تۈرك ئارمىيىسى دەرھال قايتۇرما زەربە بەردى. يېزىدا ئىككى ھەپتىدىن بېرى مەكتەپلەر قويۇۋېتىلدى.
بۇ توقۇنۇشتىن كېيىن، تۈركىيە ئارمىيىسى باش قوماندانلىق شتابىنىڭ گېنېرالى نەجدەت ئۆزەلنىڭ تۈركىيە-سۈرىيە چېگرىسىدىكى ھەربىي رايونلارغا قىلغان زىيارىتى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە 8-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بۈلەنت ئارنچ ئەپەندىنىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، «بىزنىڭ بۇ قارارنامىنى بىكاردىن بىكار چىقارغىنىمىز يوق»، دېيىشىمۇ مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدا تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش چىقىش ئېھتىماللىقىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ئاساس بولدى.
ب د ت باش سېكرېتارى باڭكىمون بۇ ۋەزىيەتكە قارىتا، سىتىرازبۇرگتا ئۆتكۈزۈلگەن دېموكراتىيە مۇنبىرى ناملىق يىغىندا قىلغان سۆزىدە تۈركىيە سۈرىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدە توختىلىپ، سۈرىيە ۋەزىيىتىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقىنى، ئىككى دۆلەت چېگرىسىدىكى ئۇرۇش كېڭەيسە، نەتىجىسىنىڭ ۋەھىمىلىك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۇ كۆز قاراشلارغا قارىشى، سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىدىن تەركىب تاپقان، سۈرىيە ئالىي ئىتتىپاقى ئەزاسى مەھمۇت ئوسمان ئەپەندى، تۈركىيىنىڭ 24-قانال تېلېۋىزىيىسىگە بەرگەن باياناتىدا ئەساد ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇش ئالدىدا ئىكەنلىكىنى،ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ سۈرىيىنىڭ زور قىسىم تېررىتورىيىسىگە ھاكىم بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىلگە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئاتىللا ساندىقلى ئەپەندى ئەساد ئارمىيىسى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسى ئارىسىدىكى كۈچ سېلىشتۇرمىسى ھەققىدە مۇنداق دېدى:
«ئەساد ئارمىيىسى سۈرىيە دۆلىتىنىڭ پۈتۈن ھەربىي ئىمكانلىرىغا ئىگە. ھاۋا ئارمىيىسى، قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ ھەرخىل قورال-ياراقلىرىغا ئىگە. ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسى بولسا يۇقىرى كەيپىياتقا ئىگە. روھىي ئۈستۈنلۈك غەلىبە قىلىشتىكى ناھايىتى مۇھىم بىر ئامىل. سۈرىيە ئارمىيىسى ۋە سۈرىيە رەھبەرلىرىدىن نۇرغۇن كىشىلەر چەتئەلگە قاچتى ياكى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسىگە بېقىندى. بۇ ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسى ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. يەنە بىرى، چەتئەللەرنىڭ ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسىگە قىلغان ياردىمى. ئەساد ئارمىيىسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرالمىغان بولسىمۇ باشقا جەھەتلەردە ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسى غەلىبە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئا ق ش ۋە باشقا پۈتۈن دېموكراتىك دۆلەتلەر سۈرىيىدىكى خەلق ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللاۋاتىدۇ. تۈركىيىمۇ ئەساد ھۆكۈمىتىگە قارىشى بايرىقى روشەن ھالدا ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسىنى قوللاپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ھازىر تۈركىيىگە پاناھلىق تىلىگەن سۈرىيىلىكلەرنىڭ سانى يۈز مىڭغا يەتتى. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيە ئەساد ھۆكۈمىتىنى قورقۇتۇش ئۈچۈن پەيتى كەلسە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن دۆلەت پارلامېنتىدا ئۇرۇش ئېچىش ھوقۇقى قارارنامىسىنى ماقۇللىدى.»
سۈرىيە ئالىي ئىتتىپاقى ئەزاسى مەھمۇد ئوسمان ئەپەندى سۈرىيىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تېررىتورىيىلىرىنىڭ ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«ئەمەلىيەتتە سۈرىيە بىلەن تۈركىيە چېگرىسىدا تىنچلىق رايونى بەرپا بولدى. تۈركىيە سۈرىيە چېگرىسىدىن خالەپ شەھىرىگىچە بولغان يۈز كىلومېتىر ئارىلىق ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ قولىدا. ب د ت ئەگەر بۇ رايوندا ھەربىي ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشىنى چەكلەيدىغانلا بولسۇن سۈرىيە خەلقىمۇ راھەتكە ئېرىشىدۇ، تۈركىيىگە كۆچۈشمۇ ئاخىرلىشىدۇ. ھەتتا، تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە پاناھلىنىۋاتقان سۈرىيىلىكلەر ئۆز ۋەتىنىگە قايتالايدۇ. سۈرىيە خەلقىنى ئەڭ قورقۇتۇۋاتقان تەرەپمۇ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچراش بولۇپ قالدى. ھەربىي راكېتالار گازارمىلارنى ئەمەس بىگۇناھ خەلقنى توپقا تۇتۇۋاتىدۇ. زىيانغا ئۇچراۋاتقىنى يەنىلا خەلق بولۇۋاتىدۇ. قىسقىسى، قۇرۇقلۇقتا تىنچلىق رايونى بار بولغان بىلەن ھاۋادا يوق. خالەپ، راككا، بېرىزۇ قاتارلىق جايلار ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرماقتا. بەزى ھەربىي رايونلار ۋە ئايرودوروملار تېخىچە ئەساد ئارمىيىسىنىڭ چاڭگىلىدا. ئەساد نۇرغۇن بىگۇناھ خەلقنىڭ بېشىغا چىقتى. ھازىرغىچە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئاشتى. ئۇ خەلقئارا قانۇنغا نىسبەتەن ئۇرۇش جىنايەتچىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئاغدۇرۇلسا لاخېدىكى خەلقئارالىق سوتقا چاقىرىلىدۇ. ئەساد ئارمىيىسى نۇقتىلىق ھالدا دوختۇرخانا، ناۋايخانا، ئاشخانىلارنى بومباردىمان قىلماقتا.»
سۈرىيىدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان سۈرىيە ئالىي ئىتتىپاقى ئەزاسى مەھمۇد ئوسمان ئەپەندى، ئەساد ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيە خەلقىنىڭ 20% گە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى ئەمدىكى قۇرۇلىدىغان سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا سۈرىيىدىكى پۈتۈن خەلققە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى:
«سۈرىيە ئالىي ئىتتىپاقىدا سۈرىيە ئىچىدىن ۋەكىلى بولمىغان ھېچقانداق بىر مىللەت، دىنىي مەزھەپ يوق. ئون ئىككى كىشىلىك ئىجرائىيە ھەيئىتىمىز بار. بۈگۈن سۈرىيىدە داۋام قىلىۋاتقان ئۇرۇش ئىككىنچى قېتىملىق مىللىي ئازادلىق ئۇرۇش. بۇ ھەرگىزمۇ دىنىي مەزھەپلەرنىڭ توقۇنۇشى ئەمەس بەلكى ئەساد ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلق ئازادلىق ئۇرۇشى. سۈرىيە نوپۇسىنىڭ %80 بولسا سۇنى مەزھەپتە. ئەمما سۈرىيە ئالىي ئىتتىپاقىدا ھەر دىن، ھەر مەزھەپ، ھەر مىللەتتىن ۋەكىل مەۋجۇت.»
مەھمۇد ئوسمان ئەپەندى، تۈرك مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسىنى يوقىتىش كۈچىگە ئىگە بولالمايۋاتقان، ئۆز ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قېلىشقىمۇ كۈچى يەتمەيۋاتقان ئەساد ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئۇرۇشۇش قۇدرىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.