ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى بۈگۈن يېڭى دېھلىدىن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئاسىيادا يېمەك باھاسى ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10% دىن ئۆرلەۋاتىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، ئەگەر بۇ يىل يەنە مۇشۇ نېسبەتتە ئۆرلىسە، ھىندىستاندا 30 مىليون ئادەمنىڭ، ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەردە 64 مىليون ئادەمنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى، ھەر كۈنلۈك سەرپىيات ئىقتىدارى 1.25 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشمايدىغان ئىنتايىن نامرات ئادەملەر سىزىقىغا چۈشۈپ قالىدۇ. پۈتۈن ئاسىيادا ئىقتىسادىي تەەرققىياتمۇ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1.5% تۆۋەنلەيدۇ.
ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى بۈگۈن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا، يېمەك باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى بىلەن ھىندىستاندا پەيدا بولغۇسى ئاقىۋەتلەر تېخىمۇ تەپسىلىي ھېسابلاپ چىقىلغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئەگەر بۇ يىل ھىندىستاندا يېمەك باھاسى يەنىلا 10% ئۆرلىسە، سەھرالاردا 23 مىليون ئادەم، شەھەرلەردە 6 مىليون 680 مىڭ ئادەم ئىنتايىن نامرات ئادەملەرگە ئايلىنىدۇ؛ ئەگەر يېمەك باھاسى 20% ئۆرلىسە، سەھرالاردا 45 مىليون 640 مىڭ ئادەم ۋە شەھەرلەردە 13 مىليون 360 مىڭ ئادەم ئېچىنىشلىق كۈنگە قالىدۇ.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ بۈگۈنكى مەلۇماتلىرىدا، ئاسىيادا يېمەك باھاسى ئۆرلەپ كېتىشىنى ئاساسەن ئوتتۇرا شەرقتىكى سىياسىي كرىزىسىتا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز باھاسى ئۆرلەپ كەتكەنلىكى كەلتۈرۈپ چىقاردى؛ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پاخاللاشقانلىقى باھانە بولدى (ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز باھاسى يەنە داۋاملىق ئۆرلىشى مۇمكىن). مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاسىيادا يېمەك باھاسى ئۆرلەپ كېتىپ، نامراتلىق سىزىقىغا چۈشۈپ قالغان 64 مىليون ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى، ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئوقۇش راسخوتىنى تۆلەپ كېتەلىشى قېيىن بولدى.
ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاشلىق ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەۋاتقان دۆلەت چەكلىمىنى بىكار قىلىشى، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئاشلىقتىن يېقىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشقا مەجبۇر بولغان دۆلەتلەر بۇنداق ئۆسۈملۈك يېقىلغۇ پىلانىنى قىسقارتىشى، بەلكى ھەممىسى دېھقانچىلىققا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشى كېرەك.
ئەنگلىيىدە چىقىدىغان «مالىيە ۋاقىت گېزىتى» بۈگۈن «يېمەك باھاسى مۇشۇنداق ئۆرلەپ كېتىۋەرسە، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى قارا باسامدۇ؟» دەپ ماۋزۇ قويۇپ بىر ئوبزور ئېلان قىلدى. «يەر شارى سىياسىتى» تور گېزىتىمۇ «يەر شارىنىڭ يېمەك مەسىلىسىدىكى سىياسىي جۇغراپىيىسىگە نەزەر» ناملىق ئوبزور ئېلان قىلدى.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گەرچە دۆلەت ئىچىدە يېمەك باھاسى ئۆرلەپ كېتىپ پەيدا بولۇۋاتقان سىياسىي مەسىلىلەرنى ھەدەپ يۇشۇرۇۋاتسىمۇ، ئەمما بۈگۈن خەلقئارادا تۆھمەتخور قىياپەت بىلەن مەيدانغا چىقىپ، بىر ماقالىسىدە، ئامېرىكىنىڭ چىكاگودىكى ئاشلىق بازىرىدا قوناق، بۇغداي، پۇرچاق باھاسى 2008-يىلىدىكىدىن 78% ئۆرلىدى، بۇ، دۇنيادا يەنە بىر ئاشلىق كرىزىسى پەيدا قىلامدۇ دەپ سوئال قويۇپ ئادەمدىن ئاغرىنسا، يەنە بىر ماقالىسىدە، گۇاڭدۇڭدا 2 مىليون 400 مىڭ مو زىرائەت قورغاقچىلىققا ئۇچرىدى، 60 مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدىغان سۈيىگە تەسىر يەتتى دەپ تەبىئەتتىن ئاغرىندى.
يەنە بىر ماقالىسىدە، خەلقئارادا ئاشلىق باھاسى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ھېسابلانغاچقا، ئامېرىكا دوللىرى پاخاللاشقانسىرى، دۇنيادا يېمەك باھاسى قالايمىقانلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، دېيىش ئارقىلىق، ئەمەلىيەتتە خىتاي ئۆزى ئەركىن بازار ئىگىلىكى قانۇنىيەتلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، خىتاي پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتىنى يوشۇرۇن كونترول قىلىۋېلىپ، خەلقئارادىكى پۇل ئوبوروتىدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلغان ماھىيەتلىك مەسىلىنىڭ جاۋابكارلىقىدىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولدى.