ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنىي شەھىرىدىكى سوت مەھكىمىسى 22-ئىيۇل كۈنى، 250 كىلوگرام خروئىن ئەتكەسچىلىكى بىلەن قولغا ئېلىنغان، ئاۋسترالىيە تەۋەلىكىگە ئۆتكەن خىتاي سودىگەر خۇ ياڭ ھەم ئۇنىڭ شېرىكلىرى ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، خۇ ياڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى، شېرىكلىرىگە 18 يىللىق ھەم 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى.
بۇ يىل 53 ياشقا كىرگەن خۇ ياڭ 2008-يىلى 12-مارت كۈنى ئۆز شىركىتىدىكى ۋاڭ دەن ھەم ما يۆ ئىسىملىك ئىككى نەپەر خىزمەتچىسى بىلەن بىر كۈندە ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنىي شەھىرىدە ئاۋسترالىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2008-يىلى 4-مارت كۈنى ئاۋسترالىيە تاموژنا خادىملىرى ئۆي سايمانلىرى قاچىلانغان بىر يۈك ساندۇقى ئىچىگە قاچىلانغان خىتايدا ئىشلەنگەن تېگۈەنيىڭ ماركىلىق10 دانە چاي قۇتىسى ئىچىدىن 250 كىلوگرام خىروئىننى بايقىغان بولۇپ، ئاۋسترالىيە ساقچىلىرى بۇ خروئىننىڭ ئەينى چاغدا 78مىليون 500مىڭ ئاۋسترالىيە دوللىرى قىممىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن. ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق مال ئىگىسىنىڭ ئاۋسترالىيىنىڭ سېدنىي شەھىرىدىكى خىتاي سودىگەر خۇ ياڭنىڭ شىركىتى ئىكەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن، خۇ ياڭ ھەم ئۇنىڭ شېرىكلىرىنى 2008-يىلى 11-مارت كۈنى زەھەر ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان. ئەينى چاغدا خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بۇ دېلو زەھەر ئەتكەسچىلىكى تارىخىدىكى 4-چوڭ خروئىن ئەتكەسچىلىكى دېلوسى دەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى.
خۇ ياڭ زەھەر ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان، خۇ ياڭنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار بىلەن بولغان پەۋقۇلئاددە يېقىنلىق مۇناسىۋىتى ھەم ئۇنىڭ يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، ئاۋسترالىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە تۇتقان سىياسىي ئورنى قاتارلىق مەسىلىلەر خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خۇ ياڭ ھەققىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە،، خۇ ياڭ 1995-يىلدىن 2005-يىلغىچە بولغان 10 يىل ئىچىدە ئاۋسترالىيىدە 10 نەچچە قېتىم مەدەنىيەت سەنئەت ئۆمىكى تەشكىللەپ، خىتايدا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ھەم خىتاي مەدەنىيەت ئۆمەكلىرىنىڭمۇ ئاۋسترالىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى ئۇيۇشتۇرغان. خۇ ياڭ يەنە ئاۋسترالىيىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى بەزى ئەمەلدارلىرى بىلەنمۇ قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە ئەلچىلىك رولىنىمۇ ئۆتىگەن. خۇ ياڭ مۇشۇ تۆھپىلىرى بىلەن 2003-يىلى 11-ئايدا بېيجىڭدا خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ بىۋاسىتە قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ، خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم زىيارەت قىلىنغان شۇنداقلا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنىدە ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە مۇراسىمغا تەكلىپ قىلىنغان.
ۋېكىلېكىستىكى خۇ ياڭ ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خۇ ياڭنىڭ شىركىتى جايلاشقان بىنا ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋسترالىيىدە قۇرغان مەلۇم تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىشخانىسى بولۇپ، بۇ بىناغا 200 مېتىر ئارىلىقتا ئاۋسترالىيە بىرلەشمە ساقچى ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈش ئىشخانىسى بار بولۇپ، ئاۋسترالىيە ساقچى دائىرىلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ بۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھەم خۇ ياڭنىڭ شىركىتىنى مۇھىم كۆزىتىش نىشانلىرىنىڭ بىرى قىلغان بولۇپ، ئاۋسترالىيە ساقچى دائىرىلىرى خۇ ياڭنىڭ شىركىتىنىڭ خىتاي بىلەن ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدا يۆتكەپ تۇرىدىغان زور مىقداردىكى بانكا ھېساباتىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئۇزۇن مەزگىللىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ھەققىدىكى پاكىتلار ھەم ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان بەزى تاپاۋەتلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى توپلىغان.
چەتئەللەردىكى خىتايغا قارشى تەشكىلاتلاردىن فالۈنگۇڭ ھەم خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ تور بەتلىرىدە يەنە خۇ ياڭنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن بولغان تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى خەۋەرلەرمۇ بېرىلگەن بولۇپ، يېڭى ئىرا ھەم بوشۈن قاتارلىق تور بەتلىرىدىكى خەۋەرلەردە خۇ ياڭنىڭ خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ جىيەن ئوغلى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقىتىلغان، بۇ خەۋەرلەردە، خۇ ياڭنىڭ ئاۋسترالىيىگە يەرلەشكەندىن بۇيان، ئۈزلۈكسىز ھالدا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقى ھەتتا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋسترالىيىگە يەرلەشتۈرۈلگەن جاسۇسلىرىنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى پەرەزلەر ئىلگىرى سۈرۈلگەن.