خىتاي ياسىمەن ئىنقىلابىنى باستۇرالامدۇ؟

خىتايدا «ياسىمەن گۈلى» دېگەن نام بىلەن ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلارنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر «دۆلەتنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى» دېگەن نام بىلەن ئەيىبلەۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا شەرق دېموكراتىك ھەرىكىتىگە (ياسىمەن گۈلى ئىنقىلابى دەپ ئاتالغان ھەرىكەتلەرگە) دائىر ئۇچۇرلارنى تارقاتقان ياكى «ياسىمەن» دېگەن نام ئاستىدا كىشىلەرنى توپلىنىشقا چاقىرغان كىشىلەرنى، «ياسىمەن» دېگەن نامدا يۈز بەرگەن توپلىنىش، نامايىشلارنى ۋە باشقا مۇقىمسىز ھادىسىلەرنى «دۆلەتنى ئاغدۇرۇش» جىنايىتى دەپ جاكارلاپ، بۇنداق پائالىيەتكە قاتناشقان كىشىلەرنى تۇتۇش، جازالاشقا باشلىدى.

خوڭكوڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا «ياسىمەن نامايىشى» پەيدا بولۇشقا باشلىغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلق ئىچىدە تونۇلغان كىشىلەرنى، بولۇپمۇ قانۇنلۇق دەۋا قىلالايدىغان ئادۋوكاتلارنى «خەلقنى دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرغۇچىلار» دەپ يوشۇرۇن تۇتقۇن قىلىش ۋە جازالاشقا باشلىدى.

ئەنگلىيىدە چىقىدىغان مۇھاپىزەتچى گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 20‏- فېۋرال كۈنى «ياسىمەن نامايىشى» ھەققىدە ئىنتېرنېتتا تەشەببۇس ئېلان قىلغان 6 كىشىنى قولغا ئالدى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر «سەيلە قىلىش»، «كېلىپ قاراپ تۇرۇش»، «زوراۋانلىق ھەرىكەت قوللانماسلىق»، «ھەمكارلاشماسلىق»، « ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادىلەش » دېگەن تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشىلەرنى جىددىي ئىزدەپ سۈرۈشتە قىلىۋاتىدۇ.

«ۋولت سترېت گېزىتى» نىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان، خەلق ئىنتېرنېت ئارقىلىق «ياسىمەن ئىنقىلابى» دېگەن گەپنى قىلىشقا باشلىغان ئىدى، بۇنىڭدىن خىتاي ھۆكۈمىتى رەسمىي تەمتىرىدى. شۇنىڭ بىلەن چارشەنبە كۈنى ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق چىقاردى. ھازىر خىتايدا ئىنتېرنېت ئارقىلىق تىجارەت قىلىدىغان خەلقئارالىق تور بەتلىرىمۇ ئۇشتۇمتۇت توسۇلۇپ قالىدىغان ھادىسىلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان يامان ئاقىۋەتنى مۆلچەرلىيەلمەيۋاتىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتتا «مىسىر»، «ياسىمەن» دېگەن سۆزلەرنى چىقماس قىلىۋەتكەندىن كېيىن، خەلق بۇ سۆزلەرنىڭ ئورنىدا «ئىككى چوڭ يىغىن» دېگەن سۆزنى قوللىنىشقا باشلىدى. ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتى «ئىككى چوڭ يىغىن» نى يوق قىلىۋىتەلەمدۇ؟

بۇ ماقالىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ياسىمەن گۈلى» ئالدىدا قاتتىق تەمتىرەۋاتقانلىقى مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ: خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر «ياسىمەن ئىنقىلابى» دېگەن ھەرىكەتلەرنى توسمىسا، بۇ ھەرىكەت خەلق ئىچىدە بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ، ئاخىر خىتايدىكى كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرىدىغان چوڭ قوزغىلاڭغا ئايلىنىدۇ. ئەگەر ھازىر «ياسىمەن گۈلى» دەۋاتقان ياكى شۇ نامدا توپلانغان كىشىلەرنى باستۇرسا، بۇنىڭدىن راستىنىلا ياسىمەن ئىنقىلابى قوزغىلىدىغان ئاقىۋەت چىقىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كارولىنا شتاتىدا تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى جۇ شۆيۇەن بۈگۈن، كازافى بىلەن دېڭ شاۋپىڭنى سېلىشتۇرۇپ ئوبزور ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، لىۋىيىدە 41 يىل ھاكىممۇتلەقلىق قىلغان كازافى خەلقنىڭ دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەي، ئۆزىنىڭ كوماندىسى ئاستىدىكى ئۆلكىلەر، شەھەرلەر بىر-بىرلەپ كونتروللۇقىدىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىغا، ئۆزىنىڭ ئەڭ سادىق كىشىلىرى يۈز ئۆرۈپ كېتىۋاتقانلىقىغا بولغان غەزىپىنى باسالماي، تۈنۈگۈن ئىككى قېتىم تېلېۋىزىيە نۇتقى ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ھازىر داۋاملىشىۋاتقان «ياسىمەن ئىنقىلابى» نى باستۇرۇشقا كىرىشتى.

مۇستەقىل تەتقىقاتچى جۇ شۆيۇەننىڭ بايان قىلىشىچە، لىۋىيىدىكى مۇستەبىت كازافى ھازىر غالجىرلاشتى. ئۇ تۈنۈگۈنكى تېلېۋىزىيە نۇتقىدا «خىتاي ۋە رۇسىيە دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ ھاياتىدىن چوڭ بىلىپ ئۈلگە تىكلىگەن ئىدى»، «مېنىڭ لىۋىيىدە ھېچقانداق مەنسىپىم يوق، مەن دېگەن ئىنقىلابىي داھىي، تەختتىن چۈشمەيدىغان، بەلكى توپىلاڭچىلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ ئىنقىلابى قۇربان بولىدىغان ئادەم» دېدى.

مۇستەقىل تەتقىقاتچى جۇ شۆيۇەننىڭ ئېيتىشىچە، دېڭ شاۋپىڭ بىلەن كازافى زامانىمىزدىكى ئىككى چوڭ قاتىل. لىۋىيىدىكى قاتىل كازافى ھازىر 1989‏- يىلىدىكى قاتىل دېڭ شاۋپىڭنى دورىدى. ئۇ ئوبزورىدا دېڭ شاۋپىڭنىڭ خىتايدىكى ئىز باسارى خۇ جىنتاۋ ھازىر دېڭ شاۋپىڭدەك ئازادلىق ئارمىيىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ خەلققە قىرغىنچىلىق قىلالامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە توختالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، گەرچە بۇنىڭدىن يۈز يىل بۇرۇنقى شىڭخەي ئىنقىلابىدا، چىڭ سۇلالىسى بىلەن جەنۇبتىكى ئىنقىلابىي قىسىملار مۇرەسسە قىلىپ، دۆلەتنى ئۇرۇش ئوتىدىن ساقلاپ قالالىغان بولسىمۇ، ئەمما دېڭ شاۋپىڭ شۇنچىلىكمۇ بولالمىدى. گەرچە ئۇ ھەربىي قىسىملارغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، خەلقنى قانلىق باستۇرماقچى بولغاندا، 38‏- كورپۇس باشلىقى شۈ چىڭشىن قەتئىي قارشى تۇرغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، سەككىز نەپەر ئازادلىق ئارمىيە قوماندانلىرى قارشى تۇرغان بولسىمۇ، دېڭ شاۋپىڭ يەنىلا خەلقنى قانلىق باستۇردى. ئۇ، گەرچە ئۆزىدىن ئەندىشە قىلىپ، تەختتىن چۈشۈپ يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن بولسىمۇ، ئاخىر يەنىلا ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى گۇمرانلىقتىن قۇتۇلالمىدى. ھازىر، ئەگەر شۇ قاتىل دېڭ شاۋپىڭ بەلگىلەپ قويغان خۇ جىنتاۋ ياسىمەن ئىنقىلابىدا ئارمىيىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ خەلقنى باستۇرماقچى بولسا، ئارمىيە ئۇنى خۇددى چىئوسېسكونى بىر تەرەپ قىلغاندەك بىر تەرەپ قىلمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ.