ئوباما ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان 2012-يىللىق خامچوت توغرىسىدا ئامېرىكىدىكى دېموكراتلار بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ پارتىيە پىكىردە بىرلىككە كېلەلمەي، ئۆتكەن ئايدىن باشلاپلا جىددىي تالاش-تارتىش باشلانغان ئىدى. بۇ مۇنازىرە ھازىر بىرلىككە كەلمىسە بولمايدىغان ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتقا يېقىنلىشىپ قالدى.
«ۋالت سترت» گېزىتىنىڭ بۈگۈن بايان قىلىشىچە، ئەگەر ئامېرىكىدىكى ئىككى چوڭ پارتىيە يەنىلا دۆلەتنىڭ خامچوتى مەسىلىسىدە، 4-ئاينىڭ 8-كۈنى يېرىم كېچىگىچە مۇرەسسەگە كېلەلمىسە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تاقىلىپ كېتىشى مۇمكىن. ھازىر ئاق سارايمۇ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ تاقىلىپ كېتىشىدىن خالى بولىدىغان بىر يولنى ئىزدەۋاتىدۇ. ئەگەر ھۆكۈمەت تاقىلىپ كەتسە، نۇرغۇن تارماقلارنىڭ، بولۇپمۇ مالىيە تارماقلىرىنىڭ كۈندىلىك ئىش بېجىرىشىگە ناھايىتى چوڭ تەسىر يېتىدۇ، بۇ، ئامېرىكا ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئاقسىتىپ قويىدۇ.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما تۈنۈگۈن ئاق سارايدا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى جوھن بوھنېر بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ئاق ساراينىڭ ئۇچۇر مۇنبىرىگە چىقىپ، «خامچوت مەسىلىسىدە ھازىر ئىككى چوڭ پارتىيىنىڭ مۇرەسسەگە كېلىشى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن يېقىنلاشتى» دەپ سۆزلەۋاتقاندا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى جوھن بوھنېر مىكروفوننى قولىغا ئېلىپ، «خامچوت مەسىلىسىدە ئىككى تەرەپ بۈگۈن يەنىلا مۇرەسسەگە كېلەلمىدى، ئىككى چوڭ پارتىيىنىڭ لايىھىلىرىدە پەرق ناھايىتى چوڭ، خامچوت مەسىلىسىدە دېموكراتلار چوقۇم كۆپ يول قويۇشى كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا، ئامېرىكىدا ئەڭ مۇتەئەسسىپ كۆز قاراشتىكى چاي پارتىيىسىنىڭ قىزىل رەقەمنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش، ھۆكۈمەتنى كىچىكلىتىش، باج نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش دېگەن تەلەپلىرى دەرھال ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كېتىدۇ»، دېگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خامچوت كومىتېتى باشلىقى پاۋل راين تۈنۈگۈنكى تېلېۋىزىيە نۇتقىدا، «ئامېرىكا كېلەر 10 يىل ئىچىدە قىزىل رەقەمدىن ئاز دېگەندە 6 تىرىليون 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىنى قىسقارتىشى كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ قىزىل رەقەمنى تۈگەتمەي تۇرۇپ يەنە داۋاملىق پۇل قەرز ئېلىپ چىقىم قىلىشىنى خەلق قوبۇل قىلمايدۇ» دېگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گىئوف موررېل تۈنۈگۈنكى باياناتىدا، «ئەگەر ھۆكۈمەت تاقىلىپ كەتسە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى مەنپەئەتلىرىنى ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا، ئامېرىكا دۇچ كەلگەن ھەر قانداق ئۇرۇشقا تاقابىل تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىۋېرىدۇ» دەپ جاكارلىغان.
ئۇچۇر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ 1870-يىللاردا ماقۇللانغان ۋە ھازىرغىچە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئاساسىي قانۇنىنىڭ 1-ماددا 9-تارمىقىدا: «قانۇندا بېكىتىلگەن بويىچە پۇل بۇيرۇپ بەرگەندىن باشقا، ھەر قانداق نام بىلەن دۆلەت خەزىنىسىدىن پۇل چىقىرىۋېلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ»، «ھۆكۈمەتنىڭ خامچوتنىڭ سىرتىدا پۇل سەرپ قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.
ئامېرىكىدا بۇنىڭدىن بۇرۇن، ھۆكۈمەت يوللىغان خامچوتنى دۆلەت مەجلىسى تەستىقلىماي، ئىككى چوڭ پارتىيە مۇرەسسەگە كېلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت تاقىۋېتىلىدىغان مىساللار بولغان. 1995-يىلى پرېزىدېنت بىلل كىلىنتون يوللىغان خامچوت دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمەي، كۆپ تالاش-تارتىشتا قالغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 1995-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە؛ يەنە 95-يىل 11-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 96-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە ئىككى قېتىم تاقىۋېتىلگەن. 1950-يىللاردىمۇ ھۆكۈمەت تاقىۋېتىلىدىغان ۋەقە يۈز بەرگەن. ئامېرىكىنىڭ شتاتلىرىدىمۇ ھۆكۈمەتنى تاقىۋېتىدىغان مىساللار بولغان.
يېقىنقى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئوتتۇرىغا قويغان 2011-يىللىق خامچوت لايىھىسىدە 1 تىرىليون 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق قىزىل رەقەم بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ لايىھىنى دۆلەت مەجلىسى تەستىقلىمىغان. ئەسلىدىكى خامچوت بويىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىراجەت قىلىدىغان پۇل پەقەت بۇ يىل 3-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچىلا يېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئەگەر ھۆكۈمەت بىلەن دۆلەت مەجلىسى خامچوت مەسىلىسىدە تېخىچە بىرلىككە كېلەلمىگەن بولسا، قائىدە بويىچە، ھۆكۈمەت تاقىۋېتىلىشى كېرەك. ئەمما ئامېرىكىدىكى ئىككى چوڭ پارتىيە بۈگۈنگە قەدەر ھۆكۈمەتنىڭ تاقىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، خامچوت مەسىلىسىدە مۇرەسسەگە كېلىشكە تىرىشقان، ھەتتا ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتنى كېچىكتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار تېخىچە مۇرەسسەگە كېلەلمىدى.