«يەرلىك قارشىلىقمۇ ياكى پاكىستاننى بازا قىلغان كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىمۇ؟» دېگەن مەسىلە تالاش-تارتىشتا

قەشقەر «يېڭى بازار ۋەقەسى» قاتارلىق ھۇجۇملار يەرلىك قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىمۇ، ياكى پاكىستاننى بازا قىلغان كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىمۇ؟ دېگەن مەسىلە تالاش-تارتىش قوزغىدى.

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەشقەردە يۈز بەرگەن 30 ۋە 31-ئىيۇلدىكى ئىككى قېتىملىق ھۇجۇمنى چېگرا سىرتىدىكى كۈچلەرگە باغلاپ، ۋەقە پەيدا قىلغان گۇرۇھنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىر كىشىنىڭ پاكىستاندا تەربىيە ئالغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ش ت ئى ھەرىكىتى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئېلان قىلىشى، ئانالىزچى ۋە خەلقئارا تېررورىزم مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئارىسىدا پىكىر ئىختىلاپى قوزغىدى. پىكىر ئىختىلاپىنىڭ مەركىزى تېمىسى بولسا قەشقەردىكى ۋەقە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدىن تويغان يەرلىك كۈچلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىمۇ، ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغاندەك پاكىستاننى بازا قىلغان ئاتالمىش «تېررورچى» كۈچلەر پىلانلىغان ھۇجۇممۇ، دېگەن مەسىلىدۇر.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ مەسىلە ھەققىدىكى خەۋەر ئانالىزىدا، خىتاينىڭ ۋەقە پاكىستاننى بازا قىلغان تېررورچى كۈچلەرنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكىتى، دېگەن قارىشىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. رويتېرسنىڭ مەزكۇر خەۋەر ئانالىزىدا نۇرغۇن ئانالىزچى ۋە تېررورىزم مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاي يىراق غەربىدىكى مەزكۇر مىللىي رايوندا دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ خەۋپ، ئۇلار ئېيتقاندەك پاكىستاننى بازا قىلغان «تېررورچى» كۈچلەردىن ئەمەس، بەلكى يەرلىكنىڭ غەزەپ نەپرىتى تېشىپ، بۇنىڭ زوراۋانلىققا ئايلىنىشىدىن كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىدا قەشقەردىكى ۋەقەگە باھا بەرگەن بەزى ئانالىزچى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبى رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە خىتايلار ئارىسىدا ئېتنىك بۆلۈنۈشنىڭ چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىدۇر. ئۇلار خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان بۇ خىل ئېتنىك بۆلۈنۈش ۋە نارازىلىقنىڭ خىتاي پۇقرالىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى نىشان قىلغان ئىپتىدائىي شەكىلدىكى تۇيۇقسىز ھۇجۇملارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مىللىي مەسىلىلەر تەتقىقاتچىسى پروفېسسورى ياڭ شۇ بۇ قاراشتىكى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ بىرى. ئۇ، رويتېرس ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلغان مەزكۇر مەسىلە ھەققىدىكى ئانالىزىدا خوتەن ۋە قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ چەتئەل بىلەن ئالاقىسى بار تەشكىللىك ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى رەت قىلىدۇ. ياڭ شۇ، «بۇ ۋەقە تەشكىلى ئاساسى بولمىغان، ھۆكۈمەت ۋە خەنزۇلارغا قارشى ئوخشاش پىكىردىكى بىر گۇرۇپپا كىشىلەر پەيدا قىلغان ۋەقە» بولۇپ، «ۋەقەگە قاتناشقانلار چەتئەلدىكىلەر بىلەن ئالاقىسى بولمىغان يەرلىك كىشىلەر» دەپ كۆرسەتكەن.

كانبېررادىكى ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، 3 يىل ئۇيغۇر ئېلىدە ياشىغان ۋە ھازىر مەخسۇس ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تام كلىفف، يالغۇز ئىقتىسادى تەرەققىيات ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولالمايدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنى خىتايلارنىڭ يۇرتىغا بېسىپ كېلىشى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇ «ئۇيغۇرلار ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان نەرسىلەردىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتا. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئالدانغان ھېسابلايدۇ. چۈنكى ھۆكۈمەت بىلەن سۆزلىشىشكە ھېچقانداق يول يوق» دېگەن.

خىتاينىڭ مۇئاۋىن ج خ مىنىستىرى مىڭ خوڭۋېي بۇ يىل 5-ئايدا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ «شىنجاڭ» قايتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەردە 31- ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن 2-قېتىملىق ھۇجۇمغا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى سەركەردىلىرىدىن بىر كىشىنىڭ يېتەكچىلىك قىلغانلىقى ۋە بۇ كىشىنىڭ پاكىستاندا تەربىيە ئالغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. بىراق دائىرىلەر بۇ كىشىنىڭ ئىسمى، ئۇنىڭ قايسى ۋاقىت، قەيەردە، قانداق تەربىيە ئالغانلىقى ۋە قەشقەرگە قانداق كەلگەنلىكىگە دائىر تەپسىلىي دېتاللارنى ئېلان قىلىپ باقمىغان ئىدى.

ئانالىزچى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان مەزكۇر ۋەقەدىكى 2-نۇقتا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ قەشقەرگە ئادەم كىرگۈزۈپ، بۇنداق بىر ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىنىڭ بار-يوقلۇقىدۇر.

بېلگىيە پايتەختى بېريۇسېلدىكى تەتقىقات ئورنى-گېرمان مارشال فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى Andrew Small شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ بۇنداق ئىقتىدار بارلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغان ياۋروپا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرى. ئۇ، رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى سۆزىدە ئەسكەرتىپ، «مەن خىتاي ۋە پاكىستاندىن كەلگەن كىشىلەر بىلەن ئېلىپ بارغان بارلىق سۆھبەتلىرىمدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن جىددىي گۇمانلىنىدىغانلىقىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدىم» دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى ھەقىقىي تەھدىت، دەپ قارايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقى ۋە خىتاينىڭ دائىم بۇ خىل ھادىسىلەردە چەتئەل ئېلېمېنتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىققەتنى ئۆزىدىكى ئىچكى مەسىلىلەردىن باشقا تەرەپكە بۇرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەر ئانالىزىدا يەنە، ناھايىتى ئاز ساندىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ش ت ئى ھ ئۇيغۇر ئېلىدە پائالىيەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، رەخىمۇللا يۈسۈپزاينىڭ بۇ قاراشتىكى پاكىستانلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. يۈسۈپزاي، رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن مۇلاھىزىدە خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىلگىرى ئۆزىگە پاكىستاندىكى قەبىلىلەر رايونىدا 30 ‏دىن 80 گە قەدەر ئۇيغۇر بار، دېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى خوتەن ۋە قەشقەردە يۈز بەرگەن يېقىنقى ۋەقەلەرنى «دىنىي ئەسەبىيلىك» ۋە «تېررورلۇققا» باغلىغان بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەرنى بۇ خىل «ئەسەبىيلىك» ۋە «تېررورلۇق» ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىشقا مەجبۇر قىلغان ئىجتىمائىي سەۋەب ۋە ئامىللارنى چۈشەندۈرمىگەن.

مۇتەخەسسىسلەر رايوندىكى بۇ خىل نارازىلىق ۋە زوراۋانلىقنىڭ ئاسان قۇرمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل كەمسىتىشكە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى، ئۇلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان مەدەنىي ۋە دىنىي پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ قەشقەر ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەر ئانالىزىدا لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ياڭ شۇنىڭ مۇنداق سۆزلىرىگە ئورۇن بەرگەن: «ئىقتىسادى تەرەققىيات توقۇنۇشلارنى مەلۇم دەرىجىدە پەسەيتىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ياخشىلىشى مۇمكىن. بىراق بۇ ئېتنىك مۇقىملىق ۋە توقۇنۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسى مەسىلىنى تامامەن ھەل قىلالمايدۇ.»

لېكىن رويتېرس ئاگېنتلىقى يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ، «مەيلى ئىقتىسادى پۇرسەت، مەيلى كەڭ دائىرىلىك سىياسىي ھوقۇق ۋە ياكى ئۆز- ئۆزىنى ئىدارە قىلىش بولسۇن، مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى خىتاينىڭ ئۆزى تېپىشى كېرەك» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.