكى ئاۋات ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسى مەلۇم بىر قاتىللىق ۋەقەسىدە ئۆلگەن بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ خۇن ھەققى ئۈچۈن 5000 يۈەن تۆلەم پۇلى بېرىش ھۆكۈمىنى چىقارغان. مانا بۇ يۇقىرىقىدەك تەڭسىزلىكلەرنىڭ پەقەتلا بىر مىسالىدۇر.
ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي تەڭسىزلىكنىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلام ۋە ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا كۆپ قېتىملىق تەكىتلەنگەن بىر مەسىلىدۇر. ئەمما، بۇ تەڭسىزلىكنىڭ، خىتاي سوت ھۆكۈملىرىدىكى خۇن ھەققى تۆلەم پۇلىدىمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكى كونكرېت تىلغا ئېلىنغان ئەمەس. يېقىندا رادىئومىزغا كەلگەن بىر ئىنكاستا مانا بۇنىڭغا ئالاقىدار بىر پاكىت ئوتتۇرىغا چىقتى.
5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ئۆلگەن خىتاي پۇقرالىرى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى 200 مىڭ يۈەندىن تۆلەم پۇلى بەرگەن ئىدى. ئۇنداقتا، خىتاي قانۇنىدا خۇن ھەققى قانداق بېكىتىلىدۇ؟ ئۇيغۇر ئېلىدە خۇن ھەققىدىمۇ مىللىي تەڭسىزلىك مەۋجۇتمۇ، بىز بۇ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، سابىق ئادۋوكات بەختىيار ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
نۆۋەتتە نورۋېگىيىدە ياشاۋاتقان بەختىيارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي قانۇنىدا خۇن ھەققى ئۆلگۈچى تەۋە بولغان شەھەر ياكى رايوننىڭ ئوتتۇرىچە كىشى بېشى كىرىمىگە قاراپ بېرىلىدۇ. گەرچە خىتاينىڭ قانۇنلىرىدا، مىللەتلەرنىڭ خۇن ھەققى پەرقلىق دەپ بېكىتىلمىگەن بولسىمۇ، ئىككى مىللەتنىڭ ئىقتىسادى ئورنى، ئىككى مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي سەۋىيىسى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تەبىئىي ھالدا، ئىككى مىللەتنىڭ خۇن ھەققىدىمۇ تەڭسىزلىك كېلىپ چىققان. بۇ تەڭسىزلىك يېقىندا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ئەرزدارنىڭ سوت مەيدانىدىكى شىكايەتلىرىدىمۇ ئاشكارىلانغان ئىدى.
5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ئۆلگەن خىتايلار بىلەن ئاقسۇدىكى بىر قاتىللىق ۋەقەسىدە ئۆلگەن ئۇيغۇر ياش ئۈچۈن بېرىلگەن خۇن ھەققىدە سېلىشتۇرغۇسىز دەرىجىدە پەرق كۆرۈلمەكتە. ئەلۋەتتە، ئىككى ۋەقەنىڭ خاراكتېر جەھەتتىن تامامەن پەرقلىق ئىكەنلىكى ئېنىق، ئەمما، نەتىجە نۇقتىسىدىن ھەر ئىككىسىدە ئوخشاشلا، ئىنسان ھاياتىدىن ئىبارەت قىممەتلىك بىر بارلىق مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتقان. مانا بۇ مىسالدىكى بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ خۇن ھەققى، بىر ئۇيغۇر پۇقراسىنىڭ خۇن ھەققىنىڭ 40 ھەسسىسىگە تەڭ كەلگەن.