خۇ پىڭ : خوتەن ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئاشكارىلىنىشى كېرەك

خۇ پىڭ ئەپەندى، خىتاينىڭ 18-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسىنى «تېررورلۇق ھۇجۇم ۋەقەسى» دەپ قارىلىشىنى ئاساسسىز دەپ ئەيىبلەپ، خەلقئارا مەتبۇئات ھەم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېنىقلاشقا چاقىردى.

0:00 / 0:00

بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى سىياسىي ئانالىزچى خۇ پىڭ ئەپەندى 25-ئىيۇل كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خىتايچە ئاڭلىتىشىدا ئېلان قىلغان ئوبزور ماقالىسىدە، خوتەندە يۈز بەرگەن ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ قانداقتۇر خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى دېگىنىدەك، « ئالدىن پىلانلانغان تېررورلۇق ھەرىكىتى » بولماستىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلەت ئاپپاراتىغا قارشى قوزغالغان قارشىلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خۇ پىڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ خوتەن ۋەقەسى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بىر قانچە نۇقتىدىن ئوتتۇرىغا قويدى.

18-ئىيۇل ۋەقەسى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى بىر قېتىملىق ھەققانىي كۈرىشى

خۇ پىڭ ئەپەندى خوتەن 18-ئىيۇل ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە توختالدى. خۇ پىڭ ئەپەندى بۇ ۋەقەدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ئاپپاراتلىرىدىن بىرى بولغان ساقچىخانىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ تىغ ئۇچى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان بىر قېتىملىق قارشىلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خۇ پىڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى:
‏-خىتاي دائىرىلىرى ئۆز مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ۋەقەنى ئالدىن پىلانلانغان تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ ئەيىبلىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى مەتبۇئاتلىرىدا ۋەقەنىڭ ئاۋام پۇقراغا قارىتىلغان تېررورلۇق ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتەلمىدى. چۈنكى بۇ ۋەقەدە ئۇيغۇرلار ئاۋام پۇقرالارغا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ دۆلەت ئاپپاراتى بولغان ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلغان. رايوندىن ئىگىلىگەن ئىنكاسلارمۇ بۇ ۋەقەنىڭ، خوتەن يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ رايوندا يۈرگۈزگەن تۈرلۈك باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە نىسبەتەن خەلق ئارىسىدىكى نارازىلىقنىڭ كۈچەيگەنلىكى نەتىجىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىدىن نارازى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق قارشىلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.

18-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا دۆلەت تېررورلۇقى يۈرگۈزگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى

خۇ پىڭ ئەپەندى 18-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسىدە خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ 14 ئۇيغۇرنى ئېتىپ تاشلىشىنى خىتاينىڭ دۆلەت تېررورلۇقىنىڭ ئىسپاتى دەپ كۆرسەتتى.

خۇ پىڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى:
‏-خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋەقەدە ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلغان ئۇيغۇرلارنى « پىچاق، قىڭغىراقلار بىلەن ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، 6 ئادەمنى گۆرۈگە ئېلىپ تېررورلۇق ۋەقەسى تۇغدۇردى» دەپ ئەيىبلىدى. ئەمما ۋەقە باشلىنىپ، 90 مىنۇت ئىچىدىلا تولۇق قوراللانغان ساقچىلار، قوللىرىدا قىڭغىراق ھەم پىچاقتىن باشقا قارشىلىق كۆرسىتىش قورالى بولمىغان ئۇيغۇرلاردىن 14 كىشىنى ئاپتومات بىلەن قىرىپ تاشلاپ، قالغان4 كىشىنى قولغا ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ھوش كاللىسى جايىدا بولغان ھەر قانداق بىر كىشى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتى ئېلان قىلغان بۇ خەۋەرنى ئوقۇغىنىدا، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت تېررورلۇقىنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ.

خەلقئارا تەشكىلاتلار ھەم غەرب دۆلەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىشى كېرەك

خۇ پىڭ ئەپەندى، 18-ئىيۇل خوتەن ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىدىكى ھەقىقىي سەۋەبنى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى خوتەن ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشقا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى:
‏-نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى 18-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق ئېنىقلىما بەرمىدى. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يەنە ۋەقەدە قوراللىق ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلاشنىمۇ رەت قىلىپ كەلمەكتە. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەم غەرب دۆلەتلىرى چوقۇم خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىپ، بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.

قەيەردە زۇلۇم بولسا، شۇ يەردە قارشىلىق بولىدۇ

خۇ پىڭ ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دېدى:
-بىزنى شۇ نەرسە ئويلاندۇرۇشى كېرەككى، ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلغان ئۇيغۇرلار بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق، يەنە نېمە ئۈچۈن پىچاق، قىڭغىراق قاتارلىق ئەڭ ئىپتىدائىي قوراللار ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئاپپاراتىنى قوغداش ئورۇنلىرىدىن بىرى بولغان ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىدۇ؟ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مانا بۇ نۇقتىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىدە، خىتاي مىللىتىگە قاراتقان دېموكراتىيىنى بوغۇش سىياسىتىدىن باشقا يەنە تېخىمۇ ئېغىر بولغان مۇستەملىكە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلىشى كېرەك.

ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، بۇ كوممۇنىست ھۆكۈمەت ئەگەر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ئاشكارىلىنىپ كەتسە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جايدا يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەملىكىلىك باستۇرۇش سىياسىتى ھەم خەلقنىڭ نارازىلىقىنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە.

18-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا بايان قىلىۋاتقان « شىنجاڭدا خەلق ھۆكۈمەتتىن رازى، ھەر مىللەت ئىتتىپاق، ۋەزىيەت مۇقىم» دېگەنلىرىنىڭ يالغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.